Search This Blog

Monday, August 19, 2019

راستىنلا ئاي شارىدا بىر كۈن تۇرسا يەر شارىدا بىر ئاي ئۆتەمدۇ؟


راستىنلا ئاي شارىدا بىر كۈن تۇرسا يەر شارىدا بىر ئاي ئۆتەمدۇ؟

يىراق قەدىمكى زاماندىن تارتىپ كىشىلەر بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسماندىكى تولغان ئايغا قاراپ فانتازىيەلىك خىياللارغا غەرق بولاتتى. چاڭئې راسلا ئايغا چىققانمىدۇ؟ ئاي ئوردىسى ئاي شارىنىڭ نەرىدىدۇ دىگەندەك. ھالبوكى ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ كىشىلەرنىڭ ئايغا بولغان گۈزەل ئارزۇسى ۋە قىززىقىشى توختاپ باقمىغان

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىلا ، ئامېرىكا ئايغا چىقىشنى ئىشقا ئاشۇرغان ئەمما ، ئاينىڭ كۆرۈنۈشى كىشىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، ئاينىڭ يۈزى كىشىلەر يەر يۈزىدە كۆرگەندەك شۇنداق سۈزۈك ئەمەس، ئاي شارىدا نۇرمۇ يوق، بەلكى بىر پارچە تۇتۇق قارا يەرلا بار، ئاي شارىدا ئاساسەن دېگۈدەك ھېچقانداق جانلىق يوق ، سۇ ۋە ھاۋامۇ يوق ، پەقەت چەكسىز قاقاسلىق بار

ئەمما ، كىشىلەر كۆرۈش دائىرىسىنى ناھايىتى تېزلا ئاي شارىنىڭ كەينىگە بۇرايدۇ ھەم بىر قىسىم ئالىملار ئاي شارىنىڭ كەينى تەرىپىدە سىرلىق تاشقى پىلانېت ۋە ھاياتىلىق بولۇشى ياكى بىر قىسىم ئالىي مەدەنىيەت يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىدۇ، بۇ نۇقتىغا قارىتا ، جۇڭگو ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى سىرلىق چۈمپەردىنى ئاچقان، نەتىجىدە كىشىلەر قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى ، يۇقىرى دەرىجىلىك مەدەنىيەت ۋە تاشقى پىلانېتلىقلار دىگەندەك نەرسىلەردىن ئەسلا ئەسەر يوق. 

كىشىلەرنىڭ ئاي شارىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ، بەزىلەر ئاي شارىدىكى ۋاقىت بىلەن يەر شارىدىكى ۋاقىتنىڭ ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. كونىلاردا \\\\\\\\\'ئاسماندا بىر كۈن ، يەردە بىر يىل\\\\\\\\\' دەيدىغان گەپ بار ، ئۇنداقتا ئاي شارىدىكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى قانداق بولىدۇ ؟راستتىنلا يەر شارىدىن ئاستا ئۆتەمدۇ؟ كىشىلەر پەقەت ئاي شارىدا بىر كۈن تۇرۇپ ، يەر شارىدا بىر ئاي ئۆتەمدۇ؟ ئاي شارىدا تۇرغانلارنىڭ قىرىپ كىتىشى ئاستا بولامدۇ ؟

ئالىملار بۇ مەسىلىلەرگە مۇنداق جاۋاب بەردى. ئاي شارى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ ئەگەر ئاي شارىدا بىر يەر شارى كۈنى يەنى 24 سائەت تۇرسا، ئۇنداقتا يەر شارىدا 27.35 كۈنگە توغرا كېلىدۇ لېكىن ، ئادەمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىدا ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ئاي شارىدىكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى يەر شارىنىڭكىدىن ئاستا بولسىمۇ ، لېكىن ئادەمنىڭ ئوخشاشلا قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىمەك ئاي شارىدا تۇرسىڭىز ئۆمرىڭىز ئىنتايىن كوتا بولۇپ قالغۇدەك

#bilimdan   #bilimzar

No comments:

Post a Comment