خۇاۋېي خوڭمېڭ سىستېمىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى
9- ئاۋغۇسىت چۈشتىن كېيىن خۇاۋېي شىركىتى قارمىقىدىكى خوڭمېڭ OS رەسمىي ئېلان قىلىندى.
خۇددى بۇرۇن يۈ چېڭدۇڭ ئېيتقاندەك، خوڭمېڭ OS تۇنجى بولۇپ پۈتكۈل سۇپىغا ئورتاق سىستېما. كومپيۇتېردا ئىشلىتىپلا قالماي، قول سائەت، ئاپتوموبىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازىلىرىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر كەلگۈسىدە ئاندرويد ئىشلەتكىلى بولمايدىغان بولسا، يانفوندا خالىغان ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئاندرويدتىن خوڭمېڭغا يۆتكىلىش ئۈچۈن، پەقەت 1-2 كۈن ۋاقىتلا كېتىدۇ.
يۈچېڭدۇڭ نېمە ئۈچۈن خۇڭمېڭ سىستېمىسىنى ئېچىشقا قارىتا مۇنداق دېدى: ھازىر بار بولغان ئاندىرويىد سىستېمىسى ۋە ھەر خىل بۆلۈنگەن IoT سىستېمىسى، 5G دەۋرىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئارقا كۆرۈنۈشىگە ياخشى ماسلىشالمايدۇ. ھازىر بىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان OS سىستېمىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. ئۇ بارلىق ئۈسكۈنىلەرگە ماسلىشىدىغان، بىخەتەر، تېز، ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇشى كېرەك.
بۇ خۇاۋېي خوڭمېڭ OS نىڭ قۇرۇلما خەرىتىسى، ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتى ئىچكى يادرو، ئۈستىدىكىسى ئاساسىي مۇلازىمەت قەۋىتى ۋە پروگرامما رامكىسى قاتارلىقلار. بۇ نەرسىلەر ئارقىلىق، خوڭمېڭ OS ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىلەرنى تىرەپ، ئوخشاش بولمىغان پروگراممىلارنى يۈرگۈزەلەيدۇ.
بىر يۈرۈش سىستېما، ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىلەرگە ماس كېلىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىقتىدارى كۈچلۈك ئاجىز بولىدۇ.
مانا دەل بۇ خۇڭمېڭ OS نىڭ ئىچكى يادروسىنىڭ ئىنتايىن ئىخچاملىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى ئالما iOS ياكى ئاندىرويىد بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى Linux، Unix نى ئاساس قىلىدۇ. بۇنداق ئىچكى يادرو ئىنتايىن چوڭ، ئاندىرويىد مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ 100 مىليون قۇر كودى بار، پەقەت ئىچكى يادرولا بىر تۈر بولۇپ، 20 مىليوندىن ئاشىدۇ، ئىنتايىن مۇرەككەپ.
ئادەتتە بىزنىڭ ھەقىقىي ئىشلىتىدىغىنىمىز پەقەت% 8 كود، بۇنداق چوڭ لايىھەلەشنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تولىمۇ تەس. شۇڭا، خۇڭمېڭ OS كە ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىلەرنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مىكرو ئىچكى يادرو قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن. ئەلۋەتتە خوڭمېڭ OS نى ئوخشاش بولمىغان ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. يەنە شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، خوڭمېڭ OS بۇ ئۈسكۈنىلەرنى تۇتاشتۇرالايدۇ.
مەسىلەن، بىزنىڭ قول سائىتىمىزدە كامېرا بولمىسا، ئۇنداقتا يانفوننىڭ كامېراسىنى ئىشلىتىمىز. بىز PC دىكى كامىرانى ياخشى ئەمەستەك ھېس قىلغان بولساق، يانفۇندىكىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
بىر ئاكونتتىن ئورتاق بەھرلىنىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، « ئالمىنىڭ iPhone، ipad، iMac، AirPods قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ماسلىشىش» نىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى دېسەكمۇ بولىدۇ.
خۇۋاۋېي خۇڭمېڭ OS نى ئىشلەتسىمۇ، قىلغىلى بولىدۇ.
تېخىمۇ بىخەتەر
مىكرو ئىچكى يادرو قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىشنىڭ پايدىسى بۇلا ئەمەس. مىكرو يادرو يەنە ئىچكى يادرو دەرىجىلىك بىخەتەرلىكىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەنئەنىۋى سىستېمىنىڭ شەكلەن ئىسپاتلاشتا مۇنداق بىر مەسىلە بار:
بىر قۇر پروگرامما تۈزۈش، شەكلەن كود 100 قۇر.
ئۇنداقتا 20 مىليون ماكرو ئىچكى يادرو، 2 مىليارد شەكلەن كودى بولىدۇ.
شۇڭا سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن مىكرو ئىچكى يادرو كىچىك بولسا، شەكلەن دەلىللەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ھەر بىر قۇر پىروگراممىنىڭ تەرتىپىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، مىكرو يادرونىڭ تەبىئىي ھالدا ئاندىرويىد سىستېمىسىغا ئوخشاش Root ھوقۇقى بولمايدۇ، شۇڭا ھوقۇق باشقۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ ئىلغار بولىدۇ. خۇڭمېڭ سىستېمىسىنىڭ ئىچكى يادروسى بىلەن تاشقى يادروسى ئايرىلىپ تۇرىدۇ. شەكىل، توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش، ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش قاتارلىقلار بىخەتەرلىككە چېتىلىدىغانلارنىڭ ئايرىم قۇلۇپى بار.
رەسىمنىڭ« ئاچقۇچى» نى ئالغان تەقدىردىمۇ، ئىچكى ساقلىغۇچنى باشقۇرۇش ئاچقۇچىنى ئالالمايسىز، مىكرو يادروغا تېگىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.
شۇڭا، خۇڭمېڭ OS بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى مەنبەدىن يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. يۈ چېڭدۇڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: نۆۋەتتە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئادەتتە 2-دەرىجە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 3-4-دەرىجە. خوڭمېڭ OS بولسا 5 دەرىجىگە يېتىشى، ھەتتا 5 + دەرىجىگە يېتىشى مۇمكىن.
تېخىمۇ راۋان
ھازىرقى ئاندىرويىد، Linux ئىچكى يادروسىنىڭ ئادىل تەڭشەش مېخانىزمىنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: يۈك ئاپتوموبىلى، تېز ئاپتوموبىل، ۋېلىسپىتلارنىڭ ھەممىسى تاشيولدا قالايمىقان توسۇلۇپ قالغاندا. ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېس قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ناھايىتى تەس.
ئەمما خۇڭمېڭ OS، ۋاقىت كېچىكتۈرۈش ماتورىنى بېكىتىش ئارقىلىق، ئەمەلىي قوللىنىش ئالاھىدىلىكىنى ھەر ۋاقىت ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. تېز ماڭغان ماشىنا تېز سۈرئەتلىك ئاپتوموبىل يولىغا، ۋېلىسىپىت ئەڭ ئاستا يولىغا بارىدۇ. ئالدى بىلەن تۆۋەن كېچىكتۈرۈش مۇساپىسىگە ئاۋاز قوشۇپ، ئابونتلارنىڭ راۋانلىقنى ھېس قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
خۇاۋېينىڭ فاڭجوۋ تەرجىمە ئەسۋابىغا ماسلىشىپ، ئاندرويد ئەپلىرىنى خوڭمېڭ OS تە ئىجرا قىلىدۇ، ئىجرا قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا% 60 يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇاۋېينىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، خوڭمېڭ OS نىڭ لىنىيە ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش ئۈنۈمى ھازىرقى سىستېمىدىن ئۈچ ھەسسىدىن بەش ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن.
تېخىمۇ ئاددىي
نۆۋەتتە، خۇاۋېي خوڭمېڭ OS ئىچكى يادرو يادروسى Linux نىڭ ئىچكى يادروسىغا ۋارىسلىق قىلدى. بۇ خۇڭمېڭ OS تە ھازىر بار بولغان ئاندىرويىد پروگراممىسىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدىغانلىقى، يەنى قاچىلاپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خۇاۋېي تەمىنلىگەن فاڭجۇ تەرجىمان ئارقىلىق، كۆپ تېرمىنال IDE مۇھىتىدا، ئاچقۇچىلار يەنە بىر قېتىم لا پىروگىرامما تۈزۈپ، كۆپ خىل تېرمىنالغا قاچىلىيالايدۇ.
A ماركىلىق يانفوننىڭ پىروگراممىسىنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، B ماركىلىق يانفوننى ماسلاشتۇرۇش ھاجەتسىز. يانفون ئەپلىرىنى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى تۈزۈش ھاجەتسىز.
بۇ خوڭمېڭ ئېكولوگىيىسىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
خۇڭمېڭنىڭ كەلگۈسى
خوڭمېڭ سىستېمىسىنىڭ تۇنجى ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتى ئەتە ئېلان قىلىنىدىغان روڭياۋ ئەقىل-پاراسەت ئېكرانى (荣耀智慧屏) بولىدۇ.
2020-يىلىغا بارغاندا، خۇڭمېڭ OS نىڭ دەرىجىسى 2.0 گە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئىچكى يادرو ۋە ئەمەلىي قۇرۇلما ھەممىسىنى ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان.
2021-يىلىدىن كېيىن، خوڭمېڭ OS نىڭ 3.0 نەشىرى ياڭراتقۇ، تىڭشىغۇچ، VR قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدىكەن.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن قارىغاندا، خوڭمېڭ OS بىخەتەر، تەقسىملەنمە ئىقتىدار، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن پۈتۈن كۆرۈنۈش جەھەتتە ھازىرقى ئاندىرويىد سىستېمىسى ۋە iOS سىستېمىسىدىن كۆپ كۈچلۈك بولىدىكەن.
تېخىمۇ مۇھىمى، خۇاۋېي خۇڭمېڭ OS نى ئوچۇق مەنبەلىك تارقىتىشنى قارار قىلدى.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خۇاۋېي دۇنيادىكى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ كۈچىنى توپلىماقچى.
بىلىمدان بىلىمزار
No comments:
Post a Comment