Search This Blog

Thursday, August 29, 2019

يادرو باتارىيىسى قانچىلىك ۋاقىت يىتىدۇ؟ پىرىنسىپى نىمە ؟

يادرو باتارىيىسى قانچىلىك ۋاقىت يىتىدۇ؟ پىرىنسىپى نىمە ؟



  يادرو باتارىيىسى 

ساياھەتچى 1ـ نومۇر ئىككى دانە «رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپلۇق سۇۋارىئاتسىيە باتارېيە» نى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئادەتتە يادرو باتارېيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ باتارىيەنى 2025ـ يىلىغىچە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، ئىككى پارچە يادرو باتارېيەسى 48 يىلغىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىكەن
يادرو باتارېيەسىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپنىڭ يىمىرىلىشىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىلىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن قۇرۇلما قويۇپ بەرگەن ئېنېرگىيەنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئالەم كېمىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىدۇ، يادرو باتارېيەسى 1956ـ يىلى كەشىپ قىلىنغان، ساياھەتچى 1ـ نومۇر 1977ـ يىلى بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن
يادرو باتارېيەسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ يىمىرىلىش جەريانىدا، ئېنېرگىيەنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆپ قىسمى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئىسسىقلىق بىلەن توكنى ئايلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى بۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى داۋاملىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ.
يادرو باتارېيەسىنىڭ بىر قانچە ئالاھىدىلىكى بار:
1. ئېنېرگىيە يىمىرىلىش جەريانىدىكى ماسسىنىڭ خورىشىدىن كېلىدۇ، شۇڭا ئىنتايىن ئاز يىمىرىلىدىغان ماددىلار كۆپ مىقداردا ھەم سىجىل ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ.
2. يىمىرىلىش تېمپېراتۇرا، بېسىم ۋە ھەر خىل مۇھىت ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، شۇڭا يادرو باتارېيەسىنىڭ ئېنېرگىيە چىقىرىشى ئىنتايىن مۇقىم بولىدۇ.
3. يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى ئۇزۇن بولغان ماددىلارنى تاللاپ بېكىتكەندە، يادرو باتارېيەسىنى بىر قەدەر ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ساياھەتچى 1ـ نومۇردا ئىشلەتكەن پلوتونىي ـ 238 نىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 877 يىل بولىدۇ 


يادرو باتارېيەسىنىڭ ئىشلىتىلىشى پىشىپ يېتىلدى بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇنلا ئامېرىكىدىكى ئاپوللو ئايغا چىققاندا، يادرو باتارېيەسى ئارقىلىق ئاي شارىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى پار بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ قۇرۇلما رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ئىسسىقلىق چىقارغۇچ دەپ ئاتالغان.

سۈرەتتىكىسى ساياھەتچى 1ـ نومۇردىكى يادرو باتارېيەسى بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى قارامتۇل قىزىل رەڭلىك بۆلىكى پلوتون تۆت ئوكسىدى ئىكەن
ئوخشاش بولمىغان رادىيوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە يادرو باتارېيەسىنى ياسىغىلى بولىدۇ، يادرو باتارېيەسى نۇرغۇن ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، تېببىي ساھەدە قىسمەن سۈنئىي يۈرەكلەرگە ئىشلىتىلگىنى دەل يادرو باتارېيەسىدۇر.

ساياھەتچى 1ـ نومۇر


#bilimzar    #bilimdan

No comments:

Post a Comment