سىتالىن50يىل يوشۇرغان شەرمەندىچىلىك
سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى« مەڭگۈلۈك ئېچىلماس» بىر مەخپىي ئارخىپ بار ئىدى، بۇ ئارخىپنى سىتالىن ئۆزى پېچەتلىگەن، بۇ ئارخىپتا زادى نېمە خاتىرلەنگەن، بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى، 1992-يىلى 10-ئايدا، روسىيە باشباقانى يېلىتسىن بۇ پىچەتلەنگەن 50 يىللىق مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلىغان
ر1941-يىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنتايىن جىددىي بىر مەزگىلگە كىردى، گېرمانىيەنىڭ ھەربىي كۈچى كۈچلۈك، سوۋېت ئىتتىپاقى گەرچە ئاجىز بولمىسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە چاقماق تېزلىكىدە ھۇجۇم قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ
گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغان ھەربىي بازا، گېرمانىيە سمولېنسك رايونىنى ئىشغال قىلىپلا كاتىن ئورمانلىقىغا يۈرۈش قىلغان، ئۇ كاتىن ئورمانلىقىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي رايونى دەپ ئاڭلىغان، شۇنىڭ بىلەن گىتلېر كاتىن ئورمانلىقىغا يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈش جەريانىدا گىتلېر كاتىن ئورمانلىقىدا بىر قىسىم ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھەقىقەتەن بايقاپ قالغان
كېيىن نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، گېتلىر بۇ تەكشۈرۈشتىن ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى، بۇ گېتلىرنىڭ تۇنجى قېتىم كاتىن ئورمانلىقىغا كىرىشى بولۇپ، 1943-يىلىغا كەلگەندە سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئۇرۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، گېرمانىيە كاتىن ئورمانلىقىدىكى بىر قىسىم مېترولارنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن. مەجبۇرىي قوبۇل قىلىنغان ئەمگەكچىلەرنى كاتىن ئورمانلىقىغا ئاپىرىپ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سالدى، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەمگەكچىلەر كاتىن ئورمانلىقىدىن بىر قىسىم جەسەتنى كولاپ چىقتى، قېزىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار« تۈمەن كىشىلىك» ئازگالنى بايقىدى، بۇيەردىن چىققان جەسەتلەرنىڭ ئۇچىسىدىكىسى بولسا يا نېمىسلارنىڭ ھەربىي فورمىسى ئەمەس يا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي فورمىسى ئەمەس ئىدى
تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ كىشىلەر پولشالىق بولۇپ چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ قىسىم جەسەتلەرنى پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقى ئىختىساسلىقلىرى ئىشلىتىدىغان باغلاش ئۇسۇلى بىلەن باغلىغان، بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا، سوۋېت ئىتتىپاقى گېرمانىيەنى ئەيىبلىدى، گېرمانىيە بولسا سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۆڭگەپ قويدى، پولشا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خەۋەرگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. 1939-يىلىدىن 1940-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى 250 مىڭ پولشالىقنى ئەسىرگە ئالغان، كېيىن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، ئەسىرلەر مەسىلىسىمۇ بىر تەرەپ قىلىنغان، لېكىن ئەسىرلەر ئىچىدە 20 مىڭ ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىدى، كاتىن ئورمانلىقىغا كۆمۈلگەن 4000دىن ئارتۇق پولشا يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرى« يوقاپ كەتكەن» كىشىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇشى مۇمكىن
ت1943-يىلى 10-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى كاتىن ئورمانلىقىنى قايتۇرۋالدى، گېرمانىيىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى كاتىن ئورمانلىقىغا بېرىپ كۆمۈلگەنلەرنىڭ ئۆلۈش ۋەقەلىرىنى تەكشۈردى، ئۇلار تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتىنى بايقىدى، ئۇلار بولسا 1940-يىلىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن، بۇ ئىشمۇ ئىزچىل گۇمانلىق ئىدى. 1992- يىلىغا كەلگەندە، سىتالىن مەڭگۈلۈك پىچەتلىگەن ئارخىپ توپتوغرا 50 يىلدىن كىيىن بۇ ئىشنىڭ تۈگۈنىنى يەشتى، ئۇنىڭدا ئەسىرگە چۈشكەن پولشا ئوفىتسېرلىرىنىڭ دەرىجىسى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن، سىتالىن ئۇلارنى تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قاراپ، 25700 ئوفىتسىر ئەسىرلەرنى ئېتىپ تاشلىغان، بۇ ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى رۇسىيەگە نىسبەتەن ياخشى ئىش ئەمەس دەپ قاراپ مەڭگۈلۈك پىچەتلىگەن
لېكىن رۇسىيە باشباقانى يېلىتسىن يەنىلا تاللاشنىڭ ئاشكارا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، پولشا يېلىتسىننى« جىنايىتىنى بوينىغا ئالدى» دەپ ماختىدى، ھەتتا باھا بەردى، ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقى 1970-يىلى 12-ئايدا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى برانت ۋارشاۋادا يەھۇدىيلار بىلەن تىزلىنىپ تۇرۇپ جىنايىتىنى ئىقرار قىلىش بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇردى
بىلىمدان بىلىمزار
No comments:
Post a Comment