Search This Blog

Monday, August 19, 2019

تۈن سەيلىسىنى چۇشىنەمسىز؟

يالغاندىن ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ئادەمنى مەڭگۈ ئويغاتقىلى بولمايدۇ. بىراق، «تۈن سەيلىسى» قىلىۋاتقان ئادەمنى ئويغاتقىلى بولىدۇ. ناۋادا يېنىڭىزدىكىلەرنىڭ «تۈن سەيلىسى»قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىسىڭىز چوقۇم ئويغىتىۋېتىڭ. بىز دائىم «تۈن سەيلىسى» قىلغانلار ئويغىتىۋېتىلسە قورقۇپ كېتىپ ساراڭ بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز ھەم خېلى ئاساسىي باردەك ھېس قىلىمىز. بىراق، بىزنىڭ بۇ قاراشقا ئالدىنىپ كېلىۋاتقىنىمىزغا ئۇزۇن يىللار بولدى. «تۈن سەيلىسى» قىلىۋاتقانلارنى ئويغىتىۋېتىش ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى ياردەم قىلغانلىق.

«تۈن سەيلىسى» ئەمەلىيەتتە ئۇيقۇ كاشىلىسى بولۇپ، «تۈن سەيلىسى كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭىسىدىكى ھەرىكەتنى كونترول قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا ياكى بىر نەچچە گۇرۇپپا نېرۋا ھۈجەيرىسى ناھايىتى جۇشقۇن ھالەتتە تۇرغانلىقتىن «تۈن سەيلىسى»گە سەۋەبچى بولىدۇ. بىراق، ئادەتتىكى ئادەملەر ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى ھۈجەيرىلەر تورمۇزلانغان ھالەتتە تۇرىدۇ. ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى ئەمەلىيەتنىڭ نۇرغۇن ئادەمنىڭ پەرىزىدىكىنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى، «تۈن سەيلىسى» قىلىۋاتقانلارنى ئويغىتىۋېتىشنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«تۈن سەيلىسى» قىلغانلار دائىم ھەرخىل غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ قويىدۇ. «تۈن سەيلىسى»قىلغانلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بەزىلەر«تۈن سەيلىسى» قىلغاندا ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا سىرتقا چىقىپ كېتىدىكەن؛ بەزىلەر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئېتىپ يەپ بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ ئۇخلاپ قالىدىكەن؛ يەنە بەزىلەر سىرتقا چىقىپ قولىغا ھەرخىل ئەسۋابلارنى ئېلىۋالىدىكەن ياكى ئالدىنى توسۇۋالغان نەرسىلەردىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدىكەن، بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. «تۈن سەيلىسى» قىلىدىغانلارنىڭ مۇشۇنداق غەلىتە ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى بەزى جايلاردا «تۈن سەيلىسى» قىلىۋاتقانلارنى ئويغىتىۋەتسە ئۇلار چۆچۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ دەيدىغان قاراش تارقالغان. ساغلاملىق مۇتەخەسسىلىرى «تۈن سەيلىسى» قىلىۋاتقان ئادەمنىڭ ئويغىتىۋېلىش سەۋەبلىك قورقۇپ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ بىر ئادەمنىڭ چۈشىدە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندىن كېيىن راستىنلا ئۆلۈپ كەتكىنىگە ئوخشايدىغانلىقى، بۇنداق ئېھتىماللىقنىڭ ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى بىلدۈردى.

«تۈن سەيلىسى» كېسىلى پەقەت ئۇيقۇ قالايمىقان بولۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى. كۆپ قىسىم كىشىلەر«تۈن سەيلىسى» قىلغاندا ئولتۇرۇش، ئۆي ئىچىدە مېڭىش، كىيىمىنى كىيىش ياكى سېلىش دېگەندەك ئادەتتىكى ئىشلارنى قىلىدۇ. بىراق، ئاز ساندىكىلەر تاماق ئېتىش، دېرىزىدىن يامىشىش، ماشىنا ھەيدەش دېگەندەك غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ سالىدۇ. «تۈن سەيلىسى» قىلىش ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغاندا بىر نەچچە سېكونت، ئۇزۇن بولغاندا 30 مىنۇت، ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ.

ئامېرىكا مىننىسوتا ئىشتاتى ئۇيقۇ كاشىلىسى تەتقىقات مەركىزىدىكى كارلوس شېنك: «تۈن سەيلىسى قىلغاندا ئادەم يېرىم ئۇيقۇلۇق، يېرىم ئويغاق ھالەتتە تۇرىدۇ. بۇ جەرياندا چوڭ مېڭە δ دولقۇنى ۋە θ دولقۇنى چىقىرىدۇ. بۇ تۈن سەيلىسى قىلغۇچىنىڭ بىر خىل گاراڭ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ» دېدى. كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا، تۈن سەيلىسى قاتتىق ئۇيقۇنىڭ 3- ياكى 4-بۆلەكلىرىدە يۈز بېرىدۇ. بۇ ئىككى باسقۇچتا چوڭ مېڭە δ دولقۇنى چىقىرىدۇ، ئادەم ھېچقانداق چۈش كۆرمەيدۇ. شېنك يەنە: «يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ «تۈن سەيلىسى» قىلىش خەتىرى باشقىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. ناۋادا بىر بالىنىڭ راستىنلا «تۈن سەيلىسى» قىلىدىغان ئادىتى بولسا ئۇ ئۇخلاپ 45 مىنۇتتىن كېيىن ئويغىتىۋېتىش ئارقىلىق ئۇيقۇ جەريانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتسە بولىدۇ. ئادەتتە، بالا تىنچلانغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ كېلىپ ياتقۇزۇپ قويۇش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
17% بالا ئاز دېگەندە بىر قېتىم بولسىمۇ «تۈن سەيلىسى» قىلىپ باقىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە «تۈن سەيلىسى» قىلىدىغانلار نىسبىتى 12-11 ياش بالىلاردا يۇقىرى بولىدۇ؛ ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن «تۈن سەيلىسى» قىلىدىغانلار نىسبىتى ئازىيىدۇ؛ قۇرامىغا يەتكەنلەر ئارىسىدا بۇ نىسبەت تېخىمۇ ئاز بولىدۇ، پەقەت %2.5نىلا ئىگىلەيدۇ.

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇيقۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مايكول «تۈن سەيلىسى» قىلىۋاتقانلارنى ئويغىتىۋېتىشنىڭ ئادەمنى ئىككىلەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ««تۈن سەيلىسى» قىلىۋاتقانلار ئويغىتىۋېتىلگەندە قورقۇپ كېتىشى ياكى نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن. بىراق، مەن كۆرگەن ماتېرىياللاردا بۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر توغرىلىق خاتىرە يوق. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىگە ئۆزلىرى «تۈن سەيلىسى» جەريانىدا قىلغان ئىشلىرى سەۋەبچى بولىدۇ» دېدى.

شېنك بۇ توغرىسىدا بىر مىسال ئالدى. بىر 10 ياشلىق ئورۇق قىزچاق «تۈن سەيلىسى»  قىلىش جەريانىدا ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى قومۇرۇۋەتكەن. بىراق، ئويغاق ۋاقىتتا ئۇنچىلىك كۈچى يوق. دوختۇرلار «تۈن سەيلىسى» قىلىدىغانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشى ئۈچۈن تىنچلاندۇرۇش دورىسى بېرىدۇ. بىراق، «تۈن سەيلىسى» ئاندا-ساندا، تاسادىپىي يۈز بېرىپ قالىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ناۋادا سىز «تۈن سەيلىسى» قىلغان ئادەم ئەتىسى ئويغانغاندا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ئېھتىمال قەتئىي ئىشەنمەي تۇرۇۋېلىشى ۋە بەكلا غەلىتە ھېس قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار بۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېسىدە 
تۇتالمايدۇ.

#bilimdan #bilimzar 

No comments:

Post a Comment