Search This Blog

Saturday, August 10, 2019

كۆزگە قاراپ ئادەمنى چۈشىنىش

كۆزگە قاراپ ئادەمنى چۈشىنىش 



ئامېرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ئوۋ خېڭلىنىڭ مۇنداق بىر داڭلىق گېپى بار:« ئادەمنىڭ كۆزى دەل يول باشلىغۇچى چىراغ»، بۇ گەپنىڭ مەنىسى ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىچكى دۇنياسىدىكى نۇرغۇنلىغان مەخپىيەتلىكلەر يوشۇرۇلغان، شۇڭلاشقا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بىلىشنى ئۆگىنىۋالىسڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.

ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى باشقا ئەزالارغا ئوخشاش قانچە ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە ئىتتىكلىشىدۇ، ئىشلەتمىسە كۈندىن-كۈنگە كارغا كەلمەس بولۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا دائىم گەپ قىلىپ تۇرىدىغان گەپگە ئۇستا كىشىلەرنىڭ مەركىزى نېرۋا سېستىمىسى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا ئادەم گەپ قىلغاندا چوڭ مېڭىسىدىكى مەلۇم بىر قىسىمنىڭ قان ئايلىنىشى ئادەتتىكى ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېز بولىدۇ، شۇڭلاشقا قانچە گەپكە ئۇستا، جېق گەپ قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى بۇ رايون ناھايىتى تەرققىي قىلغان بولىدۇ، بۇ رايون قانچىكى تەرەققىي قىلغان بولسا، ئادەمنىڭ كۆزى شۇنچە سىرتقا پولتىيىپ چىقىپ قالىدۇ، يەنى سىزنىڭ ئالدىڭىزدا كۆزى سىرتقا پولتىيىپ چىقىپ قالغان ۋە كۆزى ئىچىگە كىرىپ كەتكەن ئىككى خىل ئادەم پەيدا بولسا، ئالدىنقى ئادەم چوقۇم گەپ قىلشقا ئامراق، گەپكە ئۇستا ئادەم ، بۇنداق ئادەم گەپ باشلىنىشى بىلەنلا سۆزلەپ توختىمايدۇ، بۇنداق ئادەملەرنىڭ گېپىدىن نۇرغۇنلىغان ئۆزىڭىزگە پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز. ئەلۋەتتە سىزنىڭ رەقىبىڭىز گەپ قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان، تىنچ ئادەم بولىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەيسىز، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنىڭ كۆز ھەرىكىتىنى كۆزەتسىڭىز بەلكىم ئۈنۈملۈك ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن.
مەسىلەن سىز پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز تۈزگەن لاھىيەنى تونۇشتۇرۋاتقان ۋاقتىڭىزدا قارشى تەرەپنىڭ كۆزى باشقا يەردە بولسا، ئۇ ياكى سىزنىڭ گېپىڭىزغا قىززىقمىغان، ۋە ياكى باشقا ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتقان بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا سىز دەرھال گەپنىڭ تېمىسىنى ئۆزگەرتمىسىڭىز ئۇتۇق قازىنىشىڭىز تەسكە توختايدۇ، يەنە مەسىلەن ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئۆزگەرگەندە ئۇنىڭ كۆز قارچۇغىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇنى ئادەمنىڭ ئۆزى ھېس قىلالمىغان بىلەن ئۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەن ئادەم ئېنىق بىلەلەيدۇ، بۇ دەل نۇرغۇنلىغان قەرت ئۇستىلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن يېڭىشىنىڭ سەۋەبى، چۈنكى ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارىچۇغىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قولىدىكى قارتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايدۇ، بىر ئادەم ناھايىتى خۇشال بولغاندا ئۇنىڭ كۆز قارىچۇغى ئادەتتىكىدىن تۆت، بەش ھەسسە چوڭىيىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا كۆز قارىچۇقى كىچىكلەپ كېتىدۇ.
ئادەمنىڭ كۆزى ناھايىتى تېزلا كۆڭلىدىكى ئوي-خىياللارنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، ئادەمنىڭ قاپىقى ئازراق ساڭگىلىغان، كۆز قارىسى توختىماستىن مىدىرلاۋاتقان، قارشى تەرەپكە ئۇدۇل تۇرۇپ قارىيالمايۋاتقان بولسا، دېمەك ئۇنىڭ قورسىقىدا جىن بار بولىدۇ، ئەكسىچە راستچىل كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تەبىئىي تىكىلىپ تۇرالايدۇ، قەستەن راستچىل قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان كىشىلەر قارىماققا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرالىغان بىلەن، ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى جىننى يوشۇرۇش ئۈچۈن قارشى تەرەپكە غەلىتە ھالەتتە كۆزىنى ناھايىتى يوغان ئېچىپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىنى چىمىلدىتىش قېتىم سانىدىنمۇ ئۇنىڭ يالغان ئېيتقان-ئېيتمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئادەتتە يالغان ئېيتىپ كۆنمىگەن كىشىلەر يالغان ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ كۆزىنى چىمىلدىتىش قېتىم سانى ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ، يەنە بەزى كىشىلەر قارشى تەرەپكە يانتۇ قارايدۇ، ئادەتتە يانتۇ قاراشنىڭ ئۈچ خىل مەنىسى بار، يەنى قارشى تەرەپ سىزگە قىززىققاندا، قارشى تەرەپ كۆڭلىدە بىرەر ئىش ئۈچۈن ئىككىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ۋە سىزنىڭ دېگەن گەپلىرىڭىزگە نارازى بولغان ۋاقىتتا سىزگە يانتۇ قارايدۇ.
يۇقاردىكى ھادىسىلەردىن قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىلەلەيسىز.

bilimdan -bilimzar

No comments:

Post a Comment