ئاتومدىن تۈزۈلگەن بەدەندە نىچۈن ئاڭ بولىدۇ؟ئالىملار نىمە دېدى ؟
بىز ياشاۋاتقان يەر شارىدا نەچچە يۈز مىڭ خىل جانلىق ياشايدۇ، بۇ نەچچە يۈز مىڭ خىل جانلىق ئىچىدە يەنە بىر خىل تەڭداشسىز تۈر بارلىققا كەلدى، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانلار. ئىنسانلار نۆۋەتتە يەر شارىدا بىردىنبىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يۇقىرى ئەقىل ـ پاراسەتكە ئىگە جانلىق بولۇپ، ئىنسانلاردا پىلنىڭ گەۋدىسى، يولۋاسنىڭ ئۆتكۈر تىرنىقى بولمىسىمۇ، شۇنداقلا ئۇچار قۇشلارنىڭ ئۇچۇش ئىقتىدارىدەك ئىقتىدارى يوق بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلار تەڭرى ئاتا قىلغان ئەقىل ـ پاراسىتىگە تايىنىپ يەر شارىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقىل ـ پاراسەت تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ باشقا تۈرلەر بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، ئىنسانلار باشقا ھايۋانلاردا يوق بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا، يەنى ئاڭغا ئىگە، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىي قىلغان چوڭ مېڭىسى ھەر ۋاقىت ئاڭ پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ،
بۇ ئاڭ پائالىيەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىنسانلارنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يەر شارىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
يەرشارى

چوڭ مېڭە نېرۋا سىستېمىسى
ئاڭ بىر خىل كۆرگىلى بولمايدىغان، تۇتقىلى بولمايدىغان، ئەمما ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان نەرسە، بۇنداق سىرلىق پائالىيەتكە نىسبەتەن ئىنسانلار ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ئېنىق بىر ئۇقۇم بېرەلمەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ئىنسانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت ئاڭنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالايدۇ، مەسىلەن قورقۇنچلۇق فىلىم كۆرگەندە قورقىدۇ، قورسىقى ئاچقاندا تاماق يېيىشنى ھېس قىلىدۇ، ئۇيقۇسى كەلگەندە ئۇخلاشنى ھېس قىلىدۇ ......
گەرچە بىزدە ھەر ۋاقىت ئاڭ پەيدا بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانلار ئاڭنىڭ زادى قانداق پەيدا بولغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئاڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھازىرغىچە بىلمەيدۇ.
ئاڭنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىگە نىسبەتەن، نۆۋەتتە بىر قەدەر ئىلمىي بولغان قاراش ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدە بىر ئېنېرگىيە مەيدانى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئېنېرگىيە مەيدانى مەلۇم مېخانىزمنىڭ تەسىرىدە ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ، يەنى ئاڭ چوڭ مېڭىدە پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلى. يەنە بىر خىل قاراش شۇكى، ئادەم بەدىنىدە روھ دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار، ئىنسانلارنىڭ ئېڭى روھتىن ئىبارەت بۇ ماددىدىن پەيدا بولىدۇ.
زادى قايسى خىل قاراش راست، نۆۋەتتە يەنە ئېنىق بولغان جاۋابمۇ بار، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلارنىڭ ئاڭغا بولغان تونۇشىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلارنىڭ ئېڭى بىر خىل ماددىي فورماتسىيە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ خىل ماددىي فورماتسىيەنى ئۆزگەرتكىلى ۋە يۆتكىگىلى بولىدىكەن، ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن مەڭگۈلۈك ھايات ئەمەلگە ئاشىدىكەن
چۈنكى ئالىملار ئاڭنى ساقلاش ۋە يۆتكەش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ خىل تەتقىقات نەتىجىسى كەلگۈسىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا بىرلەشتۈرۈلسە، ئىنسانلار بىر ئادەمنىڭ ئېڭىنى ماشىنا ئادەمگە يۆتكەپ، ئاڭنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ،بۇ ئادەمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى خۇشاللىق ۋە قايغۇسىمۇ ئاڭغا ئەگىشىپ يۆتكەلگەن ماشىنا ئادەمگە ئېلىپ كېلىدۇ، بۇنداق بولغاندا يەنە بىر خىل شەكىلدىكى مەڭگۈلۈك ھايات ئەمەلگە ئاشىدۇ
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment