Search This Blog

Tuesday, August 20, 2019

رۇسىيەنىڭ ئالياسكىسى قانداقسىگە ئامېرىكىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغان؟

رۇسىيەنىڭ ئالياسكىسى قانداقسىگە ئامېرىكىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغان؟

رۇسىيەنىڭ ئالياسكىسى قانداقسىگە ئامېرىكىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ قالغان؟

19-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ سودا ئەلۋەتتە چاررۇسىيەنىڭ ئالياسكىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بېرىشىدىن باشقىسى ئەمەس. ئەينى چاغدا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمىغاندەك قىلغان بۇ زېمىن سودىسىنىڭ مۇھىملىقى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ، ئاخىرىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا باشلانغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا بىراقلا پارتلاپ چىقتى ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ غەلىبىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپقۇ «يەر دېگەن ئالتۇن قوزۇق» دەپ بىكار دېمەپتىكەن چوڭلار، يەر سېتىپ پۇشايمان قىلمىغان ئادەم بولمىسا كېرەك جاھاندا. رۇسيەلىكلەرمۇ  ئەڭ باشتا ئۆزى بايقاپ ئۆزى ئېچىپ ئۆزى «ئالياسكا» دەپ بىر چىرايلىق ئىسىم قويۇپ يۈز يىلدەك ئىدارە قىلغان بۇ زېمىننى ئاخىرىدا سېتىپ قويغىنىغا ئۆلگۈدەك پۇشايمان قىلىۋاتقىلى نېكەم، ئەمما توخۇ سۈتىنىمۇ تاپقىلى بولىدىغان توردا سېتىلمايدىغان بىردىنبىر نەرسە دەل مۇشۇ پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا.

ئۇنداقتا بىز ھازىر بۇ زېمىن سودىسىنىڭ باش ئاخىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. 
ئەمەلىيەتتە ئەڭ دەسلەپتە ئالياسكىنى بايقىغانلار رۇسيەلىكلەر ئەمەس بەلكى دانىيەلىكلەر. ئەمما بايقاش باشقا گەپ، ئىدارە قىلىش باشقا گەپ. رۇسىيە ئالياسكىغا بەكلا يېقىن، زېمىنى تۇتىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسلار سوغۇققا تۇغما چىداملىق خەق، شۇڭا ئۇلار «بازار چاققاننىڭ» دەپ ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ بېرىنگ بوغۇزىدىن ئۆتۈپلا1799-يىلى (يەنى ناپولېئون مىسىرنى بېسىۋالغان يىلىسى) ئالياسكىنى ئىگىلەپ خەرىتىسىگە قوشۇۋالدى.(بىر قەدەم كېچىكىپ لېۋىنى چىشلەپ قالغان دانىيەلىكلەر ئامالسىز باشقا يەر ئىزدەپ ئاخىرىدا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئارال گىرىنلاندىيەنى ئىگىلەپ، ھازىرغا قەدەر بۇ غايەت زور ئارالنى قانچە پۇل لازىم بوپ كەتسىمۇ ئامېرىكىغا سېتىۋەتمەي، لازىم دېسە ئاپتونومىيە بېرىپ دېگەندەك ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرماقتا.)

چاررۇسىيە نېمىشقا بۇ زېمىننى نېمىشقا سېتىۋېتىدۇ؟ گەپنى 1853-يىلى پارتلىغان قىرىم ئۇرۇشىغا يۆتكەشكە توغرا كېلىدۇ. ئاشۇ ئۇرۇشتا ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە ئوسمان ئىمپېرىيەسى بىرلىشىپ چاررۇسىيەگە جەڭ ئېلان قىلغان، رۇسىيە ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تازا پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرغاندا تەڭداشسىز دانا چار پادىشاھ ئالىيلىرى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ: «ئۇرۇشتىمۇ يېڭىلدۇق مانا، قايتا قۇرۇشقا نۇرغۇن پۇل كېتىدۇ، يەنە كېلىپ يانچى قۇللارنى ئازاد قىلىپ ئىسلاھات يۈرگۈزمەكچى بولۇۋاتىمىز، بۇنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ، بۇ پۇللارنى قانداق ھەل قىلساق بولار؟…» دەپ ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ ئاخىرى كاللىسىدە تىرىڭڭىدە ئېچىلىپ:«ھە توغرا، ئالياسكا بارغۇ؟ ئەنگلىيە بەك كۈچەيدى، قاچانلا بولمىسۇن ئالياسكىنى بەرىبىر يۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن ۋاقتىدا سېتىپ پۇل قىلغان ئەۋزەل» دەپ بۇ بىپايان زېمىننى ۋەزىرلىرىنىڭ «پادىشاھىم دانادۇر!» دېگەن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئامېرىكىغا سېتىپ بېرىش قارارىنى ئېلان قىلغان. 

چار پادىشاھ شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئۆزى ئادەم ئەۋەتىپ ئامېرىكىغا «بۇ يەرنى ئېلىپ قويساڭلار» دەپ يالۋۇرغان، قېرىشقاندەك ئامېرىكىدا گېپى ئۆتىدىغان سىياسىيونلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ سودىغا پەقەتلا قىزىقمىغان، ھەممەيلەن «قار بىلەن مۇزدىن باشقا ھېچنېمە يوق ئۇ قاقاسلىقنى پۇلغا ئېلىپ نېمە قىلىمىزا؟» دەپ پېشىنى قاققاندا ئامېرىكىنىڭ تەلىيىگە شۇ چاغدىكى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېنرى سېۋارد دېگەن ئادەم بۇ زېمىننىڭ كەلگۈسى بىر كۈنلەردە ئامېرىكىغا قاتتىق ئەسقاتىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىپ «ئالياسكىنى ئالغىنىم ئالغان» دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان. سېۋاردنىڭ ئۆمرىدە قىلغان ئەڭ چوڭ ئىشى ئامېرىكىغا ئالياسكىنى ئېلىپ بېرىش بولسا كېرەك، مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولۇپ قالغان. 
چاررۇسىيە باشتا 12 مىليون دوللار باھا قويغان، ئامېرىكىلىقلار «ئاكىڭىزنى سەل موت موت كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ نېمە ؟ قار مۇزغىمۇ شۇنچە ئۆرە باھا قويغان بارمۇ ؟ بىردەم بازار كۆرۈپ كېلىڭلار بولدى؟…» دەپ يولغا سالغان، ئەلۋەتتە قاقباش ئامېرىكىلىقلار رۇسلارنىڭ پۇلغا قاتتىق موھتاجلىقىنى بىلمەي قالامدۇ دەيسىز؟ رۇسلارمۇ بوش كەلمەي «مۇشۇنىمۇ قىممەت كۆرسەڭلار ئەمىسە بۇ سودىدا كېلىشەلمىگۈدەكمىز» دەپ يامانلىغاندەك بىر كۆزى ئارقىدا نەچچە مېتىر كېتىپ بولۇپ، ئامېرىكىلىقلار ئېرەن قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بولدىلا دەپ كەينىگە يېنىپ كېلىپ «قانچىگە ئالىسىلەر؟ نەق گەپنى دەپ پۇلنى ساناڭلار» دېگەن، ئۇيان تالىشىپ بۇيان تالىشىپ ئامېرىكىلىقلار يەتتە مىليون 200 مىڭ دوللارنى نەق ئۈستەلگە تاشلىغاندا رۇسلار ئاخىرى توختامغا ئىمزا قويۇپ، پۇلنى ئېلىپ ئالياسكىنى بىكارلاپ كۆچۈپ بەرگەن. شۇنداق قىلىپ نەچچە يىلغا سوزۇلغان بۇ يەر سودىسى ئاخىرى 1867-يىلى 4-ئايدا رەسمىي پۈتكەن.
يەتتە مىليون 200 مىڭ دوللارغا سودا بولغان بۇ زېمىن قانچىلىك كېلىدۇ دەيسىز ھەقىچان؟ سىزگە دېسەم بۇ يەردە بىر مىليون 717 مىڭ 855 كىۋادرات كىلومېتىر زېمىننىڭ گېپى بولۇۋاتىدۇ، بۇ بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىنمۇ چوڭ دېگەن گەپ. بۇنچە زېمىننى ئاشۇ پىشتكى پۇلغا بىكارغا بەرگەننىڭ ئورنىدا سېتىپ پۇلنى يانچۇققا سالغان رۇسلارنىڭ ھېلىمۇ دۇنيا بويىچە زېمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ تۇرۇشىغا ئادەم ھەيران قالىدۇ. بىر دوللارغا 208 مو يەرنىمۇ سېتىپ بەرگەن بارمۇ دەيمەندە؟ 

بايا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئالياسكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەينى چاغدا تېخى ھېچكىم كۆرۈپ يېتەلمىگەن، تېخى نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار «بىزدىن باج يىغىپ تاپقان پۇلغا نەدىكى بىر تاشلاندۇق جاينى ئالىمەن دەپ بۇزۇپ چاچتى» دەپ سېۋاردنى قاتتىق تىللاپ كەتكەن. ۋاھالەنكى سودا پۈتۈپ نەچچە يىل ئۆتمەيلا باشلانغان ئالتۇن كولاش قىزغىنلىقى دەۋرىدە ئالياسكىغا ئالتۇن ئىزدەپ كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيگەن، كەلگەنلەر ئاساسەن قۇرۇق يانمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئادىمىزات دېگەننى ئانچە كۆرگىلى بولمايدىغان ئالياسكا بارا بارا ئاۋاتلىشىپ، مانا ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇ ئىشتاتىدا تەخمىنەن 720 مىڭدەك ئادەم بار بولدى. 
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئىككىسى دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەرگە ئايلاندى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئەللىكىنچى ئاتمىشىنچى يىللىرىدا سوۋېت ئىزچىل ئامېرىكا بىلەن ھەر ساھەدە ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ، بەزىدە تېخى ئامېرىكىنى كەينىگە تاشلىۋېتىپ كەلدى. لېكىن «ھامدۇنكام خورىزىنى داڭلايدۇ تاجىسى سىڭاريان» دەپ سوۋېت ئۆزىنىڭ كۈچىنى قانچە پاش قىلغان بىلەن ئامېرىكا دېگەن دۇنيانىڭ بىر چېتىدە، ئۇنىڭغا يېقىن بىرەر بازىسى يا بىرەر ئىتتىپاقدىشى يوق، بەكلا ئاۋارىچىلىك. شۇڭا بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا بەلكىم رۇسلار يۈز مىڭ قېتىم «ئەگەر ئالياسكىنى ساتمىغان بولساق…» دەپ بولغاندۇ، ھېلىقى چارپادىشاھنى يەتمىش پۇشتىغىچە تىللاپ چىققاندۇ… دېمىسىمۇ ئەگەر ئالياسكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىدا بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا سوۋېت ئۇ يەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىدىن بىرنى قۇرۇۋالغان بولسا ۋاشىنگىتونغا بومبا تاشلىيالايتتى، 1968-يىلىدىكىدەك كۇباغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى قۇرىمەن دەپ ئاشكارىلىنىپ قېلىپ يۈزىنى تۆكۈۋېلىپ، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىۋەتكىلى تاس تاس قالغان «كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى»مۇ پارتلاپ يۈرمەيتتى. 

ئالياسكا ئامېرىكىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن توختىماي ھەر خىل تەبىئىي بايلىقلارنىڭ بايقالغانلىق خەۋىرى ئايىقى ئۈزۈلمەي چىقىپ رۇسلارنىڭ تېخىمۇ ئىچىنى قىزىتماقتا. بۇ جايدا تۆمۈر، كۆمۈر، نېفىت، يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان دېگەندەك بايلىقلارنىڭ ھەددى ھېسابى يوق. شۇڭا نۇرغۇن رۇسلار ھازىرمۇ «يوبتۇۋايمات» دېسە «يوبتۇۋايمات» دېيىشىپ زېمىن ساتقان ئاشۇ چار پادىشاھنى تازا تىللايدۇ. ئامال قانچە دەيسىز؟

#bilhmdan  #bilimzar

No comments:

Post a Comment