Search This Blog

Wednesday, August 14, 2019

گۈرۈچ سۈيىنى ھەرگىز تۆكىۋەتمەڭ، كارامەت رولى بار...


گۈرۈچ سۈيىنى ھەرگىز تۆكىۋەتمەڭ، كارامەت رولى بار...

گۈرۈچ سۈيىدە بەلگىلىك ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمىنىت بار، بولۇپمۇ گۈرۈچنى بىر-ئىككى قېتىم يۇيغان سۇدا كالې بار، گۈرۈچ سۈيىنىڭ پ خ قىممىتى 5.5 ئەتىراپىدا بولۇپ، ئاجىز كىسلاتالىق، ئىچىگە تۇز قوشىۋەتسىڭىز، ئىسسقنى ياندۇرۇپ، قاننى سوۋۇتۇپ، زەھەرنى ياندۇرىدۇ.
گۈرۈچ سۈيىنىڭ تەركىبىدە يەنە ئاقسىل، كىراخمال، مېنرال ماددا بار، يۈز يۇيۇپ تېرىنى نەملەشتۇرۇشكە باب كېلىدۇ، قاينىتىپ ئىستىمال قىلسا، ئاشقازان دىۋارىدىكى شىلىمشىق پەردىنى قوغدايدۇ، يىغىندى يېمەكلىكنى يوقىتىش ۋە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىققا ياردەم قىلىدۇ.
تېرە كىسەلىكلىرى دوختۇرىمۇ گۈرۈچ سۈيىنىڭ تېرىدىكى ماينى يوقىتىپ، تېرىنى نەملەش رولى بارلىقىنى ئېيىتقان.
بولۇپمۇ دانىخورەك كۆپ چىقىدىغان، تەر تۆشۈكچىسى توم، چوڭ، مايلىق تېرىلىق قىزلار بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقسا بولىدۇ.
1.گۈرۈچ سۈيىدە قول يۇيسا، كىر چىقىرىپلا قالماستىن، تېرىنى سىلىقلايدۇ.
2.گۈرۈچ سۈيىدە قاچا-قۇچا يۇيسا كىرنى پاكىز چىقىرىدۇ، خېمىيىلىك تەركىبىمۇ يوق،قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقىدىن ياخشى.
3.يېڭى قۇم قازاننى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، گۈرۈچ سۈيىدە پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كىيىن، شوۋىگۈرۈچ سېلىپ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق قاينىتىۋەتسە سۇ ئۆتمەيدىغان بولىدۇ.
4.ئەمبەلنى ئىشلەتكەنسىرى سېسىق پۇراپ قالىدۇ، ئەگەر گۈرۈچ سۈيىگە بىردەم چىلاپ قويۇپ ئاندىن تۇز سېلىپ يۇيىۋەتسىڭىز سېسىق پۇراق چىقىپ كىتىدۇ.
5.قىڭراق، كەپكۈز، تۆمۈر قوشۇق قاتارلىق تۆمۈردىن ياسالغان ئاشخانا بويۇملىرىنى قۇيۇق گۈرۈچ سۈيىگە چىلاپ قويسىڭىز داتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئاۋال سۇدا بىر قانچە سائەت چىلاپ قويسىڭىزم داتنى ئاسانلا يۇيۇپ چىقىرۋىتەلەيسىز.
6.بەتبۇي پۇرايدىغان كۆكتاتلارنى گۈرۈچ سۈيىدە يۇيىۋەتسىڭىز پۇرىقى يوقايدۇ.
7.ھازىرلا سىرلانغان ئۆي جاھازىلىرىدە سىر پۇرىقى بار، گۈرۈچ سۈيىدە بىر قانچە قېتىم ئېيتىۋەتسىڭىز پۇرىقى چىقىپ كىتىدۇ.
8.ئاق كىيىملەرنى گۈرۈچ سۈيىگە چىلاپ قويۇپ ئاندىن سوپۇندا يۇيىۋەتسىڭىز كىيمىڭىز يېڭى ئالغاندەك ئاقىرىپ كېتىدۇ.
9.لۆڭگە، مىۋە شەربىتى، تەر يۇقى بىلەن سېسىق پۇراپ قالىدۇ ھەمدە قاتتىقلىشىۋالىدۇ، ئەگەر گۈرۈچ سۈيىگە 10 مىنۇت چىلاپ قويسىڭىز ھەم ئاقرىپ ھەم يۇمشايدۇ.

#بىلىمدان

No comments:

Post a Comment