خىلىتلارنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ تومۇر سوقۇشقا بولغان تەسىرى: خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي ھالەتتە ئۆزگىرىشى تومۇر ھەرىكىتىگە ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى بېرىدۇ. تۆۋەندە ھەرقايسى غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنىڭ تومۇر سوقۇشقا بولغان تەسىرىنى ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. قان خىلىتىنىڭ (ھۆل ئىسسىق) غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىدە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل تومۇر بولىدۇ:
1) قان خىلىتى ئۆزىنىڭ تەبىئىي مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، تومۇر ھەرىكىتى توم، قاتتىق، كۈچلۈك، تېز، ئىسسىق سوقىدۇ.
2) قان خىلىتىغا غەيرىي، تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئارىلىشىپ قان خىلىتىنى سۇيۇلدۇرىۋەتكەندە، تومۇرنى كېڭەيتىۋەتكەنلىكتىن تومۇر ھەرىكىتى بوش، تومۇر ئورنى كەڭ، تېز، ئىسسىق سوقىدۇ.
3) قان خىلىتىغا سۇيۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلىشىشتىن قان خىلىتى سۇيۇلۇپ كەتكەن بولسا، تومۇر ئورنى كەڭ، ھەرىكىتى بوش، ئاستا، سوغۇق سالىدۇ. قويۇق بەلغەم ئارىلاشقان بولسا، تومۇر توم، قىسقا، تۇتۇق، ئاستراق سالىدۇ.
4) قان خىلىتىغا غەيرىي، تەبىئىي سەۋدا خىلتى ئارىلاشقان بولسا، قان خىلىتى قويۇقلاشقانلىق سەۋەبىدىن تومۇرنىڭ ئورنى كەڭ، قاتتىقراق، كۆتۈرۈلۈۈشى ئىنچىكە، ھەرىكىتى رېتىمسىز بولىدۇ.
5) قان خىلىتىغا كۆيگەن خىلىتلارنىڭ ئارىلىشىپ ئوفۇنەت ھاسىل قىلىشتىن بولسا، تومۇر تەرتىپسىز بولىدۇ، يەنى بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا بەزىدە توم، بەزىدە ئىنچىكە سالىدۇ.
2. سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىنىڭ تومۇر سوقۇشقا بولغان تەسىرى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ.
1) سەپرا خىلىتىغا غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتى ئارىلاشقان بولسا، تومۇر ھەرىكىتى ئىنچىكە، بوش، ئاستا، ئاجىز بولىدۇ.
2) سەپرا خىلىتىغا قويۇق بەلغەم خىلىتى ئارىلاشسا، تومۇر ھەرىكىتى ئىنچىكە، تومۇر قاتتىق، تۇتۇق، ئاستا سوقىدۇ.
3) سەپرا خىلتىغا ئوفۇنەتلەنگەن (ياللۇغلانغان، بۇزۇلغان) قان خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ھەرىكىتى ئىنچىكە، قاتتىق، تىترىگەن ھالەتتە تېز سوقىدۇ.
4) سەپرا خىلىتىغا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستا سوقىدۇ.
5) سەپرا خىلىتىغا كۆيگەن سەۋدا خىلىتىدىن ھاسىل بولغان بۇزۇق سەۋدا خىلتى ئارىلاشقان بولسا، تومۇر ھەرىكىتى تېز، قاتتىق، رېتىمسىز، سوغۇق سوقىدۇ.
3. بەلغەم (ھۆل سوغۇق) خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىنىڭ تومۇر سوقۇشقا بولغان تەسىرى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ.
1) بەلغەم خىلىتىغا قان خىلىتى ئارىلاشقان بولسا، بۇنداق كىشىلەرنىڭ تومۇرى توم، قىسقا، ئاستا، تومۇرنىڭ تېگى سوغۇق، ئۈستى قىسمى ئىسسىق بولىدۇ.
2) بەلغەم خىلىتىغا غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى ئارىلاشقان بولسا، تومۇرى توم، يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىشى ئىنچىكە، تېزرەك سوقىدۇ.
3) بەلغەم خىلىتىغا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى ئارىلاشقان بولسا، تومۇر ھەرىكىتى ئاستا، تومۇر توم، ئۈستىەە سوقۇشى ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستىراق بولىدۇ.
4) بەلغەم خىلىتىغا قويۇق بەلغەم خىلتى ئارىلاشسا، تومۇر ھەرىكىتى توم، قىسقا، تېز، سوغۇق سوقىدۇ.
5) بەلغەم خىلتىغا كۆيگەن سەۋدا خىلتى ئارىلاشقان بولسا، تومۇر ھەرىكىتى توم، قاتتىق، قىسقا، تۇتۇق ھالەتتە سوقىدۇ.
4. سەۋدا (قۇرۇق سوغۇق) خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىشىنىڭ تومۇر سوقۇشقا بولغان تەسىرى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ:
1) سەۋدا خىلىتىغا غەيرىي تەبىئىي قان خىلىتى ( قانغا ئارىلاشقان قويۇق سەۋدا خىلىتىدىن ھاسىل بولغان) نىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ھەرىكىتى ئىنچىكە، قاتتىق، رېتىمسىز، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ.
2) سەۋدا خىلتىغا غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ھەرىكىتى ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئاستراق، قاتتىق سوقىدۇ.
3) سەۋدا خىلىتىغا غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ئىنچىكە، بوش، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ.
4) سەۋدا خىلىتىغا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتى ئارىلىشىشىدن تومۇر ھەرىكىتى تېز، قالايمىقان، قاتتىق، تىترىگەن ھالەتتە سوقىدۇ.
5) سەۋدا خىلتىغا كۆيگەن خىلىتلاردىن ھاسىل بولغان غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن تومۇر ھەرىكىتى ئىنچىكە، قاتتىق، ئاستا، سوغۇق سوقىدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment