Search This Blog

Wednesday, August 7, 2019

ئېلون ماسك ۋە ئۇنىڭ تېسلا شىركىتىنىڭ ھېكايىسى


ئېلون ماسك ۋە ئۇنىڭ تېسلا شىركىتىنىڭ ھېكايىسى



ئېلون ماسك ۋە ئۇنىڭ تېسلا شىركىتىنىڭ ھېكايىسى
«سىزىق» ژورنىلىدا، تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ خوجايىنى ئېلون ماسك (ElonMusk) نىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولۇپ. بۇ ماقالە ھەقىقەتەن قالتىس. جوبىس ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، جوبىسقا ئەڭ ئوخشايدىغان كارخانىچى دەل ماسك دېدى. مېنىڭچە، ماسك دېگەن كىشىنى چۈشەنمەكچى بولساق، مۇشۇ ماقالىنى ئوقۇساقلا كۇپايە.
1
1971-يىلى، ماسك جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ پايتەختى پرېتورىيەدىكى بىر ئاق تەنلىك ئائىلىدە تۇغۇلىدۇ. ئانىسى كانادالىق، شۇڭا ئۇنىڭ كانادا پاسپورتىنى ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتى بار. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا، ئۇ كاناداغا بارىدۇ.
ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئامېرىكا بولغاچقا، كانادادا ئىككى يىل تۇرغاندىن كېيىن، 1992-يىلى، ئۇ ئاخىرى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، ھەمدە ئۇ يەردە ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ تولۇق كۇرس ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالىدۇ، يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىزىكىنىڭ ئىككىنچى ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئالىدۇ.

1995-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئەسلى پىلاندا داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇپ، كالىفورنىيەدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ فىزىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇشنى ئويلاشقان. لېكىن، مەكتەپكە كىرىپ ئىككى كۈندىلا ئوقۇشتىن چېكىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىغا ئانچە قىزىقمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
ئوقۇشتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ دوستلىرى بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، گېزىت ئۈچۈن توربەت ئېچىپ بەرگەن، 160 تىن ئارتۇق گېزىت ئۇلارنىڭ خېرىدارىغا ئايلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە« نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» گە ئوخشاش مەملىكەت خاراكتېرلىك چوڭ گېزىتمۇ بار 1999-يىلى، ئالاقە تورى كۆپۈكى ئەڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ شىركىتى COMPAQ كومپيۇتېرى تەرىپىدىن 340 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سېتىۋېلىنىدۇ. ماسك% 7 پاينى ئىگىلەپ، 22 مىليون دوللار ئالىدۇ.
ئۇ بۇ پۇلنى ئېلىپ، يەنە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە PayPal نى قۇرىدۇ. 2002-يىلى، eBay بىر مىليارد 500 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن PayPal نى سېتىۋالىدۇ. ماسكى% 11.7 پاينى تەشكىل قىلىپ، 165 مىليون دوللار ئېلىپ، 31 ياشقا كىرگەندە، ئۇ بىر گادايدىن
مىليارد بايغا ئايلانىدۇ.

2
بېيىغاندىن كېيىن، ماسك راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش كەچۈردى. لېكىن ئۇ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، باشقىلار قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئامراقلىقىنى ناھايىتى تېزلا بايقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ناھايىتى قىسقا بىر مەزگىل ئىچىدە، ئۇ بىر قانچە قارىماققا سەل كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان شىركەتنى قۇرىدۇ ياكى سېتىۋالىدۇ: راكېتا شىركىتى SpaceX، قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركىتى SolarCity، يۇقىرى سۈرئەتلىك تونېل شىركىتى BoringCo قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2004-يىلى توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلا سىرتقى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئىزدىدى. ئۇ چاغدا تېسلا تېخى بىر كىچىك شىركەت بولۇپ، پەقەت نەچچە ئون ئادەملا بار بولۇپ، ھېچقانداق مەھسۇلاتى يوق ئىدى. لېكىن ماسك ئۇنىڭغا بىر قاراپلا كۆزى چۈشۈپ، 6 مىليون 300 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىپ، بۇ شىركەتنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى ۋە باش مۇدىرىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن، ئۇ باش مۇدىرلىق قىلىپ پۇخادىن چىقمىغاندەك ھېس قىلىپ، ئۆزى مەيدانغا چۈشۈپ، قۇرغۇچىنى قوغلىۋېتىپ، ئۆزىنى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋە مەھسۇلات قۇرۇلمىسى ئۇستىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.
2006-يىلى، ئۇ بىر پارچە ھۆججەتتە مۇنداق دەپ يازغان: « تېسلا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ بىرىنچى نىشانى، شۇنداقلا مېنىڭ شىركەتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىمنىڭ سەۋەبى، يەنى دۇنيانى خىمىيىلىك تاش ئېنېرگىيەدىن قۇياش ئېنېرگىيەسىگە بۇراشنى تېزلىتىش. بىز توختاپ قالمايمىز، تاكى يولدىكى ھەر بىر ماشىنا توكلۇق بولغانغا قەدەر.»
ماسكنىڭ خاراكتېرى تېسلا ئاپتوموبىلىدا تولۇق گەۋدىلەندى. ئۇ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلدى، ئەنئەنىۋى بولمىغان ئۇسۇل بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، باشقىلارنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بەزى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ مەنتىقىگە ئۇيغۇن قەدەملەرنى ئاددىيلاشتۇرغاندىلا، مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنىڭ مۇمكىنچىلىككە ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
بىر تىپىك مىسالى دەل تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشىك تۇتقۇچىدىن ئىبارەت. ماسك مۇنداق دەپ قارايدۇ: تۇتقۇچ بىلەن ماشىنا گەۋدىسى بىر تەكشىلىكتە بولىدۇ، ئىشلەتكۈچىلەر ئىشىك ئاچماقچى بولغاندا، تۇتقۇچ خۇددى سېھىرگەرلىككە ئوخشاش تېيىلىپ چىقىدۇ. ئىنژىنىر بىردەك بۇ خىيال ناھايىتى ئالجىغانلىق، لايىھەنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زۆرۈرىيىتى يوق، دەپ قارايدۇ. لېكىن، باشقىلار ھەرقانچە كۈچلۈك قارشى تۇرسىمۇ، ماسك تىز پۈكمەيدۇ. ئاخىرىدا، بۇ تۇتقۇچ تېسلا ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگىسىگە ئايلىنىپ، ئىشلەتكۈچىلەر بىر ئۇچراشسىلا، بۇ خىل ئاپتوموبىلنىڭ خاسلاشتۇرۇشچانلىقى، كەلگۈسى دۇنيانىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. مانا بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ماسك.


3
2008-يىلى تېسلا تۇنجى مەھسۇلاتىنى بازارغا سالىدۇ، توكلۇق مۇسابىقە ماشىنىسى Roadster. بۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى ئاشكارا سېتىلىدىغان لىتىيلىق باتارېيەلىك ئاپتوموبىل، شۇنداقلا 300 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدىغان تۇنجى ئېلېكتىرو ئاپتوموبىل. ئەمما ياخشى سېتىلمىدى، تۆت يىلدا ئاران ئىككى مىڭدىن ئارتۇق سېتىلدى.
مەھسۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغاچقا، تېسلا شىركىتى مەبلەغ تۈگەشكە دۇچ كەلدى، لېكىن بۇ ئاپتوموبىل نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، گوگىلنىڭ قۇرغۇچىسى سېرگېي بلىن بىلەن لارىپېچ، بېنىز، تويوتا، ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەممىسى مەقسەتلىك مەبلەغ سالدى. تېسلا مۇشۇ پۇلغا تايىنىپ ئاخىرى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتتى.
2012-يىلى 6-ئايدا تېسلا ھەشەمەتلىك توكلۇق ماشىنىسى ModelS نى بازارغا سېلىپ، داۋاملىق ھەيدەش مۇساپىسىنى 500 كىلومېتىردىن ئاشۇرۇپ، توكلۇق ماشىنىنى بېنزىن ماشىنىسىغا ئوخشاش ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە قىلدى. بۇ ئاپتوموبىل تىپى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، دەرھال دۇنيادىكى ئەڭ بازارلىق توكلۇق ماشىنىغا ئايلاندى.
2015-يىلى تېسلا توكلۇق SUV ئاپتوموبىل تىپى ModelX نى بازارغا سالدى، ئۇنىڭ ئاپتوموبىل ئىشىكى خۇددى بۈركۈتكە ئوخشاش ئۈستىگە قاتلىنىدۇ. بۇ ماشىنا تىپىمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. 2016-يىلى تېسلا شىركىتىنىڭ كىرىمى 7 مىليارد دوللارغا يەتتى، خادىملارنىڭ سانى 18 مىڭغا يەتتى.


4
تېسلا ئاپتوموبىللىرىنىڭ بارغانسېرى قارشى ئېلىنىشىغا ئەگىشىپ ماسكىمۇ داڭلىق شەخسكە ئايلىنىپ ھوللىۋودنىڭ چولپانلىرىغا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش سەھىپىسىگە چىقىشقا باشلىدى. مەسىلەن، 72 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، بىر ھەشەمەتلىك ئولتۇراق رايوندىن بەش يۈرۈش ھەشەمەتلىك داچا سېتىۋېلىپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا زىننەتلەپ، ئۆزىگە سوۋغا قىلغان. ئۇ يەنە بەزى غەلىتە سۆزلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، مەسىلەن، تۋېتتېردا مۇنداق دېدى: « بەزى پىتنە-پاساتلاردا مېنى ھازىر بىر ئالەم كېمىسى ياساۋاتىدۇ، يۇرتى مارسقا قايتىپ كەتمەكچى دەپتۇ، بۇ پۈتۈنلەي يالغان ئەمەس. »
ئۇمۇ ناھايىتى ھېسىياتچان بولۇپ، مەقسىتىگە يېتەلمەي قالغاندا خىزمەتچىلەرنى قاتتىق تىللايدۇ. خىزمەتتىن ئايرىلغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى مۇنداق دەيدۇ: « ماسك بىلەن بىللە يىغىن ئاچقاندا، ئورنىڭىزدا ئولتۇرغاندا سەل پەسرەك ئولتۇرۇڭ. چۈنكى ماسك سىزدىن ئېگىز ئولتۇرغان ۋاقىتتا، ئۇ كىشىلەرگە دوستانە مۇئامىلە قىلىدۇ. بىراق، كرىمنىي جىلغڭىسىدا ھەر خىل غەلىتە ھەرىكەتلەرگە يول قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر سىز غەلىتە ئادەم بولسىڭىز، بۇ يەردە تېخىمۇ قارشى ئېلىنىسىز.
2016-يىلى 3-ئايدا ماسك يېڭى تىپتىكى ئاپتوموبىل Model3 نى ئېلان قىلدى، بۇ ئوتتۇرا ھال باھالىق توكلۇق ئاپتوموبىل بولۇپ، ئاممىۋى بازارنى نىشانلىدى. سېتىلىش باھاسى 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، ModelS قا قارىغاندا يېرىم باھالا ئەرزان. تېسلا شىركىتى بۇ ئارقىلىق، كەڭ كۆلەمدە توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى، ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل يېتەكچىلىكىدىكى ئاپتوموبىل سانائىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا، Model3 يەنىلا لايىھەلەش باسقۇچىدا بولۇپ، ئابونت 1000 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەپ ئالدىن زاكاس قىلالايتى، ماشىنا تاپشۇرغىلى ئاز دىگەندىمۇ 18 ئاي ۋاقىت كېتەتتى. تېسلانىڭ ئىچكى قىسمىدا، ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۆلچەرلىنىشىچە، زاكاس مىقدارى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ رېكورتىغا يېقىنلىشىپ قالدى.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى جۈمە، Model3 ئوچۇق زاكاز قىلغان بىرىنچى كۈنى، ئابونتلار شۇ جايدىكى تېسلا مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا بېرىپ زاكالەت پۇلى تاپشۇرسا بولاتتى. نەتىجىدە، بەزى جايلاردا ئەتىگەندىلا 2000دىن ئارتۇق ئادەم ئۆچرەتتە تۇرغان، شۇ چاغدا پۈتۈن ئامېرىكىدىكى زاكاز مىقدارى 180مىڭدىن ئاشقان. ھەپتە ئاخىرىدا ئاخىرلاشقاندا، 325 مىڭ ئادەم زاكاس قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن تەڭ تېسلانىڭ پاي باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇ چاغدا ئۇ جەمئىي 150 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بازار قىممىتى ھەر ھەپتىدە 150 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىدىن ئېشىپ ئامېرىكىنىڭ بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل شىركىتىگە ئايلىنىدۇ. لېكىن تېسلانىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتتىق تەشۋىشلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداق يۇقىرى زاكاس مىقدارى تېسلانىڭ چوقۇم قىسقا ۋاقىت ئىچىدە (بىر ئىككى يىل) ، بىر كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىدىن كەڭ كۆلەملىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سودىگىرىگە ئايلىنىشى، نەچچە ئون مىڭ ئىشچىنى قوبۇل قىلىشى ۋە تەربىيلىشى، ئۇلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشىغا نىسبەتەن غايەت زور خىرىس.



5
ماسك ئەسلى پىلانىدا، 2017-يىلى 10-ئايدا Model3 نى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاپ، ئالدى بىلەن ئاز مىقداردا ئىشلەپچىقىرىپ، ئاندىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەر ھەپتىدە 5000 نى ئىشلەپچىقىرىش پىلانلىغان.
ئەمما، 2016-يىلى يازدا، ئۇ قارارىنى ئۆزگەرتىپ، 2017-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىماقچى بولدى، بۇ ئەسلىدىكى پىلاندىكىدىن تۆت ئاي بۇرۇن ئىدى. ئۇ يەنە پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان زاۋۇت قۇرماقچى بولىدۇ، ماشىنا ئادەم ئاقما لىنىيىدە يۇقىرى سۈرئەتتە ھەممە نەرسىنى ياساپ، توشۇش تاسمىسى بىلەن ھەربىر زاپچاسنى ئۆز ۋاقتىدا توغرا جايغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلىشىدۇ. ماسىك بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى تارماقلارغا ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاقما لىنىيە لايىھىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ماسكغا، بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، تېسلا ئەڭ ئىلغار ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى، تەدرىجىي ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن، ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسىنى تەدرىجىي ئاشۇرغىلى بولىدۇ دەيدۇ. مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاقما لېنىيەنى قايتىدىن پىلانلاپ، پۈتۈنلەي يېڭى ئاپتوماتىك زاۋۇتنى لايىھەلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە پۇل كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىشانغا يېتىش ناتايىن. لېكىن ماسك فىزىكا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىسىلا ھەرقانداق ئىش مۇمكىن دەپ قارايدۇ. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا مۇنداق دەيدۇ: « بىز ماشىنا بەرپا قىلالايدىغان ماشىنا بەرپا قىلىشىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم تېز سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بىر تولۇق ئاپتوماتلاشقان زاۋۇت تېسلانىڭ كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىش بولۇپ، شىركەتنىڭ كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدا رىقابەت كۈچىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.»
كېيىنكى نەچچە ھەپتىدە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ماسك بىلەن تالاش-تارتىش قىلىدۇ، ئىنژېنېرلارمۇ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ماسك بەزىدە شۇ كىشىنىڭ مەسئۇلىنى بىر چەتكە تارتىپ، شۇ ئادەمنى باشقا ئىش ئورنىغا تەقسىملەيدۇ، ياكى ماسك دەرھال گۇماندارلارنى يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، ھەتتا ئۇنى بىۋاستە ئىشتىن بوشىتىدۇ.
بۇ مەزگىلدە، ماسك نۇرغۇن ئادەمنى ئىشتىن بوشىتىدۇ. بىر سابىق خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، « ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى ئىشقا كەلگەندە، بۇنىڭ تېسلادىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ماسك تېسلانىڭ نىشانى دۇنيانى قۇتقۇزۇش، بۇ نىشانغا سېلىشتۇرغاندا، شەخسنىڭ ھېسسىياتى قانچىلىك مۇھىم بولماقچى دەپ ئېيتقان. ئۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت، شەخسكە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
ماسىك كېيىن زاۋۇتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تېسلانىڭ ھەر ھەپتىدە 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.



6
2017- يىلى يازدا، ئەسلىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش ۋاقتى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن Model3 يەنىلا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلمىدى. ئىنژېنېرلار يەنىلا بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋاتقانىدى. مەسىلەن، ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش بولمىغان رەڭدىكى توك سىمىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئىشەنچلىك ھالدا تۇتۇش، ھەمدە سىرلىق ئوردىغا ئوخشاش يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق، زاپچاسلارنى ئېھتىياجلىق جايغا ئاپىرىش دېگەندەك.
ۋاقىت جەدۋىلىدىن خېلىلا ئارقىدا قالغانلىقتىن، بەزى خېرىدارلار زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. سىرتتىكىلەرنىڭ گۇمانىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ماسك 7-ئاينىڭ 28-كۈنى Model3 ناملىق چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلىدۇ. تېسلا ئەزەلدىن ئېلاندا پۇل خەجلىمەيدۇ، بەلكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق، نۇرغۇن ئاخبارات خەۋەرلىرى ۋە توردا تارقىتىشنى پەيدا قىلىپ، ئاپتوموبىل سېتىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ماسك ئالدىنقى 30 نەپەر Model3 نىڭ ئالدىن زاكاس قىلغۇچىسى (كۆپىنچىسى تېسلانىڭ خىزمەتچىلىرى) ئاپتوموبىلنى تاپشۇرغان. قۇراشتۇرۇش لىنىيىسى تېخى پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ماشىنىلارنىڭ ھەربىرى ئايرىم ياسالغان.
مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ، ماسك يەنىلا خالىغانچە گەپ قىلىدىغان مىجەزىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. شۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۇ تېسلانىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەر ئايدا 20 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنىڭ Model 3 كە داۋاملىق سەۋرىچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بىر نەپەر سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى مۇنداق دەيدۇ: « ماسك بىر تەلۋە تالانت ئىگىسى. ئۇنىڭ خاراكتېرىدا % 95 تالانت ۋە% 5 تەلۋىلىك بار. لېكىن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، Model3 نىڭ بېسىمى بىلەن بۇ نىسبەت ئالمىشىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، 95% بولسا تەلۋىلىك ۋە 5% بولسا تالانت ئىگىسى.» دەيدۇ
7
2017-يىلى 10-ئايدا، Model3نىڭ ئىشلەپچىقىرىشى پىلاندىكىدىن خېلىلا ئارقىدا قالىدۇ. نىشان ھەر ھەپتىدە 5000 ئاپتوموبىل ياساش، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەر كۈنى تەخمىنەن ئاران ئۈچ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.
ماسك ئولتۇرالماي قالىدۇ، پۈتۈن ھەپتە ئاخىرى زاۋۇتتا تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ماشىنىنىڭ نورمال ئىشلىمەيدىغانلىقىنى بايقىماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ نىشانى زاۋۇتنى ئىمكان بار ئاپتۇماتلاشتۇرۇش، ئەمما بۇنداق چېكىدىن ئاشقان ماشنىلاشتۇرۇش، ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەت كېچىكىش ۋە كاشىلىدىن ئىبارەت بولىدۇ. تېسلا ئاللىقاچان بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىپ ئاپتوماتىك زاۋۇت قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن زاۋۇت ئاساسەن نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ.
ئۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مەسىلە بايقالسا، مەسئۇل ئىشچىنى تېپىپ كېلىپ، نېمە ئۈچۈن ئاپتوماتلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىيالمايدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئىشچىلار خوجايىن بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولغاچقا، يۈزلىرى قىزىرىپ، دۇدۇقلاپ ئاران جاۋاب بېرىدۇ. ماسك غەزەپلىنىپ، ئىشچىلارغا، تېسلادا، قالتىس بولۇش ئەڭ ئاساسىي تەلەپ، ھازىر سەن مەغلۇپ بولدۇڭ، سەن ئەقىللىق ئەمەسكەنسەن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىكەنسەن، شىركەتكە زىيان يەتكۈزۈۋاتىسەن دەيدۇ، ھەمدە نەق مەيداندىلا ئىشچىلارنى ئىشتىن بوشىتىدۇ.
يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ماسكنى يىغىن زالىغا تارتىپ ئۇنىڭغا: « بىر ماقال-تەمسىل بار، يولۋاس قوغلىغاندا ھېچكىم بىرەر ياخشى ئامالنى ئويلاپ تاپالمايدۇ.» دەيدۇ. لېكىن ماسك ئۆزىنىڭ ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدى ئاخىرى بولۇپ 700دىن ئارتۇق ئادەمنى ئىشتىن بوشىتىدۇ. ئۇ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىن ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى نۇرغۇن لاياقەتلىك كىشىلەر تېسلادا خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. «بۇ دۇنيانى ھەقىقىي ئۆزگەرتكەن ئاز ساندىكى شىركەتلەرنىڭ بىرى » دېدى بىر سابىق خىزمەتچىسى.
تېسلادا ھەممە ئادەم ماسكىنىڭ رەھبەر، ئەڭ چوڭ پايچىك ئىكەنلىكىنى ھەم يىراقنى كۆرەرلىكىنى بىلىدۇ. بەزىدە، ئۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قۇرۇق سەپسەتە ئېلان قىلىدۇ، لېكىن سىز پەقەت بىر ئېغىز گەپنى خاتا قىلىپ ياكى بىر خاتالىق سادىر قىلسىڭىز، ئۇ سىزنى بىر دۆت دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئويىنى ھېچقانداق نەرسە ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ماسك يىغىندا خادىملارنى ئاشكارا مەسخىرە قىلىش، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىغا ھاقارەت قىلىش، ئىپادىسى ياخشى بولمىغانلارنى بوزەك قىلىش ئادەتتىكى ئىش. بېسىم بەك چوڭ بولغاچقا، ئىككى يىل ئىچىدە جەمئىي 36 نەپەر مۇئاۋىن لېدىر دەرىجىسىدىن يۇقىرى بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى، پەقەت ئاز ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارلا ئالماشتۇرۇلمىدى.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، Model3 قۇراشتۇرۇش لېنىيسى ھەر ھالدا يۈرۈشۈپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېشىشقا باشلىدى، بىراق ھەر ھەپتىدە 5000 ئاپتوموبىل بىلەن بولغان ئارىلىقى يەنىلا ناھايىتى چوڭ ئىدى. بەزىلەر تېسلانى ئەرز قىلدى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىمۇ تەكشۈرۈشنى باشلىدى، تېسلا قەستەن Model3 مەھسۇلات مىقدارىنى خاتا مۆلچەرلەپ ئېلان قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئازدۇردىمۇ يوق. شىركەتنىڭ پەسىللىك دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلنىڭ 3-پەسىلىدە، تېسلا 671 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان، ئالدىنقى توققۇز ئايدا جەمئىي 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقان بولۇپ، پەقەت 222 دانە Model 3 ياسىغان.

8
ماسك 2018-يىلى 4-ئايدا، تولۇق ئاپتوماتلاشقان زاۋۇت نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى. ئوڭۇشلۇق يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن، ئىشچىلار ئەمەلىيەتتە بار بولغان يەتكۈزۈش تاسمىسىنى توختىتىپ، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق جايلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. شۇ ئايدا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىدە بىر ھەپتە ئىش توختىتىلىپ، رېمونت قىلىندى.
Model3 نىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى تازا ئوڭۇشلۇق بولمىغاچقا، ماسك سەل كونتىروللىقىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تىۋتتىر يوللاش چاستوتىسى زور دەرىجىدە تېزلەشتى. 2016-ۋە 2017-يىلى ئۇ ھەر ئايدا 94 تال، ئەمما 2018-يىلى 5-ئايدا 421 تال، 6-ئايدا 414 تال، 7-ئايدا 310 تال تارقاتتى. يوللىغان تىۋىتتېرىنىڭ مەزمۇنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئەركىن ھالدا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئادەمنى تىللاش بولدى. بىر قېتىم، ئۇ ھەتتا بىر پارچە ياپونىيە ھەجۋىي رەسىم، ئاستىغا« مەن ئەمەلىيەتتە مۈشۈك قىز، بۇ مېنىڭ ئۆز تارتىمىم» دەپ يېزىلغانىدى، تۋىتتېر ئۇنىڭ ھېساباتىنى تاقىدى، چۈنكى خاككېرلار تەرىپىدىن ھېساباتى ئوغۇرلانغان دەپ گۇمان قىلىنغانىدى. تاكى ماسك بۇنى ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ ئەۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگۈچە.
2018-يىلى 6-ئايدىكى پايچىكلار يىغىنىدا ماسىك مۇنداق دېدى: بۇ مەن باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ ئازابلىق، ئەڭ قورقۇنچلۇق بىر قانچە ئاي بولدى. تېسلانىڭ مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، % 20 Model3 زاكاز قىلغۇچى پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ماسك زاۋۇتقا بېرىپ ئۇخلاپ، ئىشلەپچىقىرىشتا يولۇققان ھەر خىل مەسىلىلەرنى بىۋاستە ھەل قىلىشقا باشلىدى.
2018-يىلى 8-ئايدا، بەلكىم سىرتتىكىلەرنىڭ گۇمانىغا تويغان سەۋەبلىك، ماسك بىر ئالاھىدە تىۋېتتىر يوللاپ، تېسلانى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى ئويلىشىدىغانلىقىنى، ئەمدى يەنە پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەت بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن تېسلانىڭ پاي چېكى باھاسى دەرھال ئۆرلەپ كەتتى. ئىش ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئۇ بۇنى ئۆزىنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغانلىقىنى، پۈتۈنلەي بۇنداق ئىشنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا ئاكسىيە سودا كومىتېتى ماسكقا 20 مىليون دوللار جەرىمانە قويدى ھەمدە ئۇنىڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئۇ يەنىلا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى.
2018-يىلى 9-ئايدا، توردا بىۋاستە كۆرسىتىش پروگراممىسىدا ماسك كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا نەشە چەكتى. گەرچە كەندىر كالىفورنىيە شتاتىدا قانۇنلۇق بولسىمۇ، لېكىن ماسكنىڭ يەنە بىر شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەر زەھەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا بولمايدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى SpaceX نى باھالاپ، زەھەرلىك چېكىملىك بولماسلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


9
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، Model3 نى زاكاس قىلىشنى ئېچىۋەتكەن ئىككى يىلدىن كېيىن، ماسك ئاخىرى بارلىق خىزمەتچىلەرگە، ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بىر پارچە ئېلخەت ئەۋەتتى.
« مېنىڭچە بىز ئەمدىلا بىر ھەقىقىي ئاپتوموبىل شىركىتىگە ئايلاندۇق. بىز يەتتە كۈن ئىچىدە Model3 دىن 5031 دانىنى ياساپ چىقتۇق.»
2018-يىلى 10-ئايدا تېسلا 2018-يىلى 3-پەسىلدە سېتىش كىرىمى 6 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يېتىپ، ساپ پايدىسى 312 مىليون دوللارغا يېتىپ، ۋال كوچىسىنىڭ مۆلچەرىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ماسكىنى 55 مىليارد دوللار مۇكاپات بىلەن تەمىنلەشكە مۇدىرىيەتمۇ قوشۇلدى، ئالدىنقى شەرتى ماسك داۋاملىق شىركەتكە رەھبەرلىك قىلىش، ھەمدە مۇدىرىيەت بېكىتكەن 12 نىشانغا يېتىش بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر نىشان بولسا بازار قىممىتى 650 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ھازىرقىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىش. ئەگەر نىشانغا يەتمىسە، ئۇ بۇ مۇكاپاتنى ئالالمايدۇ.
ماسكىنىڭ ھازىرقى باھاسى 20 مىليارد دوللاردىن ئاشقان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ باي كىشىلەرنىڭ بىرى. ئەمما، مۇدىرىيەت ئۇنىڭغا يەنە 55 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بېرىپ، ئۇنىڭ تېسلادىن ئايرىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ .
بىلىمزار

No comments:

Post a Comment