ھەرگىزبانان پوستىنى تاشلىماڭ،10 خىل شپالىق رولى دورىدىنمۇ قالتىس
بىز ئادەتتە باناننى يەپ بولغاندىن كېيىن، پوستىنى تاشلىۋېتىمىز، بىراق بانان
پوستىنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى، شامالدارىش، گېموروي قاتارلىق كېسەللەرگە ئالاھىدە ئۈنۈمى بار. چۈنكى بانان پوستىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل قەنت، ئاقسىل، ۋىتامىن Cقاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار.
1. شامالدارىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.بانان پوستىدىن 30 گىرام ئىلىپ، سۇدا قاينىتىپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرگەندە، قان تومۇرنى كېڭەيتىپ، شامالدارىش، يۈرەك سانجىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. يۇقىرى قان بېسىمىغا پايدىلىق.بانان پوستىدىن 30 گىرامدىن 60 گىرامغىچە قاينىتىپ ئىچىپ بەرگەندە يۇقىرى قان بېسىمىغا پايدىلىق.
3. قىچىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرە قىچىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بانان پوسىتىنى قىچىشقان ئورۇنغا سۈركىسە ياكى پوستىنى ئىزىپ، سۇدا قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ.
4. سۆگەلنى داۋالايدۇ. بانان پوسىتىنى سۆگەلنىڭ ئۈستىگە سۈركەپ بەرگەندە، سۆگەل ئالدىرىماي يۇمشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ.
5. چىش ئاغرىقىغا پايدىلىق.بانان پوستىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قازانغا سىلىپ، ناۋات بىلەن بىللە قاينىتىپ، بىر كۈندە ئىككى ۋاق ئىچىپ بەرگەندە چىش ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ.
6. پۇت قول يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەر قېتىم قول بىلەن پۇتنى ئىسسق سۇدا يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بانان پوستىنى سۈرۈپ بەرگەندە پۇت قول يېرىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
7. مەستلىكنى يېشىدۇ
8. يۈز تېرىسىنى سىلىق پارقىراق قىلىدۇ.
بانان شۆپىكىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرگەندە سىلىق پارقىراق قىلغاندىن سىرت يەنە يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
9. بانان شۆپىكى قەۋزىيەتنى ياخشىلاپ، گىموروينىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، مەقئەتتىن قان كېلىشنى توختىتىدۇ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment