Search This Blog

Wednesday, August 7, 2019

ئالەم قانداق كەلگەن؟

ئالەم قانداق كەلگەن؟




كۋانت ۋاكۇئۇملۇق داۋالغۇش سخېمىسى
بۇنىڭدىن 300 نەچچە يىل ئىلگىرى، 17ـ ئەسىردىكى ئارىستوتېل دەپ ئاتالغان گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ، ماتېماتىكا ئالىمى گولدفرىد ۋىليام لېبنىز مۇنداق بىر سوئال چىقارغان،يەنى «يوقلۇق بارلىقتىن دېرەك بىرەمدۇ ؟» بۇ زادى قانداق گەپ ؟
ھالبۇكى 1973ـ يىلى 12ـ ئايدا ئەنگلىيە تەبىئەت ژۇرنىلى مەخسۇس «ئالەم بوشلۇقى ۋاكۇئۇم داۋالغۇشىنىڭ مەھسۇلىمۇ؟» دېگەن تېمىدىكى ماقالىنى ئېلان قىلدى .بۇ ياش ئوقۇتقۇچى ئېدۋارد تېليېن دادىللىق بىلەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چەكسىز ئالەم كۋانتلىق ۋاكۇئۇمىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە پەسىيىشىدىن بارلىققا كەلگەن دىيىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئىلمىي، كەسكىن تىل بىلەن ئالەمنىڭ قارىماققا مەۋھۇم ۋاكۇئۇمدا پەيدا بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەردى.
كۋانتنىڭ داۋالغۇشى كۋانتنىڭ ۋاكۇئۇملۇق ئۆرلەش ـ چۈشۈشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ۋاكۇئۇمدىكى خالىغان ئورۇننىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ۋاقىتلىق ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.كۋانت ۋاكۇئۇملۇق داۋالغۇشى ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ. ۋاكۇئۇم خۇددى زەررىچە بىلەن مەۋھۇم زەررىچە جۈپ بولۇپ پەيدا بولغان ھەم جۈپ بولۇپ يوقىلىپ كەتكەن ۋاقىت ـ بوشلۇق كۆپۈكىگە ئوخشايدۇ.
كۋانتنىڭ ئۆرلەش ـ چۈشۈشى بوشلۇقتىكى ھەرقانداق جايدا يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ھەش ـ پەش دېگۈچە پەيدا بولىدۇ ھەم ھەش ـ پەش دېگۈچە يوقاپ كېتىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. 20ـ ئەسىرنىڭ 60ـ يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، يەنە بىر خىل چۈشەندۈرۈش بار بولغان بولۇپ : ماددا ياكى ئېنېرگىيىنىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى ئەسلىدىنلا مەنپىي ئېنېرگىيىگە ئىگە، ئۆرلەش ـ چۈشۈشتىن پەيدا بولغان ماددا تارتىش كۈچى مەيدانى ( مەنپىي ئېنېرگىيە ) نى پەيدا قىلىدۇ، ئاكتىپ (مۇسبەت) ئېنېرگىيە بىلەن پاسسىپ (مەنفىي) ئېنېرگىيە ئۆزئارا يېيىشىپ تۈگەيدۇ، پۈتكۈل سىستېما قارىماققا كۆپ ئېنېرگىيە چىقارمىغاندەك كۆرۈنىدۇ، كۋانت داۋالغۇشى ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىدى
تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنگە ئوخشايدىغان كۋانت ۋاكۇئۇملۇق داۋالغۇشى كۋانت مېخانىكىسىدىكى ئادەمنىڭ بىۋاسىتە سېزىمىگە ئەڭ قارشى بولغان ھادىسە بولۇپ ، نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ئېنېرگىيە ۋە ماددا تەڭ ئۈنۈم بېرىدۇ ، كۋانت مېخانىكىسىدا زامان ـ ماكان ۋە ماددا تەڭ ئۈنۈم بېرىدۇ، ماددا بىر خىل زامان ـ ماكان قۇرۇلمىسى ھېسابلىنىدۇ . كۋانت ۋاكۇئۇمىدا ئۆرلەش ـ چۈشۈشنىڭ ماھىيىتى ۋاقىت ـ بوشلۇق قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، ۋاكۇئۇمدىكى ئۆرلەش ـ چۈشۈش بولسا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك ئەمەس.مەۋھۇم يوقلۇق ۋە ئەمەلىي بار بولۇش دېگەن بىر نىسپىي ئۇقۇم بولۇپ، مۇتلەق مەۋھۇم يوقلۇقمۇ مەۋجۇت ئەمەس، مۇتلەق ئەمەلىي بارلىقمۇ مەۋجۇت ئەمەس.
ئادەتتىن تاشقىرى لازېر نۇرى ۋاكۇئۇمدىن ئېلېكتروننى يىرتىپ چىقىرالايدۇ، بۇ بىر ئىسپات.
ۋاكۇئۇمدىكى بوشلۇق بولسا مەۋھۇم ھالەتتىكى يوقلۇق ۋە ئەمەلىي بار بولغانلىق ھالىتىدىكى قاتلىما ھالەت بولۇپ، ئىنتايىن تۇراقسىز ھالەتتە تۇرىدۇ، ھەرقانداق ئىنچىكە كاشىلىمۇ ئەسلى ھالەتنى كۇمپەيكۇم قىلىۋېتىدۇ
تەڭ ۋالېنتلىق ساقلانماسلىق قانۇنى كۋانتنىڭ ۋاكۇئۇملۇق داۋالغۇشىدا خاتالىق پەيدا قىلىدۇ.
ئالەم بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى زامان ـ ماكان ۋە ماددا قاتلانما ھالەتتە، يەنى ئەمەلىي بار ۋە يوق بولغان قاتلانما ھالەتتە تۇراتتى. بۇ خىل قاتلىنىش ھالىتى كۋانت ۋاكۇئۇملۇق داۋالغۇش ھالىتىگە يامراپ كەتكەن ئىدى . ھەقىقىي زەررىچە بىلەن مەۋھۇم زەررىچە ھەش ـ پەش دېگۈچە جۈپ-جۈپ پەيدا بولۇپ، ھەش ـ پەش دېگۈچە جۈپ ھالەتتە يوقىلىپ، ئېنېرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا ئەمەل قىلىدۇ. ئېنېرگىيە ساقلىنىدۇ، ئەمما تەڭ ۋالېنتلىق ھالەتتە ساقلانمايدۇ، بىر دانە ھەقىقىي زەررىچە بىلەن بىر دانە مەۋھۇم زەررىچە بىرلا ۋاقىتتا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پەيدا بولىدۇ، لېكىن يوقالغان ۋاقىتتا، مەۋھۇم زەررىچە ياكى ھەقىقىي زەررىچە كېيىنرەك يوقىلىشى مۇمكىن. دەل مۇشۇ كىچىككىنە خاتالىق پەرقى ئىنتايىن تۇراقسىز بولغان ۋاقىت ـ بوشلۇق قاتلانما ھالىتىگە غايەت زور كاشىلا پەيدا قىلدى. بۇ كاشىلا ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ قاتلىنىش ھالىتىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دومىنو قارتىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئادەتتىكى زەنجىرسىمان تەسىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
بۇ زەنجىرسىمان رېئاكسىيە بەك تېز بولۇپ، يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئېشىپ كەتسە، زامان ـ ماكان چوڭ پارتىلىشى يۈز بېرىدۇ
ھالبۇكى 1927ـ يىلى، بېلگىيەلىك ئاسترونوم ۋە ئالەمشۇناس لېمەيتر تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقى قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.1929ـ يىلى ئامېرىكا ئاسترونومى خۇببل يۇلتۇزلار سىستېمىسى ئاستا-ئاستا بىر ـ بىرىدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆزىتىپ، قىزىل يۆتكىلىش ھادىسىسىنى بايقاپ، ئالەمنىڭ كېڭىيىشى تەلىماتىنى ئىسپاتلىغان.1946ـ يىلى ئامېرىكىلىق فىزىكا ئالىمى گاموف بۈيۈك بىرلىك(چوڭ پارتلاش) نەزەرىيىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالەمدىكى بۈيۈك بىرلىكىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئېنېرگىيە چەكسىز زور بولغان ئاجايىپ بىر نۇقتىدىن كەلگەن دەپ قارىغان
بىر نۇقتىنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ھالدا چەكسىز چوڭ ئېنېرگىيىگە ئىگە بولىشى ھەقىقەتەن غەلىتە، شۇڭا ئۇ غەلىتە نۇقتا دەپ ئاتالغان.ئەمىسە غەلىتە نۇقتىدىن ئىلگىرى قانداق بولغان ئىدى دەپ سورىسا،
غەلىتە نۇقتا قىياس قىلغۇچىلىرى پەقەت: غەلىتە نۇقتىدا بارلىق فىزىكا قانۇنلىرى كۈچتىن قالىدۇ، ئۇندىن ئىلگىرىكى زامان ۋە ماكاننىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ ئىزاھلايدۇ، بۇ خىل ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۈشەندۈرۈش بولسا ئاۋۋال نۇر بولۇش ئۈچۈن نۇرغا ئايلىنىش ياكى نۇر پەيدا قىلىش كېرەك دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، غەلىتە نۇقتا تەرەپدارلىرىنىڭ چوڭ پارتلاشتىن كىيىنكى چۈشەندۈرۈشلىرى ناھايىتى مۇكەممەل، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قاتار دەلىل ـ ئىسپاتلار بار
ئەمەلىيەتتە، غەلىتە نۇقتىنىڭ چەكسىز چوڭ ئېنېرگىيىگە ئىگە بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى زامان ـ ماكان قاتلىنىش ھالىتىنىڭ چەكسىز چوڭ ئېنېرگىيىگە ئىگە بولۇشى ـ ۋاكۇئۇم نۆل نۇقتا ئېنېرگىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئالەم بوشلۇقى نەزەرىيىسىدە پەرەز قىلىنغان غەلىتە نۇقتا مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن.
بەلكىم، ئالەم بوشلۇقىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقى كۋانت بوشلۇقىنىڭ داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خاتالىق پەرقى پەيدا قىلىپ، ۋاقىت ـ بوشلۇق قاتلىنىش ھالىتىنىڭ گۈمۈرۈلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ توغرا قىياپىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ قاتلىنىش ھالىتى خۇددى بىر تۇڭ قۇرغاق كۈچلۈك پارتلىتىش دورىسىغا ئوخشايدۇ، كۋانت ۋاكۇئۇملۇق بوشلۇقىدا پەيدا بولغان كىچىككىنە ئوت ئۇچقۇنىغا يولۇققان ھامان كۈچلۈك پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
زامان ـ ماكان بىلەن ماددىنىڭ تەڭ ئۈنۈم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئالەملىك چوڭ پارتىلاش نەزەرىيەسى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك ئەمەس
ئالەملىك چوڭ پارتلاشتىن ھاسىل بولغان زەررىچىلەر بەلگىلىك چەككە يەتكەندە تارتىش كۈچى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، زەررىچىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ، ئىپتىدائىي «ئالەم شورپىسى»نى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەدرىجىي ئۆزگىرىش ھىدروگېن ئېلېمېنتى بىلەن گېلىي ئېلېمېنتىدىن، بىرىنچى ئەۋلاد تۇرغۇن يۇلتۇزدىن، يۇلتۇزلار سىستېمىسىدىن ھاسىل بولغان.تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق، بىر قاتار ماددا ئېلېمېنتلىرىنى ياساپ چىقىپ، ھاياتلىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن ماددىي شارائىت ھازىرلايدۇ
تەڭ ۋالېنتلىق ساقلانماسلىق ھالىتى قىسمەن ئېنېرگىيىنىڭ ساقلانماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىزنىڭ ئالەم بەلكىم ھەقىقىي زەررىچىنىڭ ئاستا ـ ئاستا يوقىلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، باشقا ئالەم بەلكىم مەۋھۇم زەررىچىنىڭ ئاستا ـ ئاستا يوقىلىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق بۇ جەرياندا ئېنېرگىيە ئومۇمىي جەھەتتىن ساقلىنىدۇ. ئەگەر بىز ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ قاتلانما ھالىتىنى ئانا ئالەم دەپ قارىساق، ئانا تېنىدە، تەڭ ۋالېنتلىق ساقلانماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان چوڭ پارتىلاش ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، بالا ئالەملەرمۇ يوقىلىدۇ ھەم پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ.
تېمىدىن سىرت بولسىمۇ ئازراق گەپ قىستۇرساق، بۇ ئالەم بىلەن ئۇ ئالەمنىڭ ئارىلىقى ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ قاتلانما ھالىتى بولۇپ ، ئىككى پاراللېل ئالەمنىڭ پاراللېل بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ۋاقىت ـ بوشلۇق قاتلانما ھالىتى مەۋجۇت. بۇ خىل قاتلىنىش ھالىتى بۇزۇپ تاشلانسا، ئىككى ئالەم بىر ئالەمگە ئايلىنىدۇ.بۇ
خۇددى ئىككى تامچە سۇغا ئوخشايدىغان بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى ھاۋا ئايرىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۇچرىشىپ قالسا(تىگىشسە)، ئىككىسى بىر بولۇپ، بىر تامچە سۇغا ئايلىنىدۇ.ئالەمنىڭ گىرۋىكى بولسا ۋاقىت بوشلۇقىنىڭ قاتلانما ھالىتى بولۇپ ،
بۇ خىل قاتلىنىش ھالىتى كۆزىتىلگەن ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ. نۇر تېزلىكىدىكى ئالەم كېمىسى بولسۇن ياكى نۇرنىڭ ئۆزى بولسۇن، ئالەمنىڭ چېتىگە مەڭگۈ يېتىپ بارالمايدۇ.
سىز كۆزەتكەن ۋاقىت ـ بوشلۇقنىڭ قاتلانما ھالىتى ئۆزلۈكسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئالەمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىۋېرىدۇ.
ئالەمنىڭ چەكلىك شۇنداقلا چېگراسى يوق ھالەتتە بولۇشى دەل مۇشۇ قائىدىگە بويسۇنىدۇ
ھالبۇكى 1993ـ يىلى لىئون لېدمان ( 1988ـ يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ) مۇنداق سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويغان : ئەگەر ئالەم جاۋاب بولسا، ئۇنداقتا سوئال دېگەن زادى نېمە؟شەك شۈبھىسىزكى، ئالەمنىڭ كېلىپ چىقىشى دەل سۇئالدۇر. ئالەم بوشلۇقى كۋانت ۋاكۇئۇملۇق داۋالغۇشى ئارقىلىق كېلىپ چىققان دېگەن قاراش بەلكىم توغرا جاۋاب بولۇشى مۇمكىن. گەپكە كەلسەك، ئالەم بوشلۇقى نەزەرىيىسىگە نىسبەتەن، مەيلى غەلىتە نۇقتا بولسۇن ياكى ۋاكۇئۇم داۋالغۇشى بولسۇن، ھەممىسى ئىلمىي قىياس ھېسابلىنىدۇ ، ئىلىم ـ پەن قىياسى بۈگۈن توغرىلىقى ئىسپاتلانسا، ئەتە يەنە خاتالىقى ئىسپاتلىنىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى نورمال ئىش. ئالەمگە چەكسىز سىر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى توختىماي ئىزدىنىش ئىچىدە تۇرىدۇ.
بىلىمزار

No comments:

Post a Comment