Search This Blog

Thursday, August 8, 2019

ۋاكوئۇم ئويلىغىنىمىزدەك “قۇرۇق“ئەمەس، بەلكى بەك ئالدىراش ئىكەن


ۋاكوئۇم ئويلىغىنىمىزدەك “قۇرۇق“ئەمەس، بەلكى بەك ئالدىراش ئىكەن 


ۋاكۇئۇم قۇرۇق شۇنداقلا ھېچقانداق نەرسە يوق قۇرۇق بوشلۇقمۇ؟ ۋاكۇئۇم بىلەن مەۋھۇم بوشلۇقنىڭ پەرقى بارمۇ؟

قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى دېموكرىتنىڭ قارىشىچە، بارلىق ماددىلار ئاتومدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاتومدىن باشقا كىچىك زەررىچىلەر مەۋھۇم قۇرۇق ھالەتتە ئىكەن. دېموكرېت ئېيتقان ئاتومنى ھەقىقىي بولغان قاتتىق شار جىسىم دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ، ئۇ ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى ئاتوم بىلەن پۈتۈنلەي بىر ئۇقۇم ئەمەس بولۇپ ، بۈگۈنكى كۈندە يەنە نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا ناھايىتى جاھىللىق بىلەن بۇ خىل قاراشتا بولۇۋاتىدۇ. بۇ قاراش ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئەكسىچە ئاتومنىڭ ئىچكى قىسمى نېمە دەپ سورالغاندا، بۇ ئۇقۇمنىڭ ئۆزى زىددىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاتوم مۇتلەق ئەمەلىي گەۋدىگە تەۋە بولغان ئىكەن، «ئىچكى قىسىمى» دېگەن قاراش مەۋجۇت بولمايدۇ. مۇتلەق قۇرۇق ياكى مۇتلەق ئەمەلىي گەۋدە قارىشى ئوخشاشلا سەپسەتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ۋاكۇئۇمنى مۇتلەق قۇرۇق بوشلۇق دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.

ئېينىشتىيىن تارتىش كۈچى ھادىسىسىنى مەيدان نەزەرىيەسى ئارقىلىق تەتقىق قىلغاندا، ھېچقانداق نەرسە يوق ۋاكۇئۇم قارىشىدا چوڭ ئاۋارىچىلىق بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ۋاكۇئۇم تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ مەلۇم ئالاھىدە ھالىتى دېگەن ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغان
ۋاكۇئۇم، سۆز مەنبەسىدىن قارىغاندا، قۇرۇق بوشلۇق، يەنى ھېچقانداق نەرسە يوق قۇرۇق بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ. سانائەت ساھەسى ۋاكۇئۇمغا مۇنداق تەبىر بەردى: قاچىدىكى بېسىم ئاتموسفېرا بېسىمىدىن تۆۋەن بولغاندا، قاچىدىكى بوشلۇق ۋاكۇئۇم دەپ ئاتىلىدۇ. يېمەكلىكلەرنى ۋاكۇئۇملۇق ئوراپ قاچىلاشتا، دەل مۇشۇ ئۆلچەم ئىجرا قىلىنىدۇ.

تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى ۋاكۇئۇم پلانك تۇراقلىق سانىنىڭ 0 گە يۈزلەنگەن چاغدىكى ھالىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. ئەنگلىيە ئالەمشۇناسلىقى ۋە ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا ئالىمى مارتىن رىس مۇنداق دېدى: فىزىكا ئالىملىرى بوشلۇق توغرىسىدا توختالغاندا، تەكىتلەۋاتقىنى دەل ۋاكۇئۇمنى كۆرسىتىدۇ.

ۋاكۇئۇم ساپ گېئومېتىرىيىلىك بوشلۇق ئەمەس.

ماكان ماتېماتىكىلىق ئۇقۇم بولۇپ، ھەرىكەتنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە گېئومېترىيىلىك چوڭ ـ كىچىكلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ۋاكۇئۇم فىزىكا ئۇقۇمى بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تەۋرىنىپ تۇرىدىغان غايەت زور ئېنېرگىيەگە تولغان ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت. ماكان بىلەن ۋاكۇئۇمدا ئۆزئارا ئۆز ئىچىگە ئېلىش مۇناسىۋىتى بولمايدۇ ، ۋاكۇئۇمنىڭ خاراكتېرى ماتېماتىكىلىق بوشلۇققا باغلىق ئەمەس.

ۋاكۇئۇمنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلغاندا، ماتېماتىكىلىق بوشلۇق پايدىلىنىش مىقدارى قىلىنىدۇ، ماھىيەتتە ماتېماتىكىلىق تىل ئارقىلىق ۋاكۇئۇمنىڭ خۇسۇسىيىتى تەسۋىرلىنىدۇ. ۋاكۇئۇمنى ساپ گېئومېتىرىيەلىك بوشلۇق دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.

ماتېماتىكىدىكى نۇقتىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى يوق، فىزىكىدىكى زەررىچىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى بولۇشى كېرەك. ماتېماتىكا ئۇقۇمى بىلەن فىزىكا ئۇقۇمىنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

فىزىكىدىكى ۋاكۇئۇم بولسا توختىماي دۇلقۇنلىنىپ تۇرىدىغان ئېنېرگىيە دېڭىزى بولۇپ ، ئېنېرگىيە دولقۇن چوققىسىغا يەتكەندە، ئېنېرگىيە جۈپ ـ جۈپ ئوڭ ـ تەتۈر ئاساسىي زەررىچىگە ئايلىنىدۇ، ئېنېرگىيە دولقۇن جىلغىسىغا يەتكەندە، جۈپ ـ جۈپ ئوڭ ـ تەتۈر ئاساسىي زەررىچىلەر يەنە ئۆزئارا يوقىلىپ، ئېنېرگىيەگە ئايلىنىدۇ. ۋاكۇئۇمدا زەررىچە بىلەن مەۋھۇم زەررىچە ھەش ـ پەش دېگۈچە جۈپ بولۇپ پەيدا بولۇپ، ھەش ـ پەش دېگۈچە يەنە ئۆزئارا تەسىرلىشىپ يوقىلىدۇ. ئالەمدە ھېچقانداق ماددىي زەررىچە مەۋجۇت بولمىغان بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس. ۋاكۇئۇمدا بەزى ئاساسىي زەررىچىلەردىن باشقا، يەنە يوشۇرۇن ماددا ۋە يوشۇرۇن ئېنېرگىيە مەۋجۇت.
ئالەم بوشلۇقىدىكى ماددىلارنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىقى تەخمىنەن ھەر 10 كۇب مېتىردا بىر ئاتوم بار بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بولغان تەبىئىي مۇھىتتا، پەقەت تاشقى ئالەم بوشلۇقىلا ۋاكۇئۇمغا ئەڭ يېقىن بوشلۇق دەپ ئاتىلىدۇ. ئالەمدىكى بارلىق ماددىلارنى يۆتكەپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئىچىدە يەنىلا دولقۇن مەۋج ئۇرۇۋاتقان كۋانت ۋاكۇئۇمى داۋالغۇشى يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.
كۋانت دىنامىكىسى ۋاكۇئۇمدىكى جۈپ مولېكۇلا ئېنېرگىيىسى ئۆزئارا يېيىشىپ، ھەر بىر جىسىمنىڭ بوشلۇقىنى زىچ تولدۇرىدۇ، ئەمما جىسىم بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دەپ قارايدۇ.1930ـ يىلى دىراك ھىدروگېن ئاتوم ئېنېرگىيە دەرىجىسىنىڭ تارقىلىشىنى تەتقىق قىلغاندا، داڭلىق دىراك تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تەڭلىمە  تەجرىبە بىلەن ناھايىتى ياخشى ماسلاشقان، لېكىن ئۇ مەنپىي ئېنېرگىيە يېشىمىگە ئېرىشكەن. پاۋلىنىڭ سىغىشالماسلىق پرىنسىپىغا ئاساسەن، دىراك بارلىق مەنپىي ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى ئېلېكترون ئىگىلىۋالغان دەپ قارىغان، شۇڭا مۇسبەت ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى ئېلېكتروننىڭ مەنپىي ئېنېرگىيە دەرىجىسىگە ئۆتۈشىنى توسۇپ، ۋاكۇئۇمنىڭ مەنپىي ئېنېرگىيە ھالىتىدىكى ئېلېكترون دېڭىزى دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە مۇسبەت ئېلېكتروننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى مۆلچەرلىگەن.


مۇسبەت ئېلېكترون تەجرىبە تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى.

بۈگۈنكى تېخنىكا شارائىتىدا، بىر مۇسبەت ئېلېكترون ياساپ چىقىش تەس ئىش ئەمەس. دىراك پەقەت بىر ماتېماتىكىلىق فورمۇلاغا تايىنىپلا بىر خىل يېڭى ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەرەز قىلغان بولۇپ، ئۇ ھەقىقەتەن تالانتلىق شەخس ئىدى .
كۋانت مەيدان نەزەرىيىسى مۇنداق دەپ قارايدۇ: ھەر بىر خىل زەررىچە بىر خىل كۋانت مەيدانغا ماس كېلىدۇ، زەررىچە بولسا كۋانت مەيداننىڭ قوزغىتىش (ئاكتىپچانلىق) ھالىتى بولۇپ ، زەررىچە يوقاپ كەتكەندە، كۋانت مەيدانى ئاساسىي ھالەتتە تۇرىدۇ. ۋاكۇئۇم بولسا كۋانت مەيدانى قوزغىتىلمىغان ھالەت يەنى ۋاكۇئۇم كۋانت مەيدان سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي ھالىتى ھېسابلىنىدۇ .
ۋاكۇئۇم بوشلۇقى ئېلاستىكىلىققا ئىگە، تارتىش كۈچى دولقۇنى بوشلۇقنىڭ ئۆزىدىكى مەيىن دولقۇندۇر.1916 ـ يىلى ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئاساس قىلىپ، تارتىش كۈچى دولقۇنىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلغان.2015 ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 14ـ كۈنى
  ھەمكارلىق گۇرۇپپىسى تۇنجى تارتىش كۈچى دولقۇنى سىگنالىنى تەكشۈردى، شۇ يىلى 12ـ ئاينىڭ 26ـ كۈنى 2ـ تارتىش كۈچى دولقۇنى سىگنالى تەكشۈرۈلدى، 2017ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى، ئالىملار قوش نېيترون يۇلتۇزىنىڭ بىرلىشىشىدىن كەلگەن تارتىش كۈچى دولقۇنىنى بىۋاسىتە تەكشۈردى.
ۋاكۇئۇم بوشلۇقى ئىچكى قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ ،ماكرو زامان ـ ماكان بولسا پلانك ئۆلچىمى ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك زامان ـ ماكان بىرلىكىدىن تۈزۈلگەن.
پلانك ئۆلچىمى ئاستىدىكى بوشلۇق كۋانت داۋالغۇشى، زەررىچە بىلەن تەتۈر زەررىچىدىن تەركىب تاپقان مەۋھۇم زەررىچە جۈپى بىلەن تولغان بولۇپ، ھەش ـ پەش دېگۈچە پەيدا بولۇپ يەنە يوقىلىپ، ئېگىز ـ پەس دولقۇنلىنىپ ، مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ ، ۋاكۇئۇمدا قۇتۇپلۇق مەۋجۇت، يەنى قىسمەن سىممېترىك بولمىغان ھالەت مەۋجۇت بولسىمۇ بىراق ۋاكۇئۇم ھەرىكەتلىك ئايلىنىش ئارقىلىق قاپلىنىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن سىممېترىك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
يېقىنقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ ۋاكۇئۇمنى بىلىشى ئىلمىي تەجرىبىنىڭ دەلىللىشىگە كىرىپ بولدى، ئۇ ئەمدى نوقۇل پەلسەپىۋى خىيالكەشلىك ئەمەس.

مەسىلەن، ئالىملار يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ، ھىدروگېن ئاتوم ئېنېرگىيە دەرىجىسىدىكى رام سىلجىش ۋە ئېلېكتروننىڭ نورمالسىز ماگنىت مومېنتىنى بايقاپ، ۋاكۇئۇم قۇتۇپلىنىش ئېففېكتىنى ئىسپاتلىدى، تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك مۇسبەت ـ مەنپىي ئېلېكتروننىڭ سوقۇلۇشى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوتونغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى، يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوتون ۋاكۇئۇمدىن زور مىقداردا زەررىچىنى قوزغىتالايدىغانلىقىنى بايقىدى، كۈچلۈك لازېر نۇرى ئېنېرگىيە دەستىسى ۋاكۇئۇمدىكى جۈپ مولېكۇلانى يىرتىپ، ئېلېكترون ۋە مۇسبەت ئېلېكتروننى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. ۋاكۇئۇمدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ھەم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن زەررىچە بىلەن مەۋھۇم زەررىچە ئىنتايىن كىچىك بىر كۈچ ھاسىل قىلىدۇ. ھازىرقى زامان ئالەم ئالىملىرى كۆزىتىش ئارقىلىق ۋاكۇئۇمدىكى يوشۇرۇن ئېنېرگىيەنىڭ بىر خىل تېپىشىش كۈچى ھاسىل قىلىپ، ئالەمنىڭ چوڭ ئۆلچىمى جەھەتتە تارتىش كۈچىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى.

بۇ ۋاكۇئۇمنىڭ  بوش يەنى قۇرۇق ھالەتتە ئەمەسلىكىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ .
نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ماددا بىلەن ئېنېرگىيە تەڭ ئۈنۈم بېرىدۇ، ماددا بىر خىل ئېنېرگىيە شەكلى بولۇپ، ماتېماتىكىلىق شەكىل 

E=MC²
ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولىدۇ: كۋانت مېخانىكىسىدا ماددا بىلەن زامان ـ ماكان تەڭ ئۈنۈم بېرىدۇ، ماددا بىر خىل زامان ـ ماكان قۇرۇلمىسىدۇر. زامان ـ ماكان قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولسا پلانك ئۆلچىمى ئاستىدىكى ۋاكۇئۇم بولۇپ ، زامان ـ ماكان ۋە ماددا تەڭ ئۈنۈمى ۋە كۋانت مېخانىكىسى ھەرگىزمۇ دۇنيانىڭ ئوبيېكتىپ چىنلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

دەرۋەقە، ئىنسانلارنىڭ ۋاكۇئۇمغا بولغان تونۇشى يەنىلا دەسلەپكى ئىزدىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ۋاكۇئۇم ئۆزلۈكىدىن كەمتۈك بولۇپ قېلىش ۋە ۋاكۇئۇم فازا ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە فىزىكا ئالىملىرى يەنىلا ئىزدىنىۋاتىدۇ.

بىلىمزار- بىلىمدان 

No comments:

Post a Comment