ئۇ بىر كۈنى ئەتتىگەندە چىللاپ بۇلۇپ دان تېپىپ يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپ چىلاپ مېڭىپ بىر كىپىنەكنى كۆرۈپ توختاپتۇ ۋە چاتقانلىقنىڭ ئارىسىدا مۈكۈپ ياتقان تۈلكىنى كۆرۈپ قورقۇپ كىتىپ دەرھال تولىغىنىچە قېچىپتۇ
تۈلكە - قەدىرلىك بۇرادەر نىمىدىن قاچىسەن مەن سىنىڭ يېقىملىق ناخشاڭنى ئاڭلاي دەپ مۈكۈپ ياتقان قارا چىرايلىق پەيلىرىڭنى گۈزەل ئاۋازىڭدىن ھەرقانداق كىشىنىڭ ھۇزۇرلانغۇسى كېلىدۇ داداڭ بىلەن يېقىن ئۆتەتتۇق ئۇ ھايات ۋاختىدا سەندەك گۈزەل ئىدى قاناتلىرىنى كېرىپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ ناخشىنى ئېيتىدىغان بولسا ھەممىمىز ھەۋەستە قالاتتۇق سەن داداڭدىن قېلىشمايدىكەنسەن بىرە ناخشا توللاپ ئىچى پۇشقىمىزنى چىقىرىپ قويمامسەن دەپتۇ
خوراز تۈلكىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ خوش بولۇپ قاناتلىرىنى كېرىپ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ناخشىنى باشلىغان ھامان تۈلكە خورازنىڭ بوينىنى چىشلىگىنىچە ئۆيى تەرەپكە قاراپ چېپىپتۇ
خوراز- تۈلكە ئاغىنە سەن نىمە دىگەن ئەقىللىق ھەم تىز يۈگۈرەيسەن دەپتۇ تۈلكىنىڭ ئېغىزىدا خىرخىراپ تۇرۇپ، سەن ئەقىللىق ئەمما بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالدىڭ ئەيراپتا باشقا توخۇلارمۇ بار مەن باشلاپ باراي ئەگەر سىنىڭ بىرلا ئورۇق خورازنى تۇتۇپ كەلگىنىڭنى بىلسە ئايالىڭ يەنە دۆت دەپ تىللاپ كىتەمۇ دەپتۇ ، تۈلكە ياق ئۆيدە مەنلا با دەپ ئېغىزىنى ئېچىشىغا خوراز سەكرەپ ئۇچۇپ دەرەخكە چىقىۋاپتۇ
خوراز- ئەمدى ھېچ كىشىنىڭ شىرىن شىكەر گەپ لىرىگە ئىشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن قۇلاق سالمايمەن دەپتۇ
تۈلكە -زۇۋان سۈرمەيدىغان چاغدا جەزمەن سۈكۈت قىلمىسام بولمايدىكەن دەپتۇ
كۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى خۇش چىراي ئەمەسكەن بەزىسى خۇشامەت ئۈچۈن بەزىسى مىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن ئىكەن دەپتۇ خوراز -ئۇلاپلا
دۈشمىنى ئالدىدىكى مەغرۇرلۇق كىشىنى مەغلۇپ قىلىدىكەن دىگىنىچە كىتىپ قاپتۇ تۈلكە -
بىلىمدان بىلىمزار
bilidan, bilimzar
No comments:
Post a Comment