بۇ 4 بەلگە كۆرۈلسە، بەدەندە راك پەيدا بولغانلىقىنىڭ بېشارىتى
راك كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدىغان ، ھاياتىمىز ۋە ساغلاملىقىمىزغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ھەر يىلى 4 مىليونغا يېقىن يېڭى راك كېسىلى بىمارى بايقىلىدۇ، ھەر يىلى 2 مىليون 200 مىڭ بىمار راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
راك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، كۆپ قىسىم بىمارلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى يوق ياكى روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەچكە، كۆپ ھاللاردا بۇنىڭغا سەل قارىلىپ قالىدۇ، روشەن بىئاراملىق كۆرۈلگەندە، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، كۆپ قىسمى راكنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلگە بېرىپ قالغان بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ بىر قەدەر ناچار بولىدۇ. ئۆسمىنى بالدۇر بايقاپ، بىر قەدەر ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم ھەر يىلى قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. ئەلداۋا سىزگە ئەگەر تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ بۇ مەزمۇننى كەڭ تارقىتىپ قويۇشىنى سورايمىز!
1- سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش
راك كېسىلى ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ ، ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ تۇيۇقسىز بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، ئېنىق سەۋەبىنى تاپالمايدۇ ، مەسىلەن ، قالقانسىمان بەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش ، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق ئېنىق كېسەللىك سەۋەبلىرىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ ، راك ھۈجەيرىلىرى كۆپلەپ كۆپىيىپ كەتكەندە ، نۇرغۇن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىدۇ ، شۇڭا بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك .
2- تۆۋەن قىزىتما
ئۆسمە بىمارلىرىدىمۇ قىزىش كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 38 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ، چۈنكى ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى نىكروزلىنىدۇ، ئورگانىزملار بۇ نىكروزلانغان ھۈجەيرىلەرنى سۈمۈرۈپ يوقاتقاندا، قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىمۇ بەزى فاكتورلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ، بەدەننىڭ قىزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۆسمە پەيدا قىلغان قىزىتمىغا ئادەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ ، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ .
3- لىمفا تۈگۈنى ئىششىش
راك كېسىلى ئۆسمە ئەتراپىدىكى لىمفا تۈگۈنلىرىگە ، ھەتتا پۈتۈن بەدەندىكى لىمفا تۈگۈنلىرىگە يۆتكىلىدۇ ، بىز بەزىدە بەدەن سىرتىدىن بىر ياكى بىر قانچە ئاغرىقسىز ئىششىقنى تاپالايمىز . كۆپ ئۇچرايدىغان لىمفا تۈگۈنلىرىدىن يىرىق لىمفا تۈگۈنى ، ئوقۇرەك سۆڭەك ئۈستى لىمفا تۈگۈنى ، قولتۇق لىمفا تۈگۈنى ، بويۇن لىمفا تۈگۈنى قاتارلىقلار بار . يىرىق لىمفا تۈگۈنى يوغىناش لىمفا ئۆسمىسى ، مەقئەت راكى ، تۈز ئۈچەي راكى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ ، ئوقۇرەك سۆڭىكىدىكى لىمفا تۈگۈنى يوغىناش ئاشقازان راكى ، ئۆپكە راكى ، ئۈچەي راكى ، سۈت راكى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ . قولتۇق لىمفا تۈگۈنى ئىششىش سۈت بېزى راكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.
بويۇن لىمفا تۈگۈنى ئىششىش بۇرۇن ـ يۇتقۇنچاق راكى، قالقانسىمان بەز راكى، لىمفا ئۆسمىسى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ.
4- ئاغرىش
ئادەتتە، دەسلەپكى مەزگىلدىكى راك كېسىلى ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، پەقەت ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلدىكى ئۆسمە، راك كېسىلى نېرۋىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىدۇ ياكى ئەتراپتىكى ئەزالارنى بېسىپ، بىر قەدەر ئېغىر ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، مەسىلەن، جىگەر راكى ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئارقا دۈمبە ۋە مۈرە قىسمىغا تارقىلىدۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، چوڭ ئۈچەي راكى ۋە ئاشقازان راكى قاتارلىق ئۆسمىلەرنىڭ ھەممىسى قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەگەر راك كېسىلى سۆڭەككە يۆتكەلسە، مۇناسىپ ئورۇندىكى سۆڭەكنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بۇ ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كۆپ قىسمى ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ، دەسلەپكى باسقۇچتىكى راك كېسىلى جىمجىت بولۇپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش ناھايىتى تەس، پەقەت قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتكەندىلا، ئاندىن دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆسمىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

bilimzar #bilimdan#
No comments:
Post a Comment