تۇرمۇشتىكى كۆپ ئۇچرايدىغان 30 كىسەلگە شىپا يەرلىك رېتسىپلار
1. بەل چىم بولۇش: ياڭيۇنى ئاقلاپ چوڭراق بولسا بىرنى كىچىكرەك بولسا ئىككى- ئۈچنى خام يەپ بەرسە بەل چىم بولۇش توختايدۇ. ئەگەر ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە كۈندە يەپ بېرىش كېرەك، ئادەتتە ئىككى قېتىمدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
2. چىش ئاغرىش: تېتىتقۇنى چوكا بىلەن بىر ئاز ئېلىپ ئاغرىغان چىشنىڭ ئۈستىگە قويساق، ئاغرىق توختايدۇ .
3. قاداق: پۇتنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن سۇڭپىياز غولنىڭ ئەڭ سىرتقى بىر قەۋەت پوستىنى ئېلىپ ، قاداقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، پلاستىر چاپلاپ قويسا بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئاغرىق كۆرۈنەرلىك توختايدۇ ياكى يوقايدۇ. بۇنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندا، قاداقنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلەر ئاقىرىپ، يۇمشاپ ، قاداق ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ .
يەنە بىر ئۇسۇلى: ئاۋۋال بەكە بىلەن قاداق ئۈستىدىكى قاتتىق ماددىنى ئېلىۋېتىپ، ئارقىدىن ئازراق مىقداردا چاي ئۇۋىندىسىنى قاداق ئۈستىگە سېپىپ، پلاستىر بىلەن ھىملاپ ، كۈندە بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ بەرسە ، ئۈچ- بەش كۈنگىچە قاداق چۈشۈپ كېتىدۇ .
4. قورساق ئاغرىقى: 50 گرام ئاچچىقسۇغا 50گرام قارا شېكەر قوشۇپ قازاندا قاينىتىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن كېسىلى يىنىكلەر بىر قېتىم، ئېغىرلار ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، قورساق ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ .
يەنە بىر رىتسېپ بىر تال ئاچچىق ئانار شۆپىكىنى بىر چىنە سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، يېرىم چىنە قالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا 50 گرام قارا شېكەر سېلىپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچسە قورساق ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ
بالىلار (بوۋاقلار)نىڭ قورسىقى ئاغرىسا بىر تال ئالمىنى پاكىز يۇيۇپ ، شۆپۈكى ۋە ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ توغراپ قازانغا ئاز مىقداردا سۇ قۇيۇپ 20 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم يېسە شىپا بولىدۇ.
5. يۇقىرى قان بېسىم : قۇرۇق كۆممىقوناق پۆپىكىدىن 50 گرام، ياز غازىڭىدىن 50 گىرام سۇدا قاينىتىپ كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئىچىپ بەرسە ، يۇقىرى قان بېسىمىنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
6. قانداق ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇش : قارا پۇرچاقتىن 2 كىلوگرامنى قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇپ كۈنىگە 50-100 گىرامغىچە يەپ بەرسە ، قاندىكى ياغ تەركىبى نورمال ھالەتكە كېلىدۇ .
7. گېموروي: نارگۈل ئۇرۇقىدىن 15 گرام، ياۋا سۈپۈرگە ئۇرۇقىدىن 15 گرامغا ئاچچىق ئادەمگىياھنى قوشۇپ قاينىتىپ ، يەرلىك ئورۇننى ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىم يۇيۇپ بەرسە ئۈنۈمى بولىدۇ.
يەنە بىر رىتسېپ باناننى ھەسەلگە مىلەپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .
8. بۇرۇن قاناش : سول بۇرۇن قانىسا ئوڭ قۇلاققا، ئوڭ بۇرۇن قانىسا سول قۇلاققا پۈۋلىسە بولىدۇ .
9. سۇ ياكى ئوت كۆيىكى : كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ سۈيدۈكىنى جاراھەت ئېغىزىغا سۈرۈپ بەرسەم ، نەچچە كۈندە ئەسلىگە كېلىدۇ .
يەنە بىر رىتسېپ يېڭى سازاڭدىن ئون نەچچە تالنى پاكىز يۇيۇپ ، ئۇنىڭغا 20 گرام ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، قاچىغا سېلىپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ سۇيۇقلاندۇرۇپ جاراھەت ئېغىزىغا سۈرىسىمۇ تېز ساقىيىدۇ .
10. خورەك تارتىش: كاۋاۋىچىندىن ئون نەچچە تالنى قاينىتىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈيىنى بىر ئىستاكاندىن ئىچىپ بەرسە ، بۇنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرسا خورەك تارتمايدىغان بولىدۇ .
11. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار بولۇش : غاز تۇخۇمىدىن بىر تالغا مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ ، ئۇدا 5 كۈن ئەتىگەندە ئاچ قورساق يەپ بەرسە ، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ .
12. بۇرۇن كۆپ قاناش : بىر باغلام يىڭى پىدىگەننىڭ شىرنىسىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا 100 گرام ئاق شېكەر سېلىپ ئىچسە ، پىدىگەن قالدۇقىنى بۇرنىغا تىقىپ قويسا بىر قېتىم بولار ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
13. ئۇيقۇسىزلىق (كۆپ چۈش كۆرۈش): خاسىڭ يوپۇرمىقى ياكى پوستى ، قىزىل پۇرچاق، بۇغداي قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 50 گرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئەتىگەن كەچتە ئىچىپ بەرسە 5-7 كۈندە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
يەنە بىر رىتسېپ غول پىيازدىن ئىككى تالنى ئۇششاق توغراپ قاچىغا، سېلىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياستۇق تۈۋىگە قويۇپ قويسا، بۇنىڭ ئۈنۈمىمۇ ياخشى بولىدۇ.
14. بۇرۇن ياللۇغى: پىششىق كېسەكنى ئوتقا قويۇپ قىزىتىپ، ئازراق ئاچچىقسۇنى كېسەك ئۈستىگە قويۇپ چىققان ھورنى كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن پۇراپ بەرسە بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ .
15. بالىلار كېچىدە يىغلاش كېسىلى: چاينى چايناپ، ھەر كۈنى كەچ ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىنىڭ كىندىكىگە تېڭىپ قويۇپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئېلىۋېتىپ، بۇنى 3 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ.
16. ئېغىز پۇراش: 30 گرام قومۇش يىلتىزىغا، 100 گىرام ناۋات سېلىپ سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئۇدا 5 كۈن ئىچىپ بەرسە، ئېغىز پۇراشقا شىپا بولىدۇ .
17. باش ئاغرىقى : كۆك لوبۇ شىرنىسىغا يېرىم مىسقال مۇز پارچىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈنىگە ئۈچ قېتىمدىن ، ئۇدا 9 كۈن بۇرۇنغا بۇ بىر قانچە قېتىم تېمىتىپ بەرسە سەللىمازا ساقىيىدۇ . (كاۋاۋىچىن ۋە قارىمۇچ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك .)
18. كۆك يۆتەل: بىر ئىككى تال نەشپۈتكە 50 گرام ناۋاتنى بىر چىنە سۇ بىلەن قاينىتىپ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە تاماقتىن ئاۋۋال ئۇدا بىر ھەپتە ئىچىپ بەرسە ، كۆك يۆتەلگە شىپا بولىدۇ .
19. كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش : ئىككى مىسقال ئاق جۇخار گۈلى ئىككى مىسقال ئالقاتنى ھەر كۈنى قايناقسۇغا سېلىپ ، ئۇدا 1 ئاي چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ، كۆز قۇۋۋىتى ئاجىزلاشقا شىپا بولىدۇ. (ئاچچىق نەرسە ۋە لامنارىيەنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . )
20. قۇلاق غوڭۇلداش ئاڭلىماسلىق: ئېغىزغا بىر پارچە تۆمۈر پارچىسى سېلىپ، قۇلاق سىرتىغا بىر دانە ماگنىتنى تۇتۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 10 مىنۇتتىن ئۇدا 20 كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. (بۇ رېتسىپ تۇغما ، گاسلىق كېسىلىنى ساقايتالمايدۇ .)
21. ئانگىنا: 50 گرام قارا قېرىنقۇلاقنى قورۇپ قۇرغاندىن كېيىن سوقۇپ، يېرىم قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ، ئۇدا 5 كۈن ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ رېتسىپنى كېسەل قوزغالغاندا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
22. ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش : بىر تال توخۇ تۇخۇمىنى چىنىگە چېقىپ بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ پىشۇرۇپ، ئۇدا 2-3 كۈن ئەتىگەن ۋە كەچتە يەپ بەرسە بولىدۇ. (ئاچچىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم .)
23. يۈز تېرىسى قارىداپ ، يىرىكلىشىش: ئاق ئاچچىقسۇ ۋە گېلىتسىرىن 甘油 نى 1:2 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە ئىككى ئۈچ ۋاق سۈرتۈپ بەرسە سىلىقلىشىپ ئاقىرىدۇ .
24. سەپكۈن: ئۆرۈك مېغىزىدىن بەش مىسقالنى سوقۇپ، تۇخۇم ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ ، ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن سەپكۈن بار يەرگە سۈرۈپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇنى 10-15 كۈنگىچە داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
25. سېرىق داغ: خەنزۇ كاۋىسى شىرنىسى ۋە ئاق ئاچچىقسۇنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنىگە 2-3 قېتىم يۈزىگە سۈرۈپ 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە، ھەم 15 كۈن داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
26. يۈزدىكى داغنى يوقىتىش: يېڭى پەمىدۇر شىرنىسى بىلەن ھەسەلنى 5:1 نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ داغ بار يەرگە سۈركەپ 10 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە ھەم بۇنى 10-15-كۈن داۋاملاشتۇرسا ، قارا داغ پارچىلىنىپ يۈز تېرىسى ئاقىرىدۇ .
27. دانىخورەك : ئالدى بىلەن يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن يېڭى تەرخەمەك شىرنىسى بىلەن ئاق ئاچچىقسۇنى تەڭ مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ دانىخورەك بار ئورۇنغا سۈرۈپ 10 مىنۇتتىن كېيىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە بۇنى 10-15 كۈنگىچە كۈندە ئۈچ قېتىمدىن داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
28. چۈشۈش (چاچ كېپەكلىشىش، باش قىچىشىش): ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 300 گرام، زەنجىۋىلدىن 50 گىرام تەييارلاپ ، ئاز مىقداردا ئاچچىقسۇ قوشۇپ 2.5 كىلوگرام سۇدا قاينىتىپ ، كۈنىگە بىر قېتىمدىن ئۇدا بىر ھەپتە باشنى يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ. ( يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن باشنى پاكىز سۇدا چايقاشقا بولمايدۇ .)
29. پاينەك باشلار تاقىر باشلار: يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، باشنى يۇغاندىن كېيىن، زەنجىۋىل پارچىسىنى ئۇدا 20 كۈن كۈنىگە 3-5 قېتىمغىچە باشقا سۈرۈپ بەرسە بىر ئايغا بارماي چاچ ئۆسۈپ چىقىدۇ .
يەنە بىر ئۇسۇلى : زەنجىۋىلنى نېپىز يالپاقلاپ توغراپ ، پەتنۇسقا تىزىپ سۈيى قۇرغۇچە قويۇپ ئاندىن ئۇنى ھەسەلگە مىلەپ ئاغزى ھىم، قاچىغا سېلىپ 3-كۈن تۇرغۇزۇپ ، قىيام ھالەتكە كەلگەندە ، ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قوشۇقتىن يەپ بەرسە ھەم بۇنى 3 ئاي داۋاملاشتۇرسا چاچ ئۆسۈپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى ، سىناقتىن ئۆتكەن .
30. ۋاقىتسىز چاچ ئاقىرىش: كۆپ گۈللۈك قامچىئوت قارا كۈنجۈتتىن 50 گرام تەييارلاپ قۇرۇتۇپ سوقۇپ قارا شېكەر سۈيىگە ئۈچ مىسقال سېلىپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم ئىچسە بولىدۇ. ( دادۇر ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك .)
بۇ رېتسىپلار ئەگەر سىزگە لازىم بولمىسا ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ قويۇڭ باشقا ئېھتىياجلىقلار پايدىلانسۇن ، سىز سەۋەبلىك بىرەرسىنىڭ ئاغرىق ئازابى يېنىكلەپ قالسا ئەجەب ئەمەس .
bilimdan bilimzar
No comments:
Post a Comment