چوڭ مېڭىمىزمۇ فىزىكا قانۇنلىرىغا بويسۇنىدۇ
ھاياتلىق ياكى ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ بۇ ئاجىز ھەم ئەتىۋارلىق دۇنيادا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ قانداق مەنىسى بار؟ بىز قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدۇق؟ زادى ياشاشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ياكى ئەھمىيىتى نەدە؟ تەپەككۇر قىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ ئىنسان بولۇپ ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى قەيەردە؟ دېگەندەك سوئاللار توغرىسىدا توختىماي ئىزدىنىپ تۇرىدىغان ئالىم ھەم مۇتەخەسسىس، پەيلاسوپلار كۆپ، ئۇلار ھەتتا رېئاللىقنىڭ چېكى نەدە دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ ئويلىنىدۇ.
ئىلىم-پەن ئارقىلىق بىز كىشىنىڭ ئەقلىي سىغمايدىغان مۇنداق بىر ئىشنى بىلىپ يەتتۇق: ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى بىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ مۇرەككەپ ھەم چىگىش، لېكىن مەسىلە پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس، بىز يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ھەممە ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كېتەلىشىمىز ناتايىن. ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى نۇرغۇنلىغان مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ سانى ساما يولى سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلارنىڭ سانى بىلەن تەڭداش كېلىپ قالىدۇ، تەخمىنەن 100 مىليارد ئەتراپىدىكى مېڭە ھۈجەيرىلىرى (نېۋرون) ئۆزئارا ئۇلانغاندا، بۇنداق ئۆزئارا ئۇلىنىشنىڭ سانى ئالەمدىكى بىز بىلىپ يەتكەن يۇلتۇز سىستېمىلىرىدىنمۇ كۆپ چىقىدۇ. چوڭ مېڭە تەتقىقاتى قارىماققا نېرۋا ئىلمىغا تەۋەدەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن چوڭ مېڭە ئالەمدىكى تۆت ئاساسىي تەسىر كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، مەسىلەن ئالەملىك تارتىش كۈچى، ئېلېكتروماگنىت كۈچى، كۈچلۈك ئۆزئارا تەسىر كۈچ، ئاجىز ئۆزئارا تەسىر كۈچ دېگەندەك، شۇڭلاشقا تەپەككۇر قىلىش ياكى پىكىر يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ ھەرىكەت مەلۇم مەنىدىن يەنىلا فىزىكا ئىلمىنىڭ تەتقىقات دائىرىسىگە كىرىدۇ، بۇ تېز سۈرئەتلىك مۇرەككەپ فىزىكىلىق ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى دۇنيادىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە: ھاياتلىق ياكى ئاڭ، ئوي-پىكىر مەسىلىلىرىگە كۋانت مېخانىكىسى ئارقىلىق جاۋاب تېپىشقا ئورۇنۇش. بۇمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر مۇھىم ئىلىم ياكى يول.
ئىنسان بولسا ئالىي دەرىجىلىك مۇرەككەپ بىيولوگىيەلىك جانلىق ياكى "ماشىنا"، ئۇنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرى تەبئىيەت قانۇنىغا بويسۇنىدۇ. چوڭ مېڭە ئادەملەرنىڭ ئېڭىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ھەم داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاجايىپ-غارايىپ نېۋرونلار ئۆزئارا ئۇلىنىپ مۇرەككەپ تور شەكىللەندۈرىدۇ، ئادەمنىڭ ئېڭى تاشقى دۇنيانىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك مودېلىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان مودېل دەل بىز دەۋاتقان رېئاللىقتىن ئىبارەت بولىدۇ.
بۇ خىل رېئاللىقنىڭ دائىرىسى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزدىنمۇ كەڭرى بولىدۇ. بىز ئالەم توغرىسىدا ئىزدەنگەن ۋاقتىمىزدا، بىزنىڭ بىلىشىمىزدىكى رېئال دۇنيانىڭ كېڭىيىشى كۈنسېرى چوڭىيىدۇ.
بىز ئۆتمۈشنى ئەسلەپ باقساق، ھازىردىن تاكى ئالەمنىڭ باشلىنىش مەنبەسىگىچە بولغان بارلىق ئىشلارغىچە توپتوغرا تەخمىنەن 13 مىليارد 700 مىليۇن يىل بولدى، بۇ ئالەم تارىخىنىڭ ھەممىسى يەنە مەلۇم مەنىدىن بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەۋجۇت بولغان مودېلدىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتىنى تاپالايمىز؟ ئالىملارنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق، ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى دەل ھەربىرئادەم چوڭ مېڭىسىدە قۇرۇپ چىققان رېئال مودېل ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمىدىن ئىبارەت.
چوڭ مېڭە بىزنىڭ ھېسسىي بىلىشىمىزدىكى رېئال ئەھۋالنى كونترول قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنىڭ كەيپىياتىمىز ۋە قىممىتىمىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھەببەت بىلەن شان-شەرەپ، توغرا بىلەن خاتا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىز قەلبىمىزدە قۇرۇپ چىققان دۇنيانىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ، خۇددى بىرئۈستەل، بىر تال يۇلتۇز، ياكى چوڭ بىر يۇلتۇزلار سىستېمىسىغا ئوخشاش.
بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىز كۆپ ئەھۋالدا فىزىكا قانۇنلىرىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدىغان كۆپلىگەن زەررىچىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ ياكى شۇنىڭ ئۆزى، شۇڭلاشقا ئۇ مۇشۇنداق ئاجايىپ-غارايىپ ئىقتىدارغا ئىگە بولغان، ئۇ رېئال دۇنيانى ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭغا قىممەت ئاتا قىلىدۇ ياكى مەنە بېرەلەيدۇ.
ئۇنداقتا ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى نەدە، بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ تاللىشىڭىزغا باغلىق. بۇ ئەھمىيەت ياكى قىممەت پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئويى ياكى نىيىتىدىكى قۇرۇلىمىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، ھاياتلىقنىڭ ئەھمىيىتى تاشقا دۇنيانىڭ مەلۇم جايىدا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ دۇنيارىمىزدا ياكى مېڭە دېڭىزىمىزدا.
خۇددى ئالەمشۇناس كارل ساگېن ئېيتقاندەك، بىز دەل ئالەمنىڭ بىز توغرىسىدا ئويلىنىشىدىن ئىبارەت.
bilimdan bilimzar
No comments:
Post a Comment