Search This Blog

Thursday, August 29, 2019

پىسخىكىڭىزنى قوغدايدىغان 5 قائىدە


پىسخىكىڭىزنى قوغدايدىغان 5 قائىدە


  ئادەم دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر ئىچىدە ياشايدۇ، ھەممە ئىشلار ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن، سوغۇق مۇئامىلە، خاتا چۈشىنىش، قۇرۇق گەپكە قېلىش دېگەندەكلەرگە ئۇچراش نورمال ئەھۋال، بەزى كىشىلەر بۇنداق بىنورمال مۇئامىلىگە ئۇچرىغاندا ئۆزىنىڭ كىشىلىك پىرىنسىپىدىن ۋاز كېچىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق تاقابىل تۇرۇشتا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا قائىدىسى بولىدۇ.
01
ھاياتلىقتا ئۆزى ئۈچۈن كۆپرەك يول ياساش

   ئەمەلىي تۇرمۇشتا يېقىن ئادەملىرىگە، دوست-بۇرادەرلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئامال بار ئۇلارنى رەنجىتمەسلىك دەل ئۆزى ئۈچۈن يول ياسىغانلىق ھېسابلىنىدۇ، كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك باشقىلارنى رەنجىتىش، باشقىلارنى كەچۈرمەسلىك دەل ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئۆزىڭىزنى پايدا مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغان، باشقىلار سىزنى ھۆرمەتلىمىگەن ۋاقىتلاردا ئاسانلىقچە ئاچچىقلانماڭ، بۇ دەل سىزنىڭ سەۋىرچانلىقىڭىزنى سىنايدىغان ۋاقىت.
02
تۇرمۇشتا ئازراق گالۋاڭ بولىۋېلىشمۇ ياخشى ئىش

  ھەممە ئادەم ئەقىللىق بولۇشنى، ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئەقىللىق بولۇش تەس، گالۋاڭ بولىۋېلىش تېخىمۇ تەس، ئەقىللىق بولۇشنىڭ پايدىسى كۆپ، گالۋاڭ بولىۋېلىشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ، ئادەم يېتەرلىك ئەقىل-پاراسەت بىلەن پايدا-زىياننى ئايرىشى بېلىشى كېرەك، بەزى ۋاقىتتا گالۋاڭ بولىۋېلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.
03
ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇش

  ئەگەر ئادەم باشقىلارنىڭ سوغۇق گەپلىرىگە پەرۋا قىلماي ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالسا ئۇنداقتا ئۇ نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارغا مۇيەسسەر بولالايدۇ، بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ قۇرۇق پىتنە-ئىغۋالىرى، ئۆزىگە بەرگەن ئورۇنسىز باھالىرى سەۋەبلىك ئازابلىنىپ يۈرمەيدۇ، ئۇ سەۋەبلىك ئۆزىدىن گۇمان قىلىپ ئۆزىنى ئەيىپلەپمۇ يۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان يولى ۋە ئىرادىسى بولىدۇ.
04
ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىيەلەيدۇ

  ھېچكىم تۇغۇلىشىدىنلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇر تارقىتىپ تۇرمايدۇ، شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ دىققەت نەزىرىنى تارتىدىغان قابىلىيەتنى يىتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى بولغان ئىناۋىتى بەزىدە ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى بەلگىلەپ قويىشى مۇمكىن.
05
پەس ئادەملەرنىڭ چىشىغا تەگمەسلىك

  دۈشمىنىڭ شىر بولسا بولسۇن ھەرگىز ئىت بولمىسۇن، شىر بىر يالماپلا سېنى يۇتىۋەتكەن بىلەن ئىت سۆڭىكىڭنى ھەر يەرلەردە كۆتۈرۈپ يۈرۈيدۇ، پەس ئادەملەر قارىماققا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن دەل ئەجەللىك ۋاقىتلاردا ئادەمگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلار بىلەن تەڭ بولۇش ئۆزىنى ھالەك قىلغانغا باراۋەر، شۇڭلاشقا پەس ئادەملەرنىڭ چىشىغا تەگمىگەن، ئۇلاردىن يىراق تۇرغان ئەۋزەل.

#bilimzar   #bilimdan

No comments:

Post a Comment