Search This Blog

Wednesday, August 7, 2019

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئېسل دورا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر تال

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئېسل دورا
ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر تال
كونىلارنىڭ گىپى بويىچە ئىيتقاندا بەدەن ساغلاملىقىنى ئاسراشتىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە يىمەكلىك ،بىزدائىم يەيدىغان يىمەكلىكلەر ئىچىدە بىر نەرسە بار ،ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر تال يەپ بەرسىڭىز بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئېسىل دورىدۇر ،ئۇزۇن ئۆمۆر كۆرۆشتىكى مەخپىي رېتسىپ
ئۇ بولسىمۇ ياڭاق.
قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى رېتسىپى
ياڭاق مىغىزى تەركىۋىدە مول مىقداردا ۋىتامىن ماددىسى بولۇپ ،بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ،مىدىتسىنادا ئورتاق ئېتراپ قىلغان قېرىشنى كىچىكتۈرىدىغان يىمەكلىك ،شۇڭا ياڭاقنىڭ ئۇزۇن ئۆمۆر دورىسى دىگەن نامىمىمۇ بار .
ياڭاق قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي،تېرىنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئېتىپ ،يۇمرانلاشتۇرىدۇ ، بولۇپمۇ ياشانغانلار تېرىسىنىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بۆرەك قانچە ياخشى بولسا،ئادەم شۇنچە ياشىرىدۇ.
بۆرەكنىڭ سالامەتلىككە بولغان مۇھىم رولىنى ھەممىز بىلىمىز ،،بۆرەكنىڭ ساغلاملىقى بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى بەلگىىلەيدۇ
كەچ سائەت 9دىن 12گىچە بولغان ۋاقىت بۆرەكنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋاقتى ،شۇڭا بۇ ۋاقىتتا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بولۇپ ھساپلىنىدۇ ،ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياڭاق يەپ بەرگەندە بۆرەك قۇۋۋەتلەشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
يۈرەك قان -تومۇرلىرىنى ئاسرايدۇ
ياڭاق تەركىۋىدە مول مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ ،داۋاملىق ئېستىمال قىلىپ بەرگەندە ،قاندىكى شىكەر ماددىسىنى ئۆرلەتمەيلا قالماستىن ،ئۈچەي يوللىرىنىڭ خولىستېرىننى سۈمۈرۈشىنى تۆۋەنلىتىىدۇ ،يۇقىرى قان بىسىم ،تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى بار كىشىلەرنىڭ ئېستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ ،بۇنىڭدىن سىرت ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ ،قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئامىرىكا يىمەكلىك جەمئىيىتىنىڭ تەۋسىيەسى ھەپتىدە ئەڭ ياخىششى 2-3تالغىچە ياڭاق يەپ بېرىش لازىم ،بولڭپمۇ چوڭلار ۋە كىلىىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار ،چۈنكى ياڭاق تەركۋىدىكى ئارگىنىن .ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار يۈرەك قان تومۇرلىرىنى ئاسراپ ،يۈرەك كىسەللىكى شامال دارىپ قىلىش ، ياشانغانلار دىۋەڭلىك كىسەللىرىنىىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئۇيقۇنى ياخشىلاپ ،مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ
قان بىسىمى يۇقىرى ،بىشى قايىدىغان ،كۆزى تورلىشىدىغان ،كۈچى يوق كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ ، بۇ كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يەنە بىر ئاساسى ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياڭاق يەپ بەرگەندە بۇ مەسىلىنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ
چۈنكى ياڭاق تەركىۋىدىكى مىلانوسىتنى قايتۇرغۇچى ماددىلارنىڭ ئۇيقۇنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئۈنۈمى بار
مىكرو ئېلمىنىت ماددىلار سىنىك بىلەن مانگان مىڭىنى قۇۋۋەتلەشتىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىسى ،ئۇزۇن مەزگىل ياڭاق ئېستىمال قېلىپ بەرگەندە مىڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
بىلىمزار

No comments:

Post a Comment