دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق قويمىچى-ئېففىل مۇنارىنى2قىتىم سېتىۋەتكەن
قويمىچى دېيىلسە بەلكىم، ھەممىمىزنىڭ ئېسىگە "قىق مىڭ كوي..." دېگەن ئىتوت كېلىشى مۇمكىن، بىر زامانلاردە ۋەتىنىمىزدىمۇ قويمىچىلىق تازا ئەۋجىگە چىقىپتىكەن، دېمەك قويمىچى دۇنيانىڭ ھەممەي يېرىدە مەۋجۇت، بەزى قويمىچىلار قويۇپ بولۇپ يۈزىىنى قىلىن قىلىپ تۇرۇپلىۋالىدۇ ۋە ئاخىرىدا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغاندا پۇشايمان دورىسىنى ئىزدەپ يۈرۈيدۇ، ئەمما تارىختا بىر قويمىچى بار، ئۇ پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن ئەڭ ئەقىللىق قويمىچى دەپ نام ئالغان.
فىرانسىيەنىڭ ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ھەممىمىزگە تونۇش، لېكىن ئېفىل تۆمۈر مۇنارىنى باشقىلار ئىككى قېتىم سېتىپ باققانلىقىغا ئىشىنەمسىلەر ؟بۇ زادى قانداق ئىش ؟بۈگۈن پىقىر كۆپچىلىككە تارىختىكى ئەڭ ئەقىللىق ئالدامچىنى تونۇشتۇرماقچى، ئۇ ئېفىل تۆمۈر مۇنارىنى 7 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كېرەكسىز تۆمۈر ئورنىدا ئىككى قېتىم سېتىۋەتكەن
ھەممىمىزگە مەلۇم ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى پارىژنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ ، بىر دۆلەتنىڭ شان-شەرىپى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ بىر شان-شەرەپكە سىمۋول قىلىنغان ، ئەمما بۇ شان-شەرەپ 2-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە ۋىكتور ئىسىملىك ۋېنگىريەلىك تەرىپىدىن ئىككى قېتىم سېتىۋېتىلگەن، بۇ ئادەم كۆپ تەرەپلىمە ماھارەتلىك ئادەم دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ كۆپ دۆلەتنىڭ تىلىغا پىششىق، ھەر كۈنى ئۆزىنى ناھايىتى ياخشى نىقابلاپ، ئالىي دەرىجىلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىپ يۈرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ قويمىچىنىڭ تۇرقىغا قاراپ ھېچكىمنىڭ كاللىسىغا ئۇنىڭ قويمىچىلىقى كەلمەيتى، بۇ ئادەم فرانسىيىدىكى چاغدا ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىنى كۆرۈپ قىززىقىپ قىلىپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان، ئەمەلىيەتتە ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىغا قىزىققان ئۇ بىرلا ئادەم ئەمەس، ئۇ چاغدا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن ، نۇرغۇن يۇقىرى قاتلام سەركەردىلىرى ئېففىل تۆمۈر مۇنارىغا خىرىس قىلغان، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ مۇنارغا قول سالىدىغان سالاھىيىتى يوق ئىدى
ۋىكتور بىرىنچى قېتىم ئېيففېل تۆمۈر مۇنارىنى ساتقاندا ، ئۇ پۈتۈنلەي فرانسىيىلىك ئەمەلدار قىياپىتىگە كىرىۋالغان، بارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ساختا كىنىشكا قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى ياسىغاندىن كېيىن مەخپىي ئادەم تېپىپ بۇ تۆمۈر مۇنارنى سېتىۋەتكەن ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۈچ نەپەر سودىگەر بۇ تۆمۈر مۇنارنى دۆلەتنىڭ ئىشى ئۈچۈن ئىزدەپ كەلگەن، ئەينى چاغدا سودىگەرلەر تۆمۈر مۇنار دۆلەتنىڭ مال-مۈلكى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، بۇ ئېزىقتۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەي ، بەس-بەستە بۇ تۆمۈر مۇنارنى سېتىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان ، بۇ تۆمۈر مۇنارنىڭ ئۈستىدە 7 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پولات ماتېرىيالى بار بولۇپ ، پولات ماتېرىياللىرى تىجارىتى قىلىدىغان سودىگەرلەرگە نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەجەللىك قىززىقتۇرۇش ئىدى
شۇنىڭ بىلەن ۋىكتور بىلەن دەرھال توختام تۈزۈپ ، پۇلنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ، ۋىكتور قېچىپ كېتىدۇ دۇنيانىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ، بارا بارا پۇلى تۈگىگەن ۋېكتور يەنە بىر قىتىم يەنى ئىككىنجى قىتىم ئېففىل تۆمۈر مۇنارىنى ساتقىلى فىرانسىيەگە كىلىدۇ، لېكىن بۇ قىتىم تەلەي بۇرۇنقىدەك كەلمەيدۇ، ۋىكتور ئىككىنجى قىتىملىق سېتىشنى پۈتتۈرۈپ بولغاندا ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن ۋىكتور كىشىلەر تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق قويمىچى بولۇپ باھالانغان
بۇ قويمىچىنى ئەخمەق دەپ قالماڭ، ئۇ بىر تالانت ئىگىسى ئۆزى ۋىنگىرىيەلىك تۇرۇپ فىرانسىيەگە بېرىپ دۆلەتنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسكى تۆمۈر ئورنىدا سېتىۋەتكەنلىك سىزچە قالتىس ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدىنمۇ ئاقسا قويمىچىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment