Search This Blog

Sunday, August 11, 2019

12 يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى



12 يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى

سوغا يۇلتۇزلار تۈركۈمى (1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە).
ئارتۇقچىلىقى: يۇمۇرسىتىك، چاقچاقچى، تۇغما غايىشۇناس.
كەمچىلىكى: ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ، بەزىدە ساراڭلارچە پىكىر قىلىدۇ.

ھوت يۇلتۇزلار تۈركۈمى (2-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە).
ئارتۇقچىلىقى: مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىدىن كېچىدۇ، ئاقكۆڭۈل بولغاچقا ناھايىتى ئاسان ئازار يەيدۇ.
كەمچىلىكى: باشقىلارغا ئاسان ئىشىنىپ كېتىدۇ، ھېسسىياتىنى بەك چوڭ بىلىدۇ، كۆڭلىدىكى ئىشنى يوشۇرالمايدۇ.

ھەمەل يۇلتۇزلار تۈركۈمى (3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە)
ئارتۇقچىلىقى : ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، ناھايىتى قىزغىن، ناھايىتى سېخىي.
كەمچىلىكى: ئاچچىقى يامان، جىق ئىش كۆرمىگەن، ئاسان ئالدىنىپ كېتىدۇ، بالا مىجەز.

سەۋر يۇلتۇزلار تۈركۈمى (4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: مېھرىبان، دوستلىرىغا مەرت، گېپىگە ئىگە بولىدىغان، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان تىپ.
كەمچىلىكى: ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قورقىدۇ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئىپادىلەشكە ماھىر ئەمەس، ئۆز دۇنياسىدا بېكىنىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

جەۋزا يۇلتۇزلار تۈركۈمى: (5-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: ئاكتىپ، مىجەزى ئوچۇق، سۆز قابىلىيىتى ناھايىتى ياخشى، ھېسسىي بۆلۈنمىسى ناھايىتى يۇقىرى.
كەمچىلىكى: كۆپ گەپ قىلىدۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئوچۇق مىجەزلىك تەنھا كىشى.

سەرەتان يۇلتۇزلار تۈركۈمى (6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: ناھايىتى مېھرىبان ۋە ئىللىق، مىجەزىنىڭ ياخشىلىقىدىن باشقىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ.
كەمچىلىكى: ھورۇن، دائىم بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەيدۇ، ئالمىغىچە قويمايدۇ (يېڭىنى تاپمىغىچە، كونىسىنى ئەسلەپلا يۈرىيدۇ)، دائىم ئۆيىدىلا تۇرىدۇ.

ئەسەد يۇلتۇزلار تۈركۈمى (7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: ناھايىتى ئەركە، تۇغما ئاقسۆڭەك، باشقىلار ئۈچۈن ئويلاشنى ياخشى كۆرىدۇ.
كەمچىلىكى: ئىگىلىۋېلىش تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئاسان كۈنلەيدۇ، ئۇششاق-چۈشەك ئاچچىقى بار.

سۇنبۇلە يۇلتۇزلار تۈركۈمى: (8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: ئىشنى ناھايىتى گۈل-گۈلگە كەلتۈرۈپ قىلىدۇ، مۇكەممەللىك قوغلاشقۇچى.
كەمچىلىكى: غەيۋەت شاھى، زورقۇش كېسىلىنىڭ ئەڭ ئېغىر بىمارى، كوتۇلداپ قالسىلا ناھايىتى خەتەرلىك.

مىزان يۇلتۇزلار تۈركۈمى (9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: ناھايىتى سەۋر-تاقەتلىك، ناھايىتى ئېسىل سۈپەت، كۆيۈمچان، كەڭ قورساق.
كەمچىلىكى: ناھايىتى چېپىلغاق، ئۇششاق سۆز، ئۆزىنى بەك چوڭ چاغلايدۇ، دائىم ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىلەرگە پېتىپ قالىدۇ.

ئەقرەب يۇلتۇزلار تۈركۈمى (10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: سىرلىق، جاھىل، دوستلۇقنى ئەلا بىلىدىغان، كۆپنى كۆرگەن، ھېسابلىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
كەمچىلىكى: بەك مۇنەۋۋەر بولغاچقا ئادەمنى خىجىل قىلىپ قويىدۇ، كۆڭۈل يۇمشاقلىق قىلمايدىغان جايلارغىمۇ كۆڭۈل يۇمشاقلىق قىلىدۇ.

مەرگەن يۇلتۇزلار تۈركۈمى (11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن، 12-ئاينىڭ 21-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: تۇغما ئىزدەنگۈچى، بالىلىق قەلبكە ئىگە، ئارزۇسى ناھايىتى چوڭ.
كەمچىلىكى: بىر كىشىنى ناھايىتى تەستە ئۇنتۇيدۇ، ئۆزىنى قىينايدۇ.

جەدى يۇلتۇزلار تۈركۈمى (12-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن، 1-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە)
ئالاھىدىلىكى: كۆپنى كۆرگەن، ئەقلىي بۆلۈنمىسى يۇقىرى، سالماق ھەم ئەقىللىق.
كەمچىلىكى: ناھايىتى بېكىنمە، پىسخىك مۇداپىيەسى ناھايىتى كۈچلۈك، ئاسانلا تىراگېدىيە تۇيغۇسى چىرمىۋالىدۇ.

bilimdan bilimzar

No comments:

Post a Comment