Search This Blog

Saturday, August 10, 2019

يالغانچىلىقنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ

يالغانچىلىقنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ


تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ يالغان ئېيتقان-ئېيتمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
1
ئىنچىكە چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىش

«چەكسىز رىقابەت» دېگەن پىروگراممىنىڭ بىر قېىتملىق سانىغا داڭلىق چىراي ئىپادىسىنى كۆزەتكۈچى مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىنغان، ئۇ پىروگراممىغا قاتناش ماھىرلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇنىڭ يالغان ئېيتقان-ئېيتمىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە توغرىلىق نىسبىتى %100 گە يەتكەن.

ئىنچىكە چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىش تېخنىكىسى دېگەن نېمە؟ ئىنچىكە چىراي ئىپادىسى دېگىنىمىز ناھايىتى قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىدىغان چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىش بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يوشۇرماقچى بولغان ھېسسىياتىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، بۇنداق چىراي ئىپادىسى ئاساسلىقى كىشىلەر يالغان گەپ قىلىۋاتقان چاغلاردا پەيدا بولىدىغان بولۇپ، قارشى تەرەپ ئۆزىمۇ بىلمەستىن بۇ خىلدىكى چىراي ئىپادىلىرىدە بولىدۇ، مەسىلەن سىز ياق دەپ ئىنكار قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا بېشىڭىزنى ئازراق لىڭشىتىۋاتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ جاۋاپ بەرگىنىڭىز ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن دەل قارمۇ-قارشى بولغان بولىدۇ.


مەسىلەن بۇرنىنى سىلاش ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش: ئادەم يالغان گەپ قىلغاندا بەدەندىكى ئارتۇق قانلار تېز سۈرئەتتە ئادەمنىڭ يۈزىگە يىغىلىدۇ، نەتىجىدە ئادەمنىڭ بۇرنىنىڭ تۈزۈلىشىدە تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش بېرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا يالغان ئېيتقان كىشىلەرنىڭ بۇرنى ناھايىتى قىچىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئاساستا بۇرنىنى سىلاپ سالىدۇ.
قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىكىلپ قارىيالماسلىق: كىشىلەر يالغان ئېيتقان ۋاقىتتا كۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالمايدۇ.
مۆرىسى تۇيۇقسىز مىدىرلاش ۋە ياكى بىر تەرەپكە يانتۇ بولۇپ قېلىش: ئادەم ئۆزىنىڭ گېپىگە ئۆزىمۇ ئىشىنەلمىگەن ۋاقىتتا بەدىنى تەبىئيلا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
تۇيۇقسىز بېلىنى تۇتۇپ تۇرۇش سۆزلەش: بۇ سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنەلمەيۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى.
باشقىلارنىڭ سورىغان مەسىلىسىنى قەستەن تەكرارلاش: قارشى تەرەپنىڭ يۈرىكى پوك-پوك بولغانلىقتىن، سورالغان سوئالغا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ئوبدان ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇ مەسىلىنى تەكرارلاش ئارقىلىق ئۆزىگە يېتەرلىك ۋاقىت ئۇتماقچى بولىدۇ.
ئازراقمۇ ئويلانمايلا جاۋاپ بېرىش: قارشى تەرەپ ئاللىبۇرۇن كۆڭلىدە قانداق سوئال سورالسا قانداق جاۋاپ بېرىشنى پىلان قىلىپ بولغاندا، سىز ئۇنىڭدىن سوئال سورىسىڭىز ئۇ ئويلانمايلا جاۋاپ بېرىدۇ، لېكىن سىزنىڭ ئاڭلىغىنىڭىز ھەرگىزمۇ راست جاۋاپ ئەمەس.
مەن قانداق بىلىمەن دېگەن ۋاقىتتا: قارشى تەرەپ مەن قانداقمۇ بىلەي دېگەن گەپ بىلەن تەڭ قېشى ئۈستىگە مىدىرلىسا ئۇنىڭ دەل يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە بىر قاراپلا باشقا ياققا قارىۋېلىش: قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە بىر قاراش دەل قارشى تەرەپنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، ئۆزىنى قاچۇرۇش بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈندۇر.
يالغاندىن ھەيران قالغان ھالەتتە كىرىۋېلىش: قارشى تەرەپنىڭ ھەيران قېلىش ۋاقتى بىر سىكۇنتتىن ئېشىپ كەتەسە دەل ئۇنىڭ قەستەن يالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2
ئىككىنچى خىل ئۇسۇل سوقرات شەكلىدە سوئال سوراش

ئېنىقلاش شەكلىدە سوئال سوراش: سىز نېمە دېمەكچى؟ باشقا خىل ئۇسۇلدا دەپ باقسىڭىز بولامدۇ؟ سىزنىڭ قارىشىڭىزچە ئاساسلىق مەسىلە قەيەردە؟ مىسال كەلتۈرۈپ سۆزلەپ باقسىڭىز بولامدۇ؟
بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى سوراش: بۇ مەسىلىگە قانداق مىساللارنى كەلتۈرۈشكە بولىدۇ؟ سىز نېمىشقا بۇنى راست دەپ قارايسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ باقسىڭىز بولامدۇ؟
مەسىلىدىن گۇمانلىنىشتىكى پاكىت: سىزدە نېمىشقا بۇنداق ئوي-خىيال شەكىللىنىپ قالدى؟ زادى نېمە ئىش سىزدە بۇنداق ئوي-خىيال پەيدا قىلدى؟
سىزدىمۇ شۇنداق ھېسسىيات بولغاندا: ئۇنداقتا بۇ مەسىلە قانداق ئاقىۋەتنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئۇ راستىلا يۈز بېرەمدۇ؟ باشقا ئېھتىماللىقلارمۇ بارمۇ؟ ئەگەر راست شۇنداق بولسا كېيىچە يەنە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ زادى نېمىشقا ؟
قارشى تەرەپنىڭ كۆز-قارىشىنى ئېنىقلاش: سىز بۇ قارشى ئىنكاسقا قانداق قارايسىز؟ يەنە باشقا ئېھتىماللىقلار بارمۇ؟



سوقرات شەكلىدە سوئال سوراشنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى قارشى تەرەپتىن ئوچۇق سوئال سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوي-خىيالىنى ئېنىق بىلەلەيسىز، ئېنىق، ئۇدۇللا سوئالغان سوئاللار ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى جىننى تېپىپ چىقالايسىز.
مەسىلەن بىر بىمار سىزگە مەن ناھايىتى ئازابلىنىۋاتىمەن، باشقىلار دائىم مېنى ئەيىپلەيدۇ دېدى، سىز ئۇنىڭغا سىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىڭىز سىز باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشى سەۋەبىدىن ئازابلىنىسىز شۇنداقمۇ، ئۇنداق بولسا تەپسىلىيرەك مېسال كەلتۈرۈپ باقامسىز دېدىڭىز، ئۇ مەن بىر قېتىم دېرىزە يېنىدا ئولتۇرسام دېرىزە سىرتىدىكى بىرەيلەن مېنى تىللاپ كەتكەن ئىدى دېدى، سىز يەنە ئۇنىڭدىن سىز قانچىنچى قەۋەتتە تۇرىسىز دەپ سورىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ 20-قەۋەتتە تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مانا ئۇنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى ئېنىق تۇرمامدۇ؟ 
ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ يالغان ئېيتقان-ئېيتمىغانلىقىنى بىلىدىغان نۇرغۇن ئاماللار بار، يۇقاردىكى ئىككى ئامال پەقەت ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قارشى تەرەپنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكىنى يۈزىگە سېلىش-سالماسلىق مەسىلىسىدە ئوبدان ئويلىشىپ قارار چىقىرىڭ، بەلكىم قارشى تەرەپ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن يالغان ئېيتىپ سالغان بولىشى مۇمكىن.

bilimzar bilimdan 

No comments:

Post a Comment