ئەگەر كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ئەڭ ئالغۇمىز بار نەرسە نېمە دەپ سورالسا، ئېھتىمال «دورائېمون»دىكى ئەستە ساقلاش بولكىسىغۇ دەيمەن.
ئەگەر كۆپچىلىك دورائېموننىڭكىنى كۆرۈپ باققان بولسا، ئەستە ساقلاش بولكىسى چوقۇم ناتونۇش ئەمەس، پەقەت كىتابتىكى مەزمۇنلار بېسىلغان ئەستە ساقلاش بولكىسىنى يېسىلا، تېكىستلەرنى ئەستە ساقلىغىلى بولىدىغان، پەقەت ۋاقىت تېجەپ ئويۇن ئوينىغىلىلا بولۇپ قالماستىن، مۇئەللىمنىڭ «خو»سىغىمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ئەگەر ئەستە ساقلاش بولكىسى راستقا ئايلانسا قانداق ئىشلىتىمىز؟
1. ئۇچۇرلارنى بولكا ئۈستىگە ساقلايمىز
2. بولكىنى يەپ، ئۇچۇرلارنى بەدىنىمىزگە كىرگۈزىمىز
3. ئۇچۇرلارنى ھەزىم قىلىمىز
پەقەت ئاددى قەدەم باسقۇچلىرىغىلا قارايدىغان بولساق، ھازىرىقى تېخنىكا ئالدىنقى ئىككى قەدەمنى قىلالايدىغان بولدى، ئالدىدا بىر خەۋەردە، DNA ساقلاش تېخنىكىسىنىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۇچۇرلارنى يېزىپ ساقلىغانلىقىنى ئېيتقانىدى
بۇ يىل 6-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا شىركىتى Catalogنىڭ 16GBلىق ۋىكپىدىيا (ئىنگىلىزچە نۇسخىسى)نىڭ ھەممە تېكىستىنى بىر سۈنئىي بىرىكتۈرگەن DNA گە ساقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ بىر تامچە سۇيۇق DAN ئىچىدە پۈتۈن ۋىكپىدىيا قامۇسى ساقلانغان
DNAدە ساقلاشنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئارتۇقچىلىقى دەل ساقلىغىلى بولىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلىكىدە. ئۈستىدىكى رەسىمدىكى ساپسېرىق سويۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىقى پەقەت 3گىرام، لېكىن ئىچىدىكى DNAنىڭ ئغېرلىقى تىلغۇ ئالغۇچىلىكى يوق دەرىجىدە ئاز. نىيۇيورك گېن گۇرۇپپىسى مەركىزىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بىر گىرام DNAدە 215مىلىيون GB ئۇچۇر ساقلىغىلى بولىدۇ.
بۇ ئۇچۇرلارنى 1TB سىغىملىق، 7mm ئۆلچەملىك قاتتىق دېسكىغا ساقلاپ، دېسكىنى دۆۋلىسەك ئېگىزلىكى 1505مېتىر چىقىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا، دۇبەيدىكى مۇنارنىڭ ئېگىزلىكىمۇ ئارانلا 828 مېتىر...
DNAدا ساقلاشنىڭ پەقەت سىغىمى چوڭلا بولۇپ قالماستىن، ساقلاش ئۆمرى ھەم ئۇزۇن.
ئەگەر بارماق دېسكا يۈتۈپ كەتمەيلا ئىشلەپ بەرسە، تەخمىنەن 5 يىل ئەتىراپىدا ئىشلەيدۇ. نورمال قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆمرى 5-10 يىلغىچە، توك ئۈزۈلۈش، سوقۇلۇپ-قېقىلىشلارغا ئۇچرىسا ئۆمرى تېخىمۇ ئازلايدۇ.
نورمال تېمپىراتۇردا DNAنىڭ ئوقۇلۇشچانلىقى 2000يىل ئەتراپىدا. ياخشى ساقلىيالىسا تېخىمۇ ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يىل بۇرۇنقى DNAمۇ ئەسلىگە قايتۇرۇلدى.
گېن مۇتەخەسىسلىرى 700مىڭ يىل بۇرۇنقى ئاتنىڭ DNAسىنى يەشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ھازىرىقى سەۋىيەدە، DNAدا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى، تارىخى ماتېرىياللارنى ساقلىغىلى بولىدۇ. تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ DNAدا ساقلاش تېخنىكىسى سانلىق-مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ. مەنمۇ تېخى بايا بىلدىم، ئەسلىدە يۈك ماشىنىسى بىلەن قاتتىق دېسكا توشۇش نۇر كابىل ئارقىلىق توشۇغاندىن تېزكەن.
1Gbps نۇر كابىل ئارقىلىق، 100مىلىيون GB ئۇچۇرنى يوللاش ئۈچۈن 20 يىل كېتىدۇ، يۈك ماشىنىسى بىلەن پەقەت نەچچە كۈندىلا جەنۇبتىن شىمالغا يۆتكىگىلى بولىدۇ...
قاتتىق دېسكا لىق قاچىلانغان AWS Snowmobile يۈك ماشىنىسى 100مىلىيون GB ئۇچۇر توشالايدۇ
DNAدا ساقلاش بار بولغاندىن كېيىن، بۇ ۋاقىتنى سائەت ئارقىلىقمۇ ھېسابلىغىلى بولىدۇ، چۈنكى ئۇچۇرلارنى ياندا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ.
ئۇنداقتا بۇ ئېلىكتىرونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى قانداق قىلىپ DNAدا ساقلايدىغاندۇ؟
ئاستىدىكى مەزمۇنلار يۇقىرى ئېنىرگىيلىك مەزمۇنلار، ئوقۇپ چۈشىنەلمەي قالساڭلار ئۆزۈڭلار بەك بېسىم قىلىۋالمىسڭلارمۇ بولىدۇ

بىئولوگىيە دەرىسىدە سۆزلىگەن DNA (دىئوكسى رىبوزانوكلىك كىسلاتاسى )نىڭ بىر خىل قوش بۇرما قۇرۇلمىلىق بىئولوگىيلىك چوڭ مۇلېكولنىڭ ئاساس گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلىدىغانلىقى ئېسىڭلاردا بارمۇ؟ مۇنداق قارىسام، ئوقۇتقۇچىلىرىڭلارغا قايتۇرۇپ بەرگەن چىرايلا كۆرۈنىسىلەرغۇ

DNA زەنجىرىدىكى ئۇزۇنچاق نەرسە دەل ئاساس گۇرۇپپىسى، DNAدا ئادەتتە تۆت خىل ئاساس گۇرۇپپىسى بار، كۆپچىلىك ئۇدۇللا A,T,C,G دەپ چۈشىنىۋالساڭلار بولىدۇ.
رەسىمدىكى ئوخشىمىغان رەڭ ئوخشىمىغان ئاساس گۇرۇپپىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
ئاساس گۇرۇپپىسىنىڭ تىزىلىش تەرتىپى چىراي تۇرۇق، ئەقلىي قابىلىيەت، ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ قوزغاش خەتىرى دېگەندەكلەرنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق، ACAنىڭ تىزىلىشى كىشىنىڭ قارىغاندىكى ھالىتىنى غەيرى قىلىدۇ، CAC بويىچە تىزىلىسا ئادەمنىڭ بويى ئېگىز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە دەل ئېرسىيەت ئۇچۇرى.
كۆپچىلىك ھەممىڭلار بىلدىڭلار: DAN زەنجىرىدە ئېرسىيەت ئۇچۇرى ساقلىنىدۇ، ئۇنداقتا ئېلىكتېرونلۇق ئۇچۇرلارنىمۇ ساقلىغىلى بولىدۇ.
بۇنداق ئاددىي لوگىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم ئىنچىكىرەك ئويلاپ باقمىغان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى «گېن شىفىرى» يېشىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
پەقەت ئاساس گرۇپپىسى تىزىلىشىنىڭ قانۇنىيتى ۋە مەنىسىنى تاپالىساقلا، ئادەملەر ئۆزگەرتكۈچىگە ئىگە بولغانغا ئوخشايدۇ، چىراي، تەقى تۇرۇق، ساپا دېگەندەكلەرنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دېگەن گەپ.
شۇنىڭ بىلەن «ئىنسانىيەت گىن گۇرۇپپىسى پىلانى» باشلاندى.
بۇ قۇرۇلۇشقا 3مىلىيارد دوللار ۋە 10يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ تولۇق گېن تەرتىپىنى ئۆلچەپ بولدى. ئەگەر ئاساس گۇرۇپپىسى تىزىلىشىنى يېشىشنى خۇددى بىر كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا ئوخشاتساق، ھازىر ئەمدى تېخى كىتابنى قولغا ئالدى دېسەك بولىدۇ...
كۈلمەيلى، بۇ دېگەن ئىنسانىيەتنىڭ چوڭ بىر قەدىمى جۇما.
گەرچە تېزلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ قۇرۇلۇش DNA تەرتىپى ئۆلچەش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى، DNA تەرتىپى ئۆلچەش پۈتۈنلەي ئادەم ئارقىلىق تاماملىناتتى. زور مىقداردىكى ئېھتىياجنىڭ تۈرتكىسىدە، DNA تەرتىپى ئۆلچەش ئاپتوماتلاشقان دەۋرگە قەدەم قويدى.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى Sanger پۈتۈنلەي ئادەم ئارقىلىق قىلىناتتى، جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ، پىشقان كەسىپ ئەھلى بولمىسا قىلماق تولىمۇ تەس
ئاساس گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى يېشەلمىگەچكە، ئادەملەر سەل ئەمەلىيرەك بولدى. نېمىلا بولمىسۇن تاماق يەيدىغان گەپ ئەمەسمۇ، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بايقاش تۇرسا، ھېچ بولمىسا ئاز-تولا ئىشلىتىش كېرەك-دە!؟ كۆرۈپ چۈشىنەلمىسەك ھېچقىسى يوق، تازا پوچى تۇرۇپ كۆرۈپ چۈشەنگەن قىياپەتكىلا كىرىۋالمامدۇق، نېمىلا بولمىسۇن بارماق دېسكا قىپ ئىشلىتىدىغان بولغاندىكىن؟ شۇنىڭ بىلەن DNA ساقلاش تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى...
گەرچە ئادەمدىن ئايرىيالمىسىمۇ، DNA تەرتىپى ئۆلچەشكە باققاندا خېلى ئاپتوماتلاشقان
ئەگەر ئاساس گۇرۇپپىسىنى A, T, C, G تۆت ھەرپ دەپ قاراپ تۇرساق،، ئاساس گۇرۇپ قاتارى ئەمەلىيەتتە دەل بىر قاتار ئىنگىلىزچە خەت. سانلىق مەلۇماتلار ھەم ئەمەلىيەتتە بىر قاتار سانلار. بۇ سانلار ۋە ئاساس گۇرۇپپىسى ھەرپلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، قايتىدىن تىزساقلا مەزمۇنلارنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
ئاساس گۇرۇپپىلىرىنى يېڭى تەرتىپ بويىچە تىزساق كاۋاپقا ئايلىنىدۇ، ۋوي... ياق... مەنا بىلدۈرىدۇ
بىلسەم بىلمىسەم مۇشۇ ۋاققىچە بۇنداق سوئاللارنى ئىشلەپ تۇرۇۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن...
بۇ سوئالنى ئىشلەپ يۈرمەيلى بولدى، DNAدا ساقلاشنىڭ ئىدىيىسى دەل مۇشۇنىڭ بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.
مېۋىلەرگە ئوخشىمىغان سانلارنى قىممەت قىلىپ بەرسەك، مەسىلەن مەن بىر 3214121نى ئىپادىلىمەكچى بولسام، پەقەت مېۋىلەرنى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تىزساملا بولىدۇ.
ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلسەكلا، ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئۇچۇر ئوقۇغىلى بولىدۇ. DNAدا ساقلاش دەل ئاساس گۇرۇپپىسىنى مۇقىم سان ئورنىدا كۆرۈش ئارقىلىق، رەقەملەشكەن ئۇچۇرلارنى ئاساس گۇرۇپپىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى.
A, G نى 0، C, T نى 1 دېسەك، تىزغاندىن كېيىن بىرىكتۈرىدىغان گەپ. قوپال ھەم شۇنداق ئاددىي، بۇ دەل ئەڭ دەسلەپكى DNAدا ساقلاش.
ئالدىنقى يىلى، catalog نىڭ DNAدا ساقلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ يەنىلا مۇشۇ ئۇقۇم ئىدى
تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇمات ساقلاش ئۈچۈن، ئادەملەر A, T, C, G نى 0،1،2،3 لىق تۆتلىك سىستېمىغا ئايلاندۇرۇشنى سىنىدى.
مەسىلەن تۆتلىك سىستېمىدىكى 21130نى ئايلاندۇرساق
گەرچە تۆتلىك سىستېما سانلىق مەلۇمات ئۇزۇنلىقىنى قىسقارتقىنى بىلەن، لېكىن ئوخشاش ئاساس گۇرۇپپىسى ئارقىمۇ ئارقا كۆرۈنسە، قاتارنىڭ مۇقىمسىز بولۇپ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
تېخىمۇ يۇقىرى سىستېما ئۈچۈن، تۆت خىل ئاساس گۇرۇپپىسى كۇپايە قىلمايدۇ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئادەملەر بىر خىل ئۈچلىك سىستېما لايىھىسىنى قوللاندى. بۇ خىل لايىھە ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندىن باشلاپ كودلاشتۇرىدىغان بولۇپ، ئالدىنقى بىر دانە ئاساس گۇرۇپپىسى ئارقىلىق كېيىنكى خانە بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى ئورۇندىكى ئاساس گۇرۇپپىسى A بولسا، كېيىنكىسىدە A نى چىقىرىۋېتىپ، C, G, T ئارقىلىق 0، 1، 2 نى ئىپادىلەيمىز.
سىناپ باقساق بولىدۇ، بايىقى سانلارنى ئۈچلىك سىستېما ئارقىلىق ئىپادىلىسەك 211101 بولىدۇ. 1-ئورۇندىكى ئاساس گۇرۇپپىسىنى A دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنىڭ ئالمىشىش نەتىجىسى ATCTCGA دىن ئىبارەت.
ئۇنداقتا بۇ نەتىجە قانداق كەلگەندۇ؟ بىرىنچى ھەرپى A بولغاندا، جەدۋەلگە ئاساسەن، 2 گە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەرپ T، T نىڭ كەينىدە 1 گە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەرپ C، C نىڭ كەينىدە 1 گە ۋەكىللىك قىلىدىغىنى T بولىدۇ، يەنى مۇشۇ بويىچە...
كود مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بەك ئويناپ قويدى، ھەرىكەتچان سۈرەت، ئاۋاز، كىنو قاتارلىقلارنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ DNAغا ساقلاپ باقتى.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ DNAغا ساقلىغان Gif رەسىم
2017-يىلى، نيۇيورك گېن گۇرۇپپىسى مەركىزى كىنو «پويىز»نى DNAدا ساقلىدى.
سانلىق مەلۇماتلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىدىكى رېكورتمۇ تېز سۈرئەتتە يېڭىلاندى، 2012-يىلىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 650KBلىق رېكورتى ناھايىتى تېزلا MB دەرىجىسى تەرىپىدىن بېسىلىپ كەتتى.
2016-يىلى 100 مېگابايت دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، مىكروسوفت 200M لىق ئېلېكترونلۇق كىتاب ساقلىغان.
بۇ يىل مىكروسوفت DNA ئاپتوماتىك ساقلاش سىستېمىسى ياسىدى. لېكىن «Hello» بۇ بەش ھەرپنى ساقلاپ ئوقۇشقا 21 سائەت ۋاقىت كەتتى.
قىممىتى ئون مىڭ دوللارلىق سىستېما
ھىم... بۇ دەل DNAدا ساقلاشنىڭ كەمچىلىكى.
مىكروسوفتنىڭ 2016-يىللىق يېزىش سۈرئىتى ھەر كۈنى 20M بولۇپ، جەمئىي 800 مىڭ دوللارلىق بىرىكتۈرۈش خىراجىتى سەرىپ قىلغان. قىممەت بولۇپلا قالماستىن ھەم شۇنداق ئاستا.
لېكىن DNAغا مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە، DNA تەرتىپى ئۆلچەش يۈز مىليون دوللاردىن مىڭ دوللارغا چۈشتى. بۇ يىل Catalog نىڭ يېزىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا 4M غا يەتتى.
Catalogنىڭ سانلىق مەلۇماتنى DNAدا ساقلاشقا ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىسى
تەننەرخ 100 مىڭدىن بىرىگە چۈشۈپ، يېزىش سۈرئىتى تېز بولدى. بۇ خىل تەرەققىيات كۆلىمى، DNAدا ساقلاش تېخنىكىسىغا بولغان تەقەززاسىنى ساقلاپ قالالايدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە، بەلكىم كومپيۇتېردىكى قاتتىق دىسكا بوتۇلكىلىق DNA غا ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.
بىراق ئەستە ساقلاش بولىكىسى ئىشىنى يەنە ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ھېچ بولمىغاندا DNAدا ساقلاش تېخنىكىسىغا تايىنىپ ئەستە ساقلاش بولكىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.
گەرچە DNA ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ھۈجەيرىدە مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن چوڭ مېڭە DNAدىكى ھەر قانداق ئۇچۇرنى ئوقۇيالمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ھازىر DNA دىن سىزنىڭ ئىرسىيەت ئۇچۇرلىرىڭىزنى ھېس قىلغىلى بولامدۇ يوق سىناپ بېقىڭ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭ مېڭە بىز بەلگىلىگەن تىزىش قائىدىسىنى پۈتۈنلەي چۈشىنەلمەيدۇ، ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل DNA مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
شۇڭا، ئەستە ساقلاش بولكىسىنى ئويلىغاندىن كۆرە، ياخشى ئۆگىنىش كېرەك. تىرىشسىلا يادلىيالىشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن، ئۆمۈر بويى يادلايدىغان نەرسىلەر ئۇنچە كۆپ ئەمەس.
بىلىمزار
بىلىمزار
No comments:
Post a Comment