پاراللېل ئالەملەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى
پاراللېل ئالەملەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى
شەيئىلەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ئېنىق ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئۆلچىگىلى بولسىلا، ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بېكىتىلىدۇ، بۇ قاراش بىزنىڭ ئالەمنى قانداق چۈشىنىشىمىزنىڭ ئاساسى ئىدى،بىراق
كۋانت فىزىكىسى بارلىققا كەلگەندىن كىيىن ئىنسانلار بۇ قاراشتىن ۋاز كەچتى ،چەكسىز پاراللېل ئالەم نەزەرىيەسىدە ئېيتىلىشىچە : ھەر قېتىم كۋانتلار ئارىسىدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش يۈز بەرگەندە، مۇمكىن بولىدىغان بارلىق نەتىجىلەر ئەمەلىيەتتە مەلۇم بىر جايلاردا يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى پەقەت بىر خىل نەتىجە بىزنىڭ ئالەمدە يۈز بەرگەن بولىشى ،قالغان نەتىجىلەر باشقا پاراللېل ئالەملەردە يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن ، بۇ قاراش بىزنىڭ ئىشلارغا نىسبەتەن كۆزىتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ،لېكىن ناۋادا ھەقىقەتەن توغرا بولغان شارائىت مەۋجۇت دەپ قارالسا ، بۇ پاراللېل ئالەملەر ھەقىقىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ئەگەر ئېلېكترون، فوتون ياكى ھەرقانداق باشقا زەررىچىلەر قوش يوچۇقتىن ئۆتسە، ئىنتېرفېرېنسىيە ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، لېكىن ئالدىنقى شەرت شۇكى ئۇلارنىڭ قايسى يوچۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى تەكشۈرمەسلىكىمىز لازىم

كۋانت ئېنىقسىزلىقى ئالەمنىڭ بىر ئاساسىي پاكىتى، لېكىن بىز ئۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش بولسا ئۆزىمىزگە باغلىق، ئەگەر بىر ئېلېكترون قوش يوچۇق ئارقىلىق قويۇپ بېرىلسە، سىز ئۇنىڭ بۇ ئىككى يوچۇقنىڭ قايسىسىدىن ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىسىز؟ ھالبۇكى ئالەم سىز ئويلىغاندەك بۇخىل ئۇسۇلدا ھەرىكەت قىلمايدۇ، ئەكسىچە، ئېلېكترون بىر خىل دولقۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىككى يوچۇقتىن ئۆتىدۇ ھەمدە ئۆزى بىلەن ئۆزى تەسىرلىشىدۇ.بۇ يەردە بىر ئېھتىماللىق تەقسىماتى بار بولۇپ، ھەر بىر ئېلېكتروننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورنى تەسۋىرلەنگەن، لېكىن ھەر بىر ئېلېكترون ئارقا كۆرۈنۈش ئېكرانىدا «نىشان»غا بىرلا قېتىم تىگىدۇ .
ئەگەر سىز مىڭلىغان ئېلېكترونلارنى بىر قاتار قىلىپ تىزسىڭىز، ئىنتېرفېرېنسىيە نۇسخىسى پەيدا بولىدۇ.
ئېلېكترون قوش يوچۇق ئارقىلىق دولقۇن شەكلىدە ئۆتىدۇ. ئەگەر سىز ئېلېكتروننىڭ قايسى يوچۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى ئۆلچىسىڭىز، بۇ يەردە كۆرسىتىلگەن كۋانت ئىنتېرفېرېنسىيە نۇسخىسىنى بۇزۇۋېتىسىز.

نۇرغۇن جەريانلار ماھىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بېكىتىلمەيدۇ. بەزىلىرى قۇمدەك چېچىلاڭغۇ بولىدۇ ، بىر دانە زەررىچە بىلەن تەتۈر زەررىچىنىڭ سوقۇلۇشى ئىككى دانە فوتوننى ھاسىل قىلغاندا، بىر دانە فوتوننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى 1+ بولىدۇ، يەنە بىرىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى 1- بولىدۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئېھتىماللىقى 50% بولىدۇ. باشقا ئېنىقسىز جەريانلار ئۈزۈكسىز بولۇپ، زەررىچە بىلەن تەتۈر زەررىچىنىڭ سوقۇلۇشى ئىككى دانە فوتوننى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئىككى فوتون زەررىچە ۋە تەتۈر زەررىچىنىڭ ماسسا مەركىزى رامكىسىدا قارىمۇ ـ قارشى يۆنىلىش ( 180 گىرادۇس يۆنىلىش ) ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. لېكىن بۇ فوتونلار قانداق يۆنىلىشنى تاللايدۇ؟ بۇ پۈتۈنلەي تاسادىپىي ھالەتتە بولىدۇ.
زەررىچە ۋە تەتۈر زەررىچە يوقىلىپ كەتسە ئۇچاغدا قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تەڭ بولغان ئىككى دانە فوتون ھاسىل بولىدۇ. لېكىن بۇ يەردە دىيىلگەن يۆنىلىش پۈتۈنلەي ئىختىيارىي ھالدا بولىدۇ
ئالەمدىكى ئىككى دانە زەررىچە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىردە مەلۇم دەرىجىدە بۇ خىل كۋانت ئېنىقسىزلىقى بولىدۇ.ھەربىر زەررىچىنىڭ ئورنى ۋە ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئۆزىگە خاس ئېنىقسىزلىقى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەندە، بۇ خىل ئېنىقسىزلىقمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغىچە تارقىلىدۇ. بىزنىڭ بۇ خىل غەيرىي نەزەرىيىنى سىناپ بېقىش ۋە چۈشىنىشتە ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللىرىمىز بار، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار .
پاراللېل ئالەم ئۇقۇمى، مەسىلەن، شرۇدىنگېرنىڭ مۈشۈكىگىمۇ بۇ ئۇسۇل ئىشلىتىلگەن
پاراللېل ئالەم ئۇقۇمى، مەسىلەن، شرۇدىنگېرنىڭ مۈشۈكىگىمۇ بۇ ئۇسۇل ئىشلىتىلگەن
كۋانت مېخانىكىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشلىرىنى بىر ـ بىرىدىن پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ، بۇ دولقۇن فۇنكسىيىسى يىمىرىلىشى قاتارلىق ئۇقۇملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەلكىم نەتىجىنىڭ توپلىنىش ئۇسۇلى يەنى بارلىق يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار بولغان نەتىجىلەرنىڭ توپلىمى پاراللېل ئالەملەرگە يىغىلغان بولۇپ ، بىر قىسىم ئالەملەردە ھەقىقەتەن بارلىق مۇمكىنچىلىكلەر يۈز بەرگەن نەتىجىلەر بولىشى مۇمكىن، لېكىن بىز پەقەت بىرلا ئالەمنى كۆزۈتىۋاتىمىز.
كۆپ مەنبەلىك ئالەم نەزەرىيىسىنىڭ قارىشىچە، ئالەمدە سانسىزلىغان، نۇرغۇن بىربىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالەملەر بار
چوقۇم نۇرغۇنلىغان پاراللېل ئالەملەر مەۋجۇت، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار چەكسىز يېقىنلىشىدۇ. كۆزىتىشكە بولىدىغان ئالەمدە تەخمىنەن 10 دانە زەررىچە مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار چوڭ پارتىلاش يۈز بەرگەندىن بۇيان تەخمىنەن 13 مىليارد 800 مىليون يىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، ھەمدە ھەر بىر زەررىچە بۇ مەزگىلدە نەچچە مىليون قېتىمدىن نەچچە مىليارد قېتىمغىچە ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشكەن، مۇمكىنچىلىكى بار بولغان نەتىجىلەرنىڭ سانى خېلى كۆپ بولغان، لېكىن بۇ پاراللېل دۇنيا نەزەرىيەسىنىڭ بىمەنە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ئۇسۇللار بار.
بىزنىڭ نۇقتىمىزدىن قارىغاندا، كۆزەتكىلى بولىدىغان ئالەملەر بارلىق يۆنىلىشلەرگە قارىتا 46 مىليارد نۇر يىلى ئارىلىقتا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما يەنە كۆپلىگەن كۆزەتكىلى بولمايدىغان ئالەملەر بولۇشى مۇمكىن.
بىز كۆزىتىۋاتقان ئالەم پەقەت ئالەمنىڭ كىچىك بىر قىسمى، ئەمما ئالەم چەكسىز. مەيلى ئالەمدە قانچىلىك زەررىچە بولسۇن، ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلما تىپى مەيلى قانداق ئىختىيارىي بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرى قانچىلىك مۇمكىنچىلىك نەتىجىسى پەيدا قىلسۇن، بۇ سان يەنىلا چەكلىك بولغان بولىدۇ.لېكىن ئالەم ئەسلى چەكسىز بولسا بولاتتى!بىز تېخىمۇ كۆپ ئالەملەرنىڭ بارلىقىغا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز بار.ئەگەر بۇنداق چەكسىز ئالەم بولسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ ئالەمدىن باشلانغان ئېنىق تۈزۈلۈش شەكلى سانسىز قېتىم يۈز بەرگەن بولىدۇ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم بىر جايدا يۈز بەرگەن بولىدۇ.

كېڭىيىش چوڭ پارتىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەمدە بىز كۆزىتەلەيدىغان ئالەمنى پەيدا قىلدى
بىزنىڭ ئالىمىمىز چەكلىك بولسىمۇ لېكىن بۇنىڭدىن باشقا يەنە سانسىزلىغان ئالەملەر بارلىققا كەلدى. چوڭ پارتلاش بىز ئىلگىرى ئويلىغاندەك بارلىق شەيئىلەرنىڭ باشلىنىشى ئەمەس، بەلكى پەقەت بىز كۆزۈتەلەيدىغان ئالەمنىڭ باشلىنىشى خالاس . بۇ تۇنجى قېتىم بىزنىڭ ئالەمنى زىچ، ماددا بىلەن تولغان شۇنداقلا بىرلا ۋاقىتتا كېڭىيىۋاتقان ۋە سوۋۇۋاتقان ئالەم دەپ تەسۋىرلىشىمىز ھېسابلىنىدۇ . بۇ 13 مىليارد 800 مىليون يىل بۇرۇنقى چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە بىر بۆلەك ئالەمنىڭ كېڭىيىش مەزگىلى بار ئىدى. كېڭىيىش كۆرسەتكۈچلۈك ئېشىش ۋاقىت بوشلۇقىنى ياراتتى، ئەگەر بۇ ئىلگىرىكى چەكسىز ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرسە، چەكسىز كۆپ بولغان چەكلىك ئالەمنى بارلىققا كەلتۈرۈش مۇمكىنلىكى بار بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرى بىزنىڭ ئالەمنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كېڭىيىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىككى ئالەم ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ.
كېڭىيىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىككى ئالەم ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتمەيدۇ.
شۇنداق بولغاندا پاراللېل ئالەملەردە خىلمۇ-خىل ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ ، مەسىلەن : ناتسىستلار مەلۇم بىر جايدا 2ـ دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىشى ،مەلۇم بىر جايدا ھىلارى كىلىنتون زۇڭتۇڭ بولغان بولىشى ، بەزى جايلاردا ئىنسانلار ئاللىقاچان ئۆزىنى نەسلى قۇرۇش گىردابىغا قىستاپ قويغان بولىشى ، شۇنداقلا مەلۇم بىر جايدا بىز دۇنيا تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرغان بولىشىمىز مۇمكىن .ئەمما، بىزدە پەقەت بىرلا ئالەم بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە كۆزىتىش دائىرىمىزنىڭ سىرتىدىكى ئالەملەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ئىستىقبالىمىز يەنىلا يوق دىيەرلىك .
ئەگەر ئالەم چەكسىز بولسا، ئەگەر ئۇنى ھاسىل قىلىدىغان ھالەت چەكسىز ئۇزۇن ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، ئۇنداقتا ئۇلار ھەقىقىي بولىدۇ.ئەگەر بۇ ئىككى خىل ئېھتىماللىقنىڭ قايسى بىرى راست بولسا، ئۇلار جەزمەن راست بولۇشى مۇمكىن ، لېكىن بىزدە ئۇنى سىنايدىغان مەلۇم ئۇسۇل بولمىسا، ماددىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەقىقىي ئەھۋالىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا پاراللېل ئالەمنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلەلمەيمىز.
بىلىمزار
No comments:
Post a Comment