كۋانت چىرمىشىشى قۇش ئارقىلىق دەلىللەندى

ئاجايىپ كۋانت بىئولوگىيىسى دۇنياسىدا، ھاياتلىق پەقەت بىر مەيدان ئېھتىماللىق ئويۇنى بولۇپ، قائىدە بولسا كۋانت مېخانىكىسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ.
كۋانت مېخانىكىسى نۇرغۇن مۇھىم ھاياتلىق جەريانلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى، كۋانت مېخانىكىسى ھەتتا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى بولۇشى مۇمكىن.
ھەر يىلى قىش پەسلىدە، نۇرغۇن قۇشلار جەنۇبقا بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ، ئاندىن شىمالغا بېرىپ ئىسسىقتىن ساقلىنىدۇ، بۇ بىزگە تونۇشلۇق بولغان كۆچۈش جەريانى ھېسابلىنىدۇ ،ئەمما كۆپ يىللاردىن بۇيان، قۇشلارنىڭ زادى قانداق قىلىپ توغرا يول باشلىيالىشى يەنىلا بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى، شۇنداقتىمۇ يېقىنقى ۋاقىتتىكى بىر بايقاش زور زىلزىلە پەيدا قىلدى
ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا، بىر خىل قۇش ئىلگىرى بىر مەيدان پەن ـ تېخنىكا ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، چۈنكى بۇ خىل قۇش پۈتكۈل پەن ـ تېخنىكا ساھەسى نەزىرىدە ئاجايىپ بىر خىل يول باشلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان، ئۇ دەرۋەقە كۋانت مېخانىكىسىدىن پايدىلانغان، بۇخىل قائىدە پىرىنسىپلار ئىلگىرى نۇرغۇن ئۇلۇغ فىزىكا ئالىملىرىنى گاڭگىرىتىپ قويغان، بۇ ھەتتا ئېينىشتىيىنغا ئوخشاش ئۇلۇغ فىزىكا ئالىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شۇڭا بىز بۇ خىل سىرلىق تۈر ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ئازراق ھەيران قالىمىز، بۇ تۈر دەل «كۋانت قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل»ى دەپ ئاتىلىدۇ!
كۋانت مېخانىكىسىدا غەلىتە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرى بايان قىلىنىدىغان بولۇپ ، بۇ مىكرو دۇنياغا كىرگەندە، بىز چوقۇم ساۋات خاراكتېرلىك ۋە بىۋاسىتە كۆزىتىش تەپەككۇر ئۇسۇلىدىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك.ئەكسىچە، ئۇ بىر ماددى دولقۇنغا ئوخشاش تارقىلىدىغان دۇنيا، كۋانت زەررىچىلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆپ جايدا تۇرالايدۇ ھەمدە ئۆزئارا سىرلىق ئالاقە ئېلىپ بارالايدۇ.
فىزىكا ئالىمى ھېنرىك ئىزچىل تۈردە مۇنداق بىر نەزەرىيەنى تەتقىق قىلىپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل يەر ماگنىت مەيدانى ئارقىلىق يول باشلايدۇ، ئۇنىڭ تەجرىبىخانىسى بىر قالتىس ماگنىت قەپىسى بولۇپ، ھېنرىك پايدىلانغان سۈنئىي ماگنىت مەيدانى يەر ماگنىت مەيدانى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، پەقەت ئۇ ماگنىت مەيدانىنىڭ يۆنىلىشىنى ھەرقانداق ھالەتتە ئۆزگەرتەلەيدۇ.
ئۇنىڭ تەجرىبىسىدە، قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل ھەمىشە ۋەزىيەتكە بېقىپ ماگنىت مەيدانى يۆنىلىشىگە قاراپ ماڭىدۇ ھەمدە بۇ يۆنىلىشتە قىرىش(جىجاش) ئىزى قالدۇرىدۇ، لېكىن ئەڭ سىرلىق بولغىنى ئۇنىڭ بۇنى قانداق ھېس قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ
يەر ماگنىت مەيدانى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ، ھەرقانداق جانلىق ئۇنى ئاسانلىقچە بايقىۋالالمايدۇ، ھېنرىك قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلغا قالپاق كىيدۈرگەندىن كېيىن، قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ كۆزىلا كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن بىر قىزىقارلىق يىپ ئۇچىنى بايقىدى. ھېنرىك ئەگەر قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ ئوڭ كۆزىنى توسۇۋالسا، چوڭ مېڭىنىڭ سول يېرىم قىسمىدىكى ماگنىت مەيدانىنى سېزىش ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر سول كۆزىنى توسۇۋالسا، ئوڭ تەرەپتىكى چوڭ مېڭىنىڭ سېزىش ئىقتىدارىنى ئېتىۋېتىدىغانلىقىنى، قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ كۆزىگە ماگنىت كومپاس يوشۇرۇنغاندەك قىلىدىغانلىقىنى بايقىدى.
بىز ئادەتتە كۆزىمىز ئارقىلىق سۈرەتكە ئېرىشىمىز، لېكىن كۆزىمىزدە يەنە بىر نۇر تەكشۈرۈش مېخانىزمى بار.ئەگەر قول چىرىقى بىلەن كۆزىمىزنى يورۇتساق، كۆز قارىچۇقىمىزنىڭ كىچىكلەپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىمىز، بۇ خىل مۇداپىئە مېخانىزىمى ئارقىلىق كۆزىمىزنى قوغدىغىلى بولىدۇ، كۆزىمىز يورۇقلۇق زەررىچىسىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، فوتون ئېلىپ ماڭغان ئېنېرگىيە ئېنىقلا غىدىقلاش ئارقىلىق خىمىيىلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ.
نۇر ئوخشاشلا قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ كۆزىدە ئوخشاش خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆزگە چۈشكەن فوتون بىر خىل ئالاھىدە شەكىلدىكى ماگنىت كومپاسنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ھۈجەيرىگە چوڭقۇر يوشۇرۇنغان ماگنىت كومپاس غەلىتە ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرى دۇنياسىدا ئۈزۈپ يۈرىدۇ، ئۇ يەردە پەقەت كۋانت مېخانىكىسى ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ كۆزىدىكى خىمىيەلىك رېئاكسىيە ئېنېرگىيە جىلغىسى ئارىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مولېكۇلىنى تاغ چوققىسىغا ئىتتىرىشكە توغرا كېلىدۇ، بەختكە يارىشا ھېنرىكنىڭ تەجرىبىسى بولغاچقا، نۇرنىڭ بۇ جەرياندا نۇرغۇن كۈچ چىقارغانلىقىنى ئەمدى بىلدۇق.ئەمما ئۇ ئەڭ چوققىسىغا يەتكەندە، ئەڭ يېنىك ھالەتتە تىگىشكەن تەقدىردىمۇ مولېكۇلىلار تاغ چوققىسىدا ئېغىپ كېتىدۇ.
مۇھىم نۇقتا شۇكى، قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ خىمىيەلىك ماگنىت كومپاسى دەل ئىككى ئېنېرگىيە جىلغىسى ئارىسىدىكى يۇقىرى پەللىدە تەڭپۇڭ تۇرىدۇ، ئەگەر ئۇ بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتسە، بىر خىل خىمىيەلىك مەھسۇلاتنى پەيدا قىلىدۇ. يەر ماگنىت مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئىنچىكە ئۆزگىرىشمۇ مولېكۇلانى جىلغىغا يىقىتىدۇ، لېكىن بۇ ئادەتتىكى ساۋاتلارغا خىلاپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش فىزىكىدىكى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بىر ئويغا باغلىق، لېكىن ئەگەر سىز بۇنى چۈشىنىشنىڭ تەس ئىكەنلىكىنى بايقىسىڭىز ھېچقىسى يوق، چۈنكى ئېينىشتېين بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى «ئەرۋاھ» دەپ ئاتاپ كەلگەن !
بۇ ئوي دەل كۋانتنىڭ چىرمىشىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى زەررىچە ئارىسىدىكى خەۋەرلىشىش سۈرئىتىنىڭ نۇر تېزلىكىدىنمۇ تېز ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن، 1935ـ يىلى ئېينىشتىيىن بىر پارچە داڭلىق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان، لېكىن ئېينىشتىيىن خاتالاشقان!
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى تەجرىبە ئەسۋابلىرىنىڭ توغرا تەجرىبە نەتىجىلىرى ئىككىلەمچى ئاتوم زەررىچىلىرىنىڭ ھەقىقەتەن چىرمىشىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ئىككى زەررىچىنىڭ ئالەمنىڭ ئىككى ئۇچىدىمۇ ھەش ـ پەش دېگۈچە بىر ـ بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇمۇ ئوخشاشلا ئوخشاش بىرخىل ئىشنىڭ قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ كۆزىدە يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بىر فوتون قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ كۆزىگە كىرگەندە، بىر گۇرۇپپا ئاتالمىش چىرمىشىش ئېلېكترونى پەيدا بولىدۇ، ھەر بىر ئېلېكترون بولسا ئىككى خىل ئېھتىماللىق ھالىتىگە ئىگە بولىدۇ، چۈشىنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ۋاقتىنچە ئۇلارنى قىزىل ۋە يېشىل دەپ ئاتاپ تۇرايلى ، غەلىتە يېرى دەل مۇشۇ يەردە، بىز ئۇلارنى ئۆلچىمىسەك، ئىككىسى بىر ـ بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، لېكىن يەنە بىرلا ۋاقىتتا ئايرىلالايدۇ.
بۇ ئېلېكترونلارنى ئايلانما دىسكا دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، ئۇلار قىزىل ھەم يېشىل رەڭدە بولىدۇ، بىز بىر ئۇچار خەنجەرنى قويۇپ بەرگەندىلا، ئاندىن بىرىنچى ئېلېكتروننى ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى بىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇنداق قارىغاندا، بۇ بىر مەيدان ئېھتىماللىق ئويۇنىغا ئوخشايدۇ، بىز ئۇچار خەنجەر قويۇپ بەرمىسەك بۇنىڭ نەتىجىسىنى بىلەلمەيمىز.
ئەگەر بىز ھازىر بىرىنچى ئېلېكتروننىڭ قىزىل ئىكەنلىكىنى بىلسەك، ئۇنداقتا ئىككىنچى ئېلېكتروننى ئۆلچىسەك، سىز چوقۇم بىزنىڭ قىزىل ۋە يېشىلغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقىمىز يېرىم ئۈلۈشتىن بولىدۇ دەپ قارايسىز، قانداقلا بولمىسۇن بۇنداق ئوي نورمال قائىدە بويىچە چىقىرىلغان، لېكىن سىز خاتالاشتىڭىز.
كۋانت چىرمىشىش نەزەرىيەسىدە، ئىككى ئېلېكتىروندا سىرلىق باغلىنىش مەۋجۇت.مەسىلەن، ئەگەر بىز ئالدى بىلەن قىزىل رەڭگە ئېرىشسەك، ئۇنداقتا بىز كېيىن ھامان قىزىل رەڭگە ئېرىشىمىز، بۇ ئويۇندا ھېچقانداق ئېھتىماللىق بولمىغاندەك قىلىدۇ، خۇددى بىرىنچى ئېلېكترون ئىزچىل تۈردە ئىككىنچىسىگە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك قىلىدۇ ، بۇمۇ ئېينىشتىيىننىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى «ئەرۋاھ» دەپ ئاتىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك ، ئەڭ ئەقىلگە سىغمايدىغىنى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك يىراق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،بۇ ئېلېكترونلار ئۇلارنىڭ ئوخشاش رەڭگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
ھەقىقىي مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئىككى ئېلېكتروننىڭ ئوخشاش رەڭگە ئىگە بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار باشقا ئۇسۇللار بىلەن چىرمىشىپ كېتەلەيدۇ، شۇڭا ئەگەر بىرىنچى ئېلېكترون قىزىل رەڭ بولسا، ئۇنداقتا ئىككىنچىسى ھامان قىزىل رەڭ بولىدۇ، بۇ خىل سىرلىق باغلىنىش كۋانت قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل كومپاسىنىڭ ئاخىرقى مەخپىيىتىدەك قىلىدۇ، چۈنكى يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ يۆنىلىشى ئۇنىڭ ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، بۇمۇ قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ خىمىيەلىك كومپاس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشتىكى مۇھىم سەۋەبى
يەر ماگنىت مەيدانىنىڭ ئىنچىكە تەۋرىنىشى قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ ئېلېكتىرونغا چىرمىشىۋېلىش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇمۇ ئۇنىڭ ماگنىت كومپاسىنى ئۆزگەرتىشكە يېتىدۇ. بىز ئاخىرى بۇنداق ئاجىز يەر ماگنىت مەيدانىنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ يۆنىلىشىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇق، ئەگەر ماگنىت مەيدانى ئۆزگەرسە، قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇلنىڭ كۆزىدە يۈز بەرگەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەمۇ ئۆزگىرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ماگنىت مەيدانىغا بولغان ھۆكۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تۇيۇقسىز بىز قۇشلاردا كۋانت مېخانىكىسى ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، بۇ بىئولوگىيە ساھەسىدىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىش ھېسابلىنىدۇ، قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل بۇ ئەرۋاھقا ئوخشاش كۋانت تەسىرى ئارقىلىق يول باشلايدۇ!
بۇ سىرلىق كۋانت ئېففېكتىنى كۆرۈش ئىنتايىن ئىنچىكە فىزىكىلىق تەجرىبىخانا مۇھىتىدىمۇ ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ، ئەمما قىزىل قۇيرۇقلۇق بۇلبۇل قىلچە كۈچ سەرپ قىلمىدى، بۇ تەجرىبىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي ھەم دەلىللەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment