سوقراتنىڭ بىر شاگىرتى ئۇنىڭدىن قانداق قىلسا، ئۇنىڭغا ئوخشاش مول بىلىملىك كىشى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىنى سوراپتۇ. سوقرات ئۇنىڭغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەستىن مۇنداق دەپتۇ: بۈگۈن بىز ئەڭ ئاددىي ، ئەڭ ئاسان ئىشتىن بىرنى قىلايلى. ھەر بىرىڭلار ئىككى بىلىكىڭلارنى چىقىرىپ ئالدىغا ئايلاندۇرۇڭلار، ئاندىن ئارقىغا ئايلاندۇرۇڭلار
سوقرات ئۇلارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا: بۈگۈندىن باشلاپ، ھەر كۈنى 30 قېتىم قىلىسىلەر، كۆپچىلىك بۇنى قىلالامسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ.
شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ تۇرۇپ، بۇنچىلىك ئاسان ئىشنى نېمىشقا قىلالمىغۇدەكمىز دېيىشىپتۇ.
بىر ئايدىن كېيىن سوقرات ئۇلاردىن نەچچىسىنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى سوراپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئاران توققۇزى قول كۆتۈرۈپتۇ. يەنە بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە سوراپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سەككىزى قول كۆتۈرۈپتۇ. ئارقىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سوقرات كۆپچىلىكتىن: مەن سىلەرگە ئۆگىتىپ قويغان ئەڭ ئاسان قول پىرقىرتىش ھەرىكىتىنى نەچچىڭلار قىلىۋاتىسىلەر دەپ سوراپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بىر شاگىرتى قول كۆتۈرۈپتۇ، ئۇ دەل ئەپلاتۇن.
خۇلاسە: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت دەل ئىزچىللىق
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment