ئىچكى دۇنيارىڭىزنى كۈچلۈك قىلىدىغان سۆزلەر
پىسخىلوگ ئادېلى مۇنداق بىر گەپنى قىلغان:« دۇنيا ئىنتايىن ئاددىي، ھاياتلىقمۇ ھەم شۇنداق، ئەسلى دۇنيا مۇرەككەپ ئەمەس بەلكى ئىنسانلار دۇنيانى مۇرەككەپ قىلىپ قويىدۇ». ئەگەر ئىچكى دۇنيارىڭىزنى كۈچلۈك قىلىشنى، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئويلىسىڭىز تۆۋەندىكى 15 ئېغىز گەپنى چوقۇم ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ.
1.مەيلى نېمە ئىش قىلىڭ، چوقۇم ئۆزىڭىز ئۈچۈن قىلىۋاتقىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، شۇندىلا پۇشايماندا قالمايسىز.
2.قىيىنچىلىققا يولۇققان چېغىڭىزدىمۇ دۇنيادىن ئاغرىنىپ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالماڭ.
3.ھاياتلىق ناھايىتى قىسقا، ئەڭ مۇھىم ئۆزىڭىزنى سۆيۈش، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ياخشىچاق بولۇش ئەمەس، ئەرزىمەيدىغان ئادەمگە ئۆزىڭىزنى ئىسپاتلايمەن دەپ نېمە كەپتۇ، ئۆزىڭىز بولۇڭ، ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ.
4.ھاياتلىقنىڭ ھەرقانداق مەزگىلىدە ھاياتىڭىزنى قايتىدىن باشلاشتىن قورقماڭ، قارىماققا تۆۋەندەك كۆرۈلگەن باشلىنىش نۇقتىسى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقىشتىكى باشلىنىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
5.مۇلايىمراق بولۇڭ، كۆكسى-قارنىڭىز كەڭ بولسۇن، ئەتراپىڭىزدىكى توغرا-خاتانى بەك زىغىرلاپ كەتمەڭ، ھەممە ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقى بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزگە ۋە باشقىلارغا كەڭ قورساق بولۇڭ.
6.قىز بالا بولسىڭىز چوقۇم ئۆز ئالدىڭىزغا كىرىمىڭىز بولسۇن، شۇندىلا باشقا نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز، 25-15 ياشقىچە بولغان مەزگىلىڭىزدە تىرىشىپ ئوقۇڭ ھەم ئۆزىڭىز ئامراق يەرلەرگە بېرىپ ساياھە قىلىڭ، 35-25 ياشاقىچە بولغان مەزگىلىڭىزدە تىرىشىپ خىزمەت قىلىڭ، ئۆي-ئوچاقلىق بولۇڭ، پۇل يىغىڭ، چوقۇم ئۈمۈدۋار بولۇڭ، خىزمەتنىڭ جاپالىق ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنماڭ، قولىڭىز كىچىك بولغان بىلەن ئۆزىڭىزگە تەۋە شۇ كىچىك قوللار بىلەن چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايسىز.
7.ھاياتلىقتا قىيىنچلىق تۈگىمەيدۇ، لېكىن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىدىغان ئامال دائىم قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆزىڭىزنى يۈكسەلدۈرۈشنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالماڭ، چۈنكى ئىچكى دۇنياسى كۈچلۈك، سەرخىل بولغان كىشىلەر قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ھامان ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالايدۇ.
8.سىز يوقىىتپ قويغان نەرسىلەر ئەزەلدىن سىزگە ھەقىقىي تەۋە بولۇپ باققان ئەمەس، شۇڭلاشقا سىزگە تەۋە نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويغاندا ئاھ ئۇرۇپ كەتمەڭ، مەرت بولۇڭ، تۇرمۇشىڭىزدا مەيلى قانچىلىك خاتالىقلار يۈر بەرسۇن ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويماڭ، چۈنكى خاتالىقنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويسىڭىز خاتالىقىڭىزنى ئۆزگەرتىدىغان، ھەقىقىي چوڭ بولىدىغان پۇرسەتتىن قۇرۇق قالىسىز.
9.رومانتىكىلىق تۇرمۇشنىڭ تەم تېتىتقۇسى، مەيلى قايسى ياشتا بولۇڭ، توي قىلغان-قىلمىغان بولۇڭ مەلۇم دەرىجىدە رومانتىكراق بولۇڭ، شۇندىلا تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ھېس قىلالايسىز.
10.تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ئۆزىڭىز قېزىپ چىقىشىڭىز كېرەك،چۈنكى ھېچكىمنىڭ سىزنى خۇشال قىلىش، سىزگە ياخشىچاق بولۇش ۋەزىپىسى يوق، سۆيگۈ ئىنتايىن گۈزەل، لېكىن تۇرمۇش سۆيگۈدىنمۇ ئۇزاق، تۇرمۇش سىزنىڭ ئۈمۈدۋار، ئەقىللىق، خۇشخۇي بولىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
11.سىزنىڭ مەلۇم بىر شەھەرگە مەپتۇن بولىشىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۇ شەھەردىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا مەپتۇن بولغانلىقىڭىز، ئۇ شەھەردە سىزنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتلىرىڭىز، ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، مەيلى قەيەردە بولۇڭ تۇرمۇشنىڭ ھەم خۇشاللىقى ھەم قايغۇسى بولىدۇ، ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىڭىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالماڭ.
12.فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بۇنداق بىر ماقال-تەمسىلى بار: سۆيگۈنىڭ يېنىڭدا بولسا ھەممە يەر باغۇ-بوستان.بەخىت ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ھەممە نەرسىگە ئېرىشىشىڭىزدىن ئەمەس بەلكى سىزنىڭ قانائەتچانلىقىڭىزدىن كېلىدۇ، ئېرىشكەنلىرىڭىزگە شۈكۈر قىلىشنى بىلمىسىڭىز مەڭگۈ بەخىتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايسىز.
13.ياز پەسلىدىكى قۇرتقا قىش پەسلىنىڭ قەھرىنى سۆزلىسىڭىز ئۇ چۈشەنمەيدۇ، دەل شۇنىڭغا ئوخشاش سىز ئۆزىڭىزنى چۈشەنمەي تۇرۇپ باشقىلارنى ئەيىپلەۋەرگەن ۋاقتىڭىزدا تىنىچ ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ، تۇرمۇشقا سەۋىرچان بولۇڭ، ئىشلارنى ھەرگىزمۇ ئوتتۇرا يولدا تاشلاپ قويماڭ.
14.ئارزۇيىڭىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ، مەنزىلىڭىزگە يەتكەندىن كېيىن كەينىڭىزگە قارىغان ۋاقتىڭىزدا تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ بايلىقىغا ئايلانغانلىقىنى بايقايسىز.
15.ھاياتلىقتا ئۇتۇش بولغان ئىكەن ئۇتتۇرۇشمۇ بولىدۇ، خاتالىقىڭىز، بىردەملىك مەغلۇبىيىتىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەۋەرمەڭ، ئۆزىڭىزنى
سۆيۈڭ، ھەركۈنى كۆتۈرۈلگەن قۇياشنى سۆيۈڭ.
#bilimdan #bilimzar
No comments:
Post a Comment