Search This Blog

Friday, August 9, 2019

ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا


ھېيىت كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ھارپا ياكى ئەرەفات كۈنى دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. ئاللاھ-تائاللاھغا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇنكى ھازىر مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈندە تۇرماقتىمىز. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەرەفات كۈنىنىڭ ھېكىمىتى ۋە پەزىلەتلىرىنى ئوتاقلىشىشىنى توغرا كۆردۇق. بۇ كۈننىڭ پەزىلەتلىرىنى بىلگەنلەر ئەمەل قىلسۇن، بىلمىگەنلەر بىلىۋىلىپ قوبۇل قىلسۇنكى، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇئالىرىمىز ئىجابەت بولۇپ زۇلۇملۇق كۈنلىرىمىز ئاخىرلىشىپ، ھور-بەختىيار كۈنلىرىمىز باشلانسۇن! ئۇلۇغ كۈندە قىلىنغان دۇئالار ئىجابەت بولۇشى ئىنشائاللاھ. 
قېنى ئەمىسە بۇ كۈننىڭ ھېكىمىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.



ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

«ئەرەفات كۈنى» ئاللاھ تائالا ئۇلۇغ كىتابىدا ئۇنىڭ بىلەن قەسەم قىلغان، ئۇنى نۇرغۇن پەزىلەتلەر بىلەن شەرەپلەندۈرگەن، ، ئاللاھ تائالا دىنىمىزنى كامالىغا يەتكۈزگەن، بىزگە نېمىتىنى تاماملىغان، ئىسلام دىنىنى بىزنىڭ دىنىمىز بولۇشقا تاللىغان، بەندىلىرىگە پەزلى مەرھەمىتىنى ياغدۇرىدىغان، دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلىدىغان، گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە يېقىنلىشىدىغان، ئۇلار بىلەن پەرىشتىلىرى ئالدىدا پەخىرلىنىدىغان، شەيتان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى خار قىلىدىغان، پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن ھاجىلار ئىمان ۋە ئەقىدە رىشتىسى ئاساسىدا بىر جايدا توپلىنىپ، يېگانە بىر ئاللاھقا يېلىنىدىغان، قۇللۇق ئىزھار قىلىدىغان ئۇلۇغ بىر كۈندۇر.

بۇ كۈندىكى مەغپىرەت ۋە ئىلاھىي ئىنئاملار ئەرەفات تېغىدا توپلانغانلارغا خاس بولماستىن، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار بۇ كۈندە ئاللاھقا تائەت قۇللۇق ئىزھار قىلىش ۋە پەزلى – مەرھەمىتىنى تىلەشنى بىلسە، بۇ ئۇلۇغ كۈندىكى بەرىكەتتىن مەھرۇم قالمايدۇ.

بۇ كۈننىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇ كۈننىڭ ئىسمىغا، ئۇ كۈندە تۇرىدىغان جايدا ئېلىپ – بېرىلىدىغان كاتتا ئەمەل – ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بىز ئالدى بىلەن بۇ كۈننىڭ نېمە ئۈچۈن ئەرافات كۈنى دەپ ئاتالغانلىقى ئۈستىدە توختىلايلى.

ئەرەفات «تونۇش» دېگەن مەنىدە بولۇپ، مەرىپەت ۋە ئىرفان كەلىمەلىرى بىلەن بىر يىلتىزدىن تۈرلىنىدۇ. ئەرەفات مەككىدىن 22 كىلومېتىر، مىنادىن 10 كىلومېتىر، مۇزدەلىفەدىن 6 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر تۈزلەڭلىكنىڭ نامىدۇر. ئۇ تۈزلەڭلىكتە رەھمەت تېغى دەپ ئاتالغان بىر تاغ بار. ھاجىلار قۇربان ھېيتنىڭ ھارپىسىدا مۇشۇ تۈزلەڭلىكتە تۇرمىسا ھەج قىلغان بولمايدۇ. ھاجىلار تۇرىدىغان بۇ كۈن شۇ سەۋەبتىن ئەرافات كۈنى دەپ ئاتالغان. بۇ كۈن يەنە «ئازات قىلىش كۈنى»، «پەخىرلىنىش كۈنى»، «دىننى كامالەتكە يەتكۈزۈش كۈنى»، «مەشھۇد كۈن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى جازانىمۇ بۇ كۈندە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

بۇ جاينىڭ «ئەرەفات» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك قاراشلار بار:

·   ئادەم بىلەن ھاۋۋا ئەلەيھىسسالاملار جەننەتتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن زېمىندا تۇنجى ئۇچرىشىپ تونۇشقان جاي ئەرەفات تېغى بولغاچقا، شۇنداق ئاتالغان.

·       جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەج پائالىيەتلىرىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئەرەفاتتا تەلىم بەرگەن بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.

·   ھاجىلار ئەرەفاتتا گۇناھلىرىنى توتۇپ مەغپىرەت تىلەيدىغان بولغاچقا «ئېتىراپ قىلىش» مەنىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ شۇنداق ئاتالغان.

·   ئەرافات كۈنىدە پۈتۈن دۇنيادىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ئۆزئارا تونۇشىدىغان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان.

ئەرەفات كۈنىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر:

ئەرەفات كۈنىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ئايەت، ھەدىسلەر ئىنتايىن كۆپ. مەسىلەن:

1.   ﴿بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى كامالىغا يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم﴾([1]).

تارىق ئىبنى شىھاب ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر يەھۇدى ئۇنىڭغا:

ــ ئى مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى! سىلەر ئوقۇۋاتقان مۇشۇ كىتابىڭلاردا شۇنداق بىر ئايەت باركى، ناۋادا شۇ ئايەت بىز يەھۇدىلارغا چۈشكەن بولسا ئىدى، شۇ كۈننى ئۇلۇغلاپ بايرام قىلىۋالغان بولاتتۇق – دېگەن ئىدى. ھەزرىتى ئۆمەر:

ــ قايسى ئايەتنى دەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ:

ــ (بۈگۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا رازى بولۇپ تاللىدى) دېگەن ئايەت، ــ دېدى. ئۆمەر:

ــ بىز شۇ كۈننى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بۇ ئايەت نازىل بولغان ئورۇننى ئوبدان بىلىمىز. بۇ ئايەت رەسۇلۇللاھقا جۈمە كۈنى ئەرافاتتا ئۆرە تۇرغان چېغىدا چۈشكەن، ــ دېدى([2]).

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن كەلگەن بىر رىۋايەتتە، بىر يەھۇدىي ئۇنىڭغا:

ــ بۇ ئايەت بىز يەھۇدىيلارغا نازىل قىلىنغان بولسا، بىز بۇ كۈننى بايرام كۈنى قىلىۋالغان بولاتتۇق، ــ دېگەن بولۇپ، ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا:

ــ بۇ ئايەت جۈمە كۈنى ۋە ئەرافات كۈنىدىن ئىبارەت (مۇسۇلمانلارنىڭ) ئىككى بايرام كۈنىدە نازىل بولغان، ــ دەپ جاۋاب بەرگەن([3]).

ئۇ كۈندە دىننى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئىلگىرى پەرز ھەجنى توغرا يوسۇندا ئادا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن مۇسۇلمانلارنى توغرا ئاي – كۈندە، شۇنداقلا مۇشرىكلار ئارىلاشمىغان ھالەتتە ھەج قىلىشقا مۇيەسسەر قىلغانلىقى بىلەن بولغان. نېمەتنى تاماملاش ئۇ كۈندىكى مەغپىرەت بىلەن بولغان. چۈنكى نېمەت مەغپىرەتسىز تامام بولمايدۇ.

2.   ﴿سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچە بىلەن، جۈپ بىلەن، تاق بىلەن… قەسەم قىلىمەنكى…﴾([4]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەزكۇر ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: «(فەجر سۈرىسىدىكى) ‹ئون كېچە›دىن زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئون كېچىسى؛ ‹تاق كۈن›دىن ئەرافات كۈنى، ‹جۈپ كۈن›دىن قۇربانلىق كۈنى كۆزدە تۇتۇلغان»([5]).

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كۈن بىلەن قەسەم قىلىشى بۇ كۈننىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزلىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

3.   ﴿بۇرجلۇق ئاسمان بىلەن، ۋەدە قىلىنغان كۈن بىلەن، مەشھۇد كۈن بىلەن، شاھىد كۈن بىلەن قەسەم قىلىمەنكى﴾([6]).

4.   ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ﴿ۋەدە قىلىنغان كۈن﴾ قىيامەت كۈنى؛ ﴿مەشھۇد كۈنى﴾ ئەرافات كۈنى؛ ﴿شاھىد كۈنى﴾ جۈمە كۈنىدۇر. قۇياش جۈمە كۈنىدىن ياخشىراق بىر كۈندە چىقىپ باقمىغان، ئۇنىڭدىن ياخشىراق كۈندىمۇ پاتمىغان. ئۇنىڭدا شۇنداق كاتتا بىر سائەت باركى، مۇئمىن بەندە شۇ سائەتتە ياخشى دۇئا قىلىپ قالسا، دۇئاسى چوقۇم ئىجابەت بولىدۇ. نېمىدىن پاناھلىق تىلىسە، شۇنىڭدىن پاناھلىق بېرىلىدۇ([7]).

5.   ئىسلامنىڭ بەش تۈۋرۈكىنىڭ بىرى بولغان ھەج مۇشۇ ئەرافات كۈنى بولىدۇ. ئەرافات كۈنى ئەرافاتتا تۇرمىسا ھەج بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەج ئەرەفاتتا تۇرۇشتۇر» دېگەن([8]).

6.             سەئىيد ئىبنى جۇبەير ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «باشقا كۈنلەردە قىلىنغان ھەرقانداق ئىبادەت مۇشۇ (زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئەۋۋەلقى) ئونىدا قىلىنغان ئىبادەتتىن ئەۋزەل ئەمەستۇر» دېگەندە. ساھابىلەر: «جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەمدۇ؟» دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «جىھادمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدۇ، پەقەت خەۋپ – خەتەرگە قارىماي، جېنى ۋە مېلى بىلەن جىھادقا ئاتلىنىپ چىقىپ، ئۆزىمۇ، مېلىمۇ ساق قايتىپ كەلمىگەن ئادەمنىڭ ئەمىلىلا بۇنىڭدىن ئەۋزەل بولىدۇ» دېگەن([9]). بۇ 10 كۈننىڭ ئىچىدە ئەرەفات كۈنىمۇ بار، ئەلۋەتتە.

7.   ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەرەفات كۈنىنىڭ روزىسىنى ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ۋە كېيىنكى يىلىغا (يەنى شۇ يىللاردىكى گۇناھلارغا) كەفارەت قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن»([10]). (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). ئەرەفات كۈنىدە روزا تۇتۇش ھەج قىلىۋاتقانلاردىن باشقىلارغا سۈننەت، ھەج قىلىۋاتقانلارغا ئەمەس. شۇڭا ئەرەفات كۈنى ئەرەفاتتىن باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇشنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.

8.   جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەرەفات كۈنىدىنمۇ ئەۋزەل كۈن يوق. بۇ كۈندە ئاللاھ دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ، زېمىندىكىلەر بىلەن پەخىرلىنىپ، ئاسماندىكىلەرگە: يىراق يوللارنى بېسىپ مېنىڭ رەھمىتىمنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن، قۇربانلىق قىلغان، پاخپايغان ۋە غۇبارلانغان بەندىلىرىمگە قاراڭلار. ئۇلار مېنىڭ ئازابىمنى تېخى (كۆزى بىلەن) كۆرۈپ باققىنى يوق، دەيدۇ. ئەرەفات كۈنىدىكىدەك دوزاختىن ئازاد قىلىنغانلار ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر كۈن ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان»([11]).

9.     ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئەرەفات كۈنىدىنمۇ بەكرەك كۆپ دوزاختىن ئازاد قىلىدىغان بىر كۈن يوقتۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن پەرشتىلەرگە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ: بۇلار نېمىنى تىلىدى؟ دەيدۇ»([12]).

10.         ئەمر ئىبنى شۇئەيب دادىسىدىن، دادىسى شۇئەيبنىڭ بوۋىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەڭ ياخشى دۇئا ئەرەفات كۈنىدە قىلىنغان دۇئادۇر. مەن ۋە مەندىن ئىلىگىرىكى پەيغەمبەرلەر دېگەن ئەڭ ياخشى زىكىر: لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ المُلْكُ وَلَهُ الحَمْدُ وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ) يەككە – يىگانە، ھېچ شېرىكى يوق ئاللاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوق. پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر. بارلىق ھەمدۇسانا ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر) دېگەن زىكىردۇر»([13]).

11.         تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى كەرىز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شەيتان ھېچبىر كۈندە ئەرەفات كۈنىدىكىدەك كىچىك، خار، تۆۋەن ۋە غەزەپناك كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرەفات كۈنى مۇئمىنلەرگە رەھمەتلەرنىڭ ياغقانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. بەدرى كۈنىمۇ شەيتان بىر ئىشنى كۆرۈپ شۇنداق بولغان ئىدى» دېگەن([14]).

يۇقىرىقىلار ئەرافات كۈنىنىڭ پەزىلىتىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەردۇر.

بۇ كۈندە يۇقىرىقى ھەدىستە كەلگەن «يەككە – يىگانە، ھېچ شېرىكى يوق ئاللاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوق. پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر. بارلىق ھەمدۇسانا ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» دېگەن زىكىردىن باشقا ئالاھىدە بىرەر دۇئا ياكى زىكىر يوق. قۇرئان ۋە ھەدىستە كەلگەن دۇئالارنى قىلساقمۇ، خالىغىنىمىزچە تىلىسەكمۇ بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى يۇقىرىقى ھەدىستە كەلگەن «يەككە – يىگانە، ھېچ شېرىكى يوق ئاللاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوق. پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر. بارلىق ھەمدۇسانا ئۇنىڭ ئۈچۈندۇر، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» دېگەن زىكىرنى بايان قىلغاندىن كېيىن بۇ كۈندە نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «مۇشۇ زىكىر ۋە دۇئانى كۆپ قىلىشى مۇستەھەپ بولىدۇ. بۇنىڭدا قاتتىق تىرىشىدۇ. چۈنكى بۇ كۈن دۇئا ئۈچۈن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئەۋزەل كۈندۇر. ھەجنىڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكى ۋە نىشانىمۇ مۇشۇ كۈندۇر. بۇ سەۋەبتىن، بۇ كۈندە زىكىر، دۇئا ۋە قۇرئان تىلاۋىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشى لازىم. دۇئا قىلغاندا تۈرلۈك دۇئالارنى، زىكىر قىلغاندا تۈرلۈك زىكىرلەرنى قىلىپ ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىشى، ھەممە جايدا زىكىر قىلىپ تۇرۇشى، يالغۇز ھالىتىدىمۇ، دۇئا قىلىشى، توپلىشىپمۇ دۇئا قىلىشى، دۇئانى ئۆزىگە، ئاتا – ئانىسىغا، ئۇستازلىرىغا، بۇرادەرلىرىگە، دوست – يارەنلىرىگە، سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە، ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارغا ۋە جىمى مۇسۇلمانلارغا قىلسۇن. بۇ ئىشلاردا بىپەرۋالىق قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىسۇن. چۈنكى باشقا كۈننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولسىمۇ، بۇ كۈننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىش مۇمكىن بولمايدۇ. دۇئا قىلغاندا قاپىيلاشتۇرۇشقا كۈچەپ كەتمىسۇن، چۈنكى ئۇنداق قىلىش دىققەتنى تارتىپ، ئاللاھ تائالاغا يېلىنىش، دىلى سۇنۇقلۇق، خۇشۇ، يالۋۇرۇش ۋە چارىسىزلىك تۇيغۇسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. يادا بىلىدىغان دۇئالارنى ئوقۇپ دۇئا قىلسا قاپىيلاشتۇرۇشقا كۈچەپ كەتمىسە مەيلى. سۈننەت شۇكى، دۇئانى پەس ئاۋازدا قىلىش، كۆپ ئىستىغپار ئېيتىش، بارلىق گۇناھ – مەسىيەتلەردىن چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىش، دۇئانى قاشاڭلىق بىلەن قايتا – قايتا تەكرارلاپ قىلىش، ئىجابەت قىلىنمىدى دەپ ئالدىراپ كەتمەسلىك، دۇئاسىنى ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاش بىلەن باشلاش ۋە شۇنداق ئاياغلاشتۇرۇش. بۇلارنى تاھارەتلىك ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلىشقا تىرىشقاي»([15]).

بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئەرەفاتقا يېتىپ كەلدى ۋە جامائەتكە ئىمام بولۇپ پېشىن نامىزىنى ئوقۇدى. پېشىندىن كېيىن، بىلال يەنە تەكبىر ئېيتتى، ئەسىر نامىزىنى ئوقۇدى. ئۇ ئىككى نامازنىڭ ئارىلىقىدا ھېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. ئاندىن تۆگىسىگە مىنىپ، تۇرماقچى بولغان يەرگە كەلدى ۋە تۆگىسىنىڭ بېقىنىنى يوغان قۇرام تاشقا يېقىن ئەكىلىپ، پىيادىلەر يولىغا ئالدىنى قىلىپ، قىبلىگە يۈزلەندى ۋە كۈن پاتقۇچە شۇ يەردە تۇردى»([16]).

باشقا بىر سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەرافاتتا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلدى. تۆگىسى ئېڭىشىۋىدى، چۇلۋۇرى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۇلۋۇرنى بىر قولى بىلەن ئېلىپ يەنە بىر قولىنى كۆتۈرگىنىچە تۇردى»([17]).

خۇلاسە: بۇ ئۇلۇغ ۋە خاسىيەتلىك كۈندە دۇئا ۋە زىكىردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى بولغاچقا، بىز كۈنلۈك مەشغۇلاتلىرىمىزنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، بۇ كۈندە تائەت – ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش بىلەن بىللە روزا تۇتۇش، سەھەردىن ئاخشامغىچە، ھېچ بولمىسا ئەسىردىن كۈن پاتقۇچە بولسىمۇ دۇئا، زىكىر، تەۋبە – ئىستىغپار بىلەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىشىمىز، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەت ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشىمىزغا، دوزاختىن ئازات قىلىنىشىمىزغا، ئومۇمەن، ئۆزىمىزگە، ئائىلىمىزگە، ئاتا – ئانىلىرىمىزغا، قەۋمى جەمەتىمىزگە ۋە مىللىتىمىزگە، بولۇپمۇ كاپىرلارنىڭ قولىدا قىينىلىۋاتقان ۋەتەندىكى خىش – ئەقرىبا، دوست – بۇرادەرلىرىمىزگە خالىس كۆپ دۇئا قىلىشىمىز تولىمۇ زۆرۈردۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

بىلىمدان-بىلىمزار بىلوگى

#bilidan  #bilimzar, 

No comments:

Post a Comment