Search This Blog

Thursday, August 22, 2019

كېيىنكى قەدەمدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان تېخنىكىلار قايسى؟

كېيىنكى قەدەمدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان تېخنىكىلار قايسى؟


3-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە دۇنيانى ئۆزگەرتكەن غوللۇق 
تېخنىكا ساھەسى قايسى دېگەندە، كۆپىنچىمىز ئىككىلەنمەيلا، ئەلۋەتتە ئىنتېرنېت دەپ جاۋاب بېرىمىز. شۇنداق، ئىنتېرنېت ۋەكىللىكىدىكى تېخنىكىلار. ئەمدى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار بىز ھازىر 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىگە ئۆتۈۋاتىمىز دەيدۇ. مەنچە ئىشقىلىپ 3-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى قۇيرۇقى، 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بېشىدا تۇرۇۋاتىمىز دەپ ئويلايمەن. نېمە ئۈچۈن دېگەندە 2012-يىللاردىن باشلاپ سانائەت 4.0 ھەرىكىتى ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشلاپ، تۈرلۈك سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىلىرىنىڭ سانائەتتە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەقلىيلەشتۈرۈش زور بىر دولقۇن بولۇپ قالدى. ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېيىن، ياكى كەلگۈسىدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان تېخنىكىلار قايسىلاردۇر؟ بىز ھازىرچە نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق ئۈچ چوڭ يېڭى تېخنىكا ساھەسىدە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدۇق. 
  ئۇنداق بولسا نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلار ئىچىدە كېيىنكى قەدەمدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغىنى قايسى؟



2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن، روھىي ئۇرغۇپ تۇرىدىغان تالانتلىق ياشلار 21-ئەسىردىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىكى ئاساسىي قوشۇنغا ئايلىنىپ، يېڭى پەن-تېخنىكىغا تەلۋىلەرچە قىزىقماقتا.

مەن تۇيۇقسىز ئۆزەمنى دەسلەپكى 2G دەۋرىگە قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم، ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە چىقىپ ھاياتىمدىكى تۇنجى يانفون نوكىيا 7650 بار بولدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ 300 مىڭ پىكسېللىق سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى ئېلىپ كەلگەن زىلزىلىنى ئۇنتۇپ قالالمايمەن، يەنە ئاستا-ئۈستىگەسىيرىلىپ ئېچىلغان چاغدىكى قولايلىق ۋە ھەشەمەتچىلىكمۇ بار تېخى. مانا بۇلار ئەينى ۋاقىتتا بىزگە يېڭىلىق ۋە قارا تېخنىكا تۇيۇلاتتى. ئەمما ھازىر ئۇ ھېچقانچە نەرسە ئەمەس. نۇرغۇنلىرى مودىدىن قالدى. كېيىنمۇ شۇنداق بولارمۇ؟ 
2002-يىلىدىن ھازىرغىچە، 20 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، 5G يېتىپ كەلدى. بىز ھازىر 2G نىڭ تاشپاقىدەك ئاستا سۈرئىتىنى ئېنىق ئويلاشقا ئامالسىز قالدۇق. 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارمۇ ئۇ چاغدا نوكىيانىڭ قانچىلىك قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئەلۋەتتە.
يەنە بىر جەھەتتىن دۇنيادا بولۇۋاتقان بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ، ۋاقىت بارغانسېرى ئۇزۇراپ دۇنياغا مىڭ يىل بولغاندەك ھېس قىلدىم.



كېيىنكى قەدەمدە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغىنى نېمە؟
كومپيۇتېر كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنسانلار ئىزچىل دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان كېيىنكى چوڭ ئىشنى ئىزدەۋاتىدۇ. گەرچە نۆۋەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىشلىتىۋاتقان يانفونلار ئەڭ بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرلاردىن تېز بولسىمۇ، ئەمما بۇ دەۋردىكى كىشىلەر يەنىلا دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى ۋە يۆنىلىشى ئۈستىدە ناھايىتى ئاز ئويلىنىدۇ ياكى ئۇنىڭغا بولغان تونۇشى تولىمۇ يۈزەكى.
چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە نەرسە تورى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ "كەلسە-كەلمەس" ئىشلىتىلگەن ئۈچ ئاتالغۇ بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئۈچ تېخنىكىنىڭ قانداق باغلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىز ئارزۇ قىلغان تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ.
بۇ ماقالىدە بۇ ئۇقۇملار قىسقىچە بايان قىلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ سانائەتتىكى مۇھىملىقى، دۇچ كەلگەن توسالغۇلىرى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.



سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇرنىڭ "چوڭ پارتىلىشى"
1989-يىلى، دۇنيا ئۇچۇر تورى (WWW) ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا، ئۆزارا ئۇلىنىدىغان ماشىنىلارنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشقان. 1994-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە GPS ھەقىقىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كومپيۇتېر ۋە ئۇلانما ئۈسكۈنىلەر پەيدا قىلغان سانلىق مەلۇمات مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، بۇ ئۈسكۈنە تورىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى تېزلا جارى قىلدۇرۇلدى.
1999-يىلى نەرسە تورى دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ئالدى بىلەن ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىكى كېۋىن ئاشتون (Kevin Ashton) ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق پەرەز قىلغان: ئەگەر كومپيۇتېر دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر توغرىسىدىكى بىلىملەرنى بىلسە، ئۇنداقتا ئۇلار ھېچقانداق ئىنسانلارنىڭ ياردىمى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى بىمالال ئىشلىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز بارلىق مەزمۇنلارنى ئىز قوغلاپ ھېسابلاپ، ئىسراپچىلىق، زىيان ۋە تەننەرخنى زور دەرىجىدە ئازايتالايمىز.

GPS تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، RFID (رادىيو چاستوتا پەرقلەندۈرۈش) بەلگىسى ئەزالىق كارتىسى سىستېمىسىغا ئىشلىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئالقان كومپيۇتېر بازىرىنىڭ "تېمپېراتۇرىسى" ئۆرلدى، كارخانىلار ئۇلارنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىنى "كۆرەلىدى"، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك شارائىتلار ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىنتايىن ماس كەلگەن ئىدى. بار بولغان تۈرلۈك قۇرال-سايمان بىر تەرەپ قىلىدىغان سانلىق مەلۇمات مىقدارى زىيادە كۆپ بولغاچقا، 2005-يىلى Roger Mougalas (O'Reilly مېدىيا شىركىتىنىڭ بازار تەتقىقات مەسئۇلى) تۇنجى قېتىم چوڭ سانلىق مەلۇمات دېگەن ئاتالغۇنى قوللانغان.
2007-يىلى جوبېس كەشىپ قىلغان iPhone نىڭ بازارغا سېلىنىشى "چوڭ سانلىق مەلۇمات" نىڭ ئىستېمال ساھەسىگە يۈرۈش قىلغانلىقىدىن دېرەك بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، تاقالما ئۈسكۈنىلەر، تاختا كومپيۇتېر ۋە ھەر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىزنىڭ فىزىكا دۇنياسى ۋە رەقەملىك دۇنياغا بولغان قارىشىمىزنى ئۆزگەرتتى.




چوڭ ئۆزگىرىش: سانلىق مەلۇماتنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئەمەلىي قوللىنىلىشى
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ گۈللىنىشىمۇ "رەقەملىك فۇنكسىيە" ئۇقۇمىنىڭ بارلىققا كېلىشگە تۈرتكە بولدى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىممىتى بارغانسېرى ھەممىگە ئايان بولدى. 21-ئەسىردە شىركەتلەر مەخسۇس قۇرغان سانلىق مەلۇمات تارماقلىرى بارلىققا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەشكىللىك باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مەشغۇلات تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەردى.





LatenView Analytics شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە رەئىسى Venkat Viswanathan ئىستېمالچىلار تىجارەت ساھەسىدە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۈچىنى ئەڭ بەك ھېس قىلدى ھەمدە سودا مۇھىتىغا قىزىقىپ قالدى. Viswanathan مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا رەقەملەشكەن سانلىق مەلۇماتلار تېخىمۇ ئىنچىكە بولغاچقا، شىركەت ئىستېمالچىلار ساھەسىدىن ئىجادىيەتكە ئېرىشىۋاتىدۇ ھەمدە ئۇنى كەسىپتە قوللىنىۋاتىدۇ.

سانائەت مۇھىتى تېخنىكا ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاشقا ئىشلىتىلدى، چۈنكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىشلەتسىلا، چۈشۈرگەن تەدبىرلەرگە ھەر ۋاقىت تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بېسىم ھالىتى، تېمپېراتۇرا قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش. كەسپىي سېنزورنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئىنچىكىلەشكەن ۋە ساقلاش تەننەرخى تۆۋەنلىگەن چاغدا، كىشىلەر سانلىق مەلۇماتنى ساقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن تەھلىل قىلىپ ئىشلىتىشنى ئويلىشىدۇ. Viswanathan مۇنداق دەيدۇ: ساقلاش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە بۇلۇتتا ساقلاشنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدىن سەككىز يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بىز ئاخىرى تارىخىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلەش ۋە سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدىكى ئەندىزىنى بايقاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.



چوڭ سانلىق مەلۇمات AI نى چەكسىز مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ
سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ يولغا قويۇشقا بولىدىغان تاللىشىغا ئايلانغان ھامان، بۇلۇت زور ھەم تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات توپلىمىنى توپلىيالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاخىرى پۇختا ئاساسقا ئىگە بولالايدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كۆپ قېتىملىق تەتقىقاتنى باشتىن كەچۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە ھېسابلاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى قىزىقىش ياكى مەبلەغ سېلىشنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
كۆپلىگەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەتقىقاتى بارغانسېرى ئىنچىكە قوللىنىشقا بۆلۈندى، ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزم) ئاساسىي ساھەدە غايەت زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. مەسىلەن، تەبىئىي تىللارنى بىر تەرەپ قىلىش، كومپيۇتېر كۆرۈش سېزىمى ۋە ماشىنا تەرجىمىسى قاتارلىقلار، بۇنىڭ سەۋەبى سانى زور ھەم ئۆگىنىشكە بولىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن بولدى.



مەشىققە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھەر خىل مەنبە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تېز كۆپىيىشى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنى غايەت زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بۇ خىل ھادىسە "سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نامۇۋاپىق ئۈنۈمدارلىقى" دەپ ئاتالدى، بۇ ئاددىي ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزم) بولغان تەقدىردىمۇ، يېتەرلىك سانلىق مەلۇمات بولسىلا، توغرا يەكۈن چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. نەچچە ئون يىللىق خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كومپيۇتېرنىڭ بۇ ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئادەملىشىش ئىپادىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئالاھىدە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا بولىدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا ئاخىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىشقا ئەرزىيدىغان بىر تەرەپ بار بولدى، چۈنكى ئۇ رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قوللىنىلدى.
چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىياتى مۇقەررەر ھالدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، خۇددى قىزىل ياغاچ يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ باش مەسىلە ھەل قىلغۇچى ئەمەلدارى Devin Gharibian-Saki ئېيتقاندەك: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنىڭ يۈرگۈزۈلىشى ئىستاتىستىكا مودېلىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا ئەگەر زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىمىسا، ئۇنداقتا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يۈرۈشتۈرگىلى بولمايدۇ.


نەرسە تورى، AI ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات بىر تەڭگىنىڭ ئۈچ تەرىپى
ھازىر بىز زور مىقداردىكى سېنزور، نەرسە تورى ئۈسكۈنىسى، ھەتتا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، بارلىق كەسپىي ساھەلەردە ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە تەدبىر بەلگىلەش ئېلىپ بارالايمىز. ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىشلەتكۈچىلەر چوقۇم بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسىنى چۈشىنىشى كېرەك. Gharibian-Saki مۇنداق دەيدۇ: "سىز ئەڭ ئاخىرىدا نېمىگە ئېرىشمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چوقۇم بىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا، بارلىق سانلىق مەلۇمات، تېخنىكا ۋە سېنزورنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز بولىدۇ". بولۇپمۇ ئۆلچىگىلى بولىدىغان ھەرقانداق مۇھىتتا، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ يوقاپ كېتىش خەۋپى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. كارخانىلار شۇنى ئەستە تۇتۇشى كېرەككى، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ياكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يەككە-يېگانە ھالدا ياكى ئايرىم قوللىنىپ تېز سۈرئەتتە غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا Gharibian-Saki داۋاملىق مۇنداق دەيدۇ:"بىز ھەمىشە بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان بىر لايىھەنى ئىزدەيمىز، لېكىن نەرسە تورى ئۈسكۈنىسى، سېنزور، ماشىنا ئادەم تېخنىكىسى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىقلار ئوخشاش بىر سىستېمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان بارلىق تەركىبىي قىسىملىرى ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بۇ خىل ئومۇمىي قاراش بولمىسا، بۇ ساھەدە غەلبە قىلىش ياكى باش كۆتۈرۈپ چىقىش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ."



كەلگۈسىدە نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۆزارا يۇغۇرۇلۇپ كېتىدۇ ھەمدە ئاپتوماتلاشقان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ. نەرسە تورى ئۈسكۈنىلىرى نەچچە مىليون ئۆلچەملىك سانلىق مەلۇمات توپلاپ، ئاندىن بۇلۇت ئارىسىدا رەتلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھېسابلاش ئالگورىزمىنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىدۇ. نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۆزارا باغلىنىشلىق بولۇپ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەلگۈسى يېڭى دۇنيادا چوقۇم غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا نەرسە تورى، AI ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات بىر تەڭگىنىڭ ئۈچ تەرىپى (ئالدى،ئارقى ۋە گىرۋىكى) ھېسابلىنىدۇ، دەيمىز.

bilimdan#   
bilimzar#

No comments:

Post a Comment