يىگىت دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە بىلەمسز؟
يىگىت دىگەن
يىگىت دىگەن ئۆز نەپسىنى تۇتۇشنى بىلدىغان،ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەققىنى قوغدىيالايدغان ،باشقىلارنىڭ ھەققىدىن ئىھتىيات قىلالايدىغان بىر ئاق قەلىپنىڭ ئىسمىدۇر
يىگىت دىگەن ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكىلەرنىڭ يىتەكچىسى ،ئاتا-ئانسىنىڭ ۋاپادار ئوغلى،سىڭلىسىنىڭ ياخشى ئاكىسى،ئايالىنىڭ كۈيۈمچان يولدىشى بولغان سەمىمىيەت ئەھلىنىڭ ئىسمىدۇر
يىگىت دىگەن سەمىمىيەت ۋە ساداقەتنى ئەلا بىلگەن ،توغرا يولدىن ئاداشمىغان ۋە ئاداشتۇرمىغان،ئەركەكلىكىگە ماس بولمىغان ئىشتىن ئۇزاق،تىنماس ھەركىتى بىلەن يۇرتىغا بەركەت بولغان بىر جاسارەت ئەھلىنىڭ ئىسمىدۇر
يىگىت دىگەن ئەتراپىدىكى ھەربىر قىزنىڭ كەلگۈسى جەميىتىنىڭ ئانىللىرى ،بولمىش ئۇلۇغلۇق بابىنىڭ گۈل تاجى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىغان ،ئۇلارنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن قورقىدىغان ،ئۇلارنىڭ شەرپىنى ،ئىززىتىنى قوغداشنى شەرەپ بىلدىغان مەرىتلىك ئەھلىنىڭ ئىسمىدۇر
يىگىت دىگەن تۇتقان قۇلىنى مىھىر بىلەن تۇتىدىغان ،ئىگىلىك بىلەن تۇتىدىغان،نىملەرگە ئېرشىش تەمەسىدە ئەمەس،نىملەرنى بىرەلەيدىغانلىقنى ئويلايدىغان ھەم شۇنىڭغا پىداكارلىق بىلەن بېغىشلىيالايدىغان ساداقەت ئەھلىنىڭ ئسمىدۇر
يىگىت دىگەن قىز ئاياللارنى خىزمەتچىسى ئەمەس ئائىلسىنىڭ بەركىتى،ھايات نىشانى،ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ قوش قاناتى بىلدىغان،بىر قىزنى سۆيۈشنىڭ ئەمەليەتتە ئۇنى شەرەپكە ئېرشتۈرۈش قەسىمى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ۋاپا ئەھلىنىڭ ئسمىدۇر
يىگىت دىگەن بىر سۆزى ئۈچۈن جېنىنى بىردىغان،دىيانىتى،ۋەدە قەسىمىنى ئەرلىك غۇرۇرى ۋە ئىززىتى بىلدىغان غۇرۇر ئەھلىنىڭ ئسمىدۇر
يىگىت دىگەن يىگىتلىك سۆزىگە داغ تەككۈزمەيدىغان،يىگىتلكتىن بىر ئاتا،بىر ئانا،بىر قىز ،بىر جەميەت،بىر يۇرىت كۈتىدىغان مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇليەتنى تۇنىغان ۋە ئادا قىلىشقا تىرشىدىغان بىر پىداكار ئەھلىنىڭ ئسمىدۇر
شۇنداق يىگىتلىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن !ئىشلىرىڭلارغا ئۇڭۇشلۇق
!تىنىڭلارسالامەت بولسۇن ئەركەكلەر
قوشۇمچە ھېكىمەت
باشقىلارنىڭ غايىسىنى ھەرگىز زاڭلىق قىلماڭ
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پەرزەنتىڭىز بىلەن ئۆتكەن ۋاقىت ھەرگىز زايا كەتمەيدۇ
ئۆچىرەتتە تۇرغاندا بەزىدە كەينىڭىزدىكى ئادەمنى ئالدىڭىزغا ئۆتكۈزۈپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق
ئائىلە ئەنئەنىسىنى يېنىكلىك بىلەن بۇزۇشقا ئۇرۇنماڭ
رومكا تۇتۇپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشمەڭ
باشقىلارغا نەرسە بەرگەندە ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىن كۆپرەك بېرىڭ، بەرگەندىمۇ خۇشاللىق بىلەن بېرىڭ
ئەجىر سىڭدۈرۈپ ھەقىقەتنى ئىگىلەڭ، بىراق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نەرسىنىڭ قىزغىنلىق ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ
تازىلىق ئىشچىسىغىمۇ خۇددى لىدىرغا مۇئامىلە قىلغاندەك پوزىتسىيەدە بولۇڭ
باشقىلاردىن كەچۈرۈم سورىغاندا قارشى تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەڭ
ئۆزىڭىز ياقتۇرمايدىغان ئادەمنىڭ ياخشى پىكرىنى چەتكە قاقماڭ
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دىگەن گەپ بار
#bilimzar #bilimdan #بىلىمزار بىلىمدان#
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلا
ReplyDelete